« لاۋىيلار »

11

ھالال ۋە ھارام ھايۋانلار

1پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى:

2_ ئىسرائىللارغا ئېيتىڭلار: «يەر يۈزىدىكى جانلىقلاردىن 3تۇيىقى ئاچىماق ھەم كۆشەيدىغان ھەرقانداق ھايۋانلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. 4لېكىن پەقەت كۆشەيدىغان ياكى پەقەت تۇيىقى ئاچىماق ھايۋان بولسىلا يېسەڭلار بولمايدۇ. تۆگە ھارامدۇر، چۈنكى ئۇ كۆشىسىمۇ، ئەمما ئاچىماق تۇياقلىقلارغا كىرمەيدۇ. 5سۇغۇر ھارامدۇر، چۈنكى ئۇ كۆشىسىمۇ، ئەمما ئاچىماق تۇياقلىقلارغا كىرمەيدۇ. 6ياۋا توشقان ھارامدۇر، چۈنكى ئۇ كۆشىسىمۇ، ئەمما ئاچىماق تۇياقلىقلارغا كىرمەيدۇ. 7چوشقا ھارامدۇر، چۈنكى تۇيىقى ئاچىماق بولسىمۇ، ئۇ كۆشىمەيدۇ. 8ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېسەڭلارمۇ، ئۆلۈكىنى تۇتساڭلارمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ھارامدۇر.

9دېڭىز ۋە دەريادىكى قاناتلىق ۋە قاسراقلىق جانلىقلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. 10لېكىن دېڭىز ۋە دەريادىكى ھەرقانداق قاناتسىز ۋە قاسراقسىز جانلىقلاردىن يىرگىنىڭلار. 11ئۇلارنى يىرگىنچلىك دەپ بىلىڭلار، ئۇلارنى يېمەڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىدىنمۇ يىرگىنىڭلار. 12سۇدا ياشايدىغان ھەرقانداق قاناتسىز ۋە قاسراقسىز جانلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر.

13تۆۋەندىكى قۇشلارنى يىرگىنچلىك دەپ بىلىڭلار ھەم قەتئىي يېمەڭلار: بۈركۈت، بارلىق تاپ قۇشلىرى، 14ھەر خىل سار ۋە لاچىن، 15قاغا-قۇزغۇنلار، 16-18ھەر خىل ھۇۋقۇش، چايكا، شۇڭقار تىپىدىكى قۇشلار، قارونا، تازقارا، 19لەيلەك، قوتان تىپىدىكى قۇشلار، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ.

20كۆپ پۇتلۇق ھەم قاناتلىق ھاشارەتلەردىن يىرگىنىڭلار. 21پەقەت ھەم ئۇچىدىغان ھەم سەكرەيدىغان ھاشارەتلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ. 22مەسىلەن: چېكەتكە ۋە قارا چېكەتكە تىپىدىكى ھاشارەتلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ. 23باشقا بارلىق قاناتلىق ھەم ئۆمىلەيدىغان ھاشارەتلەر سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر.

24تۆۋەندىكى جانلىقلار سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 25ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يۆتكىگەنلىكى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن. لېكىن يەنىلا كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.

26تۇيىقى ئاچىماق بولمىغان ھەم كۆشىمەيدىغان ھەرقانداق ھايۋاننى ھارام ھېسابلاڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن ھەرقانداق ئادەم ناپاك ھېسابلىنىدۇ. 27تۆت پۇتتا ماڭىدىغان تاپانلىق ھايۋانلار ھارامدۇر، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن ھەرقانداق ئادەم شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 28ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يۆتكىگەنلىكى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئۇ ھايۋانلار ھارامدۇر.

29-30ئۆمىلىگۈچى جانلىقلاردىن ئاغمىخان، چاشقان، پاتمىچۇق، سالما، ۋاران كەسلەنچۈكى، باشقا ھەر خىل كەسلەنچۈكلەر ۋە خامېلېئون ھارامدۇر. 31يۇقىرىقى ئۆمىلىگۈچى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. ھەرقانداق ئادەم بۇ جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 32ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، مەيلى ئۇ ياغاچ، رەخت، خۇرۇم ياكى ئۆچكە تىۋىتىدا توقۇلغان نەرسە بولسۇن، ئۇلارنى مەيلى قانداق مەقسەتتە ئىشلەتسۇن، ھەممىسى ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنى سۇغا چىلاپ قويسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر، كۈن پاتقاندا ئاندىن ئۇلار پاكلىنىدۇ. 33ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ساپال قاچىنىڭ ئىچىگە چۈشسە، ئىچىدىكى ھەرقانداق نەرسە ھارام بولىدۇ. سىلەر چوقۇم ئۇ ساپال قاچىنى چېقىۋېتىڭلار. 34ئەگەر ئۇ ساپال قاچىدىكى سۇ يېمەكلىككە تېمىپ كەتسە، يېمەكلىك ھارامدۇر. ئىچىملىككە تېمىپ كەتسە، ئىچىملىكمۇ ھارامدۇر. 35بۇ جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكى قانداق نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كەتسە، ئۇ نەرسە ناپاكتۇر، مەيلى تونۇر ياكى ئوچاق بولسۇن، چېقىۋېتىلسۇن. ئۇلار ناپاكتۇر. سىلەر ئۈچۈن ناپاكتۇر. 36لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى بۇلاق ياكى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتسە، سۈيى يەنىلا ھالالدۇر، بىراق ئۆلۈككە تەگكەن كىشى ناپاكتۇر. 37ئەگەر بۇ جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكى تېرىلماقچى بولغان ئۇرۇقنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كەتسە، ئۇرۇق يەنىلا ھالالدۇر. 38لېكىن ئۇرۇق سۇغا چىلاقلىق بولۇپ، ئۆلۈك ئۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتسە، بۇنداق ئۇرۇق ھارامدۇر.

39ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھالال ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن كىشى شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 40ئۇنىڭ گۆشىنى يېگەن ياكى ئۆلۈكىنى يۆتكىگەن كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن، لېكىن يەنىلا شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.

41ئۆمىلىگۈچى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر، ئۇلارنى يېمەڭلار، 42يەنى يەر بېغىرلىغۇچى، تۆت پۇتلۇق، كۆپ پۇتلۇق ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنى يېمەڭلار، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر. 43بۇنداق جانلىقلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغاپ، ناپاك بولماڭلار. 44مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاڭلار، پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن. ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار. 45مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. سىلەر پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن.

46يۇقىرىدىكىلەر ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان، سۇدا ئۈزىدىغان، يەردە ئۆمىلەيدىغان جانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردۇر. 47نېمىنىڭ ھالال، نېمىنىڭ ھارام، نېمىنى يېسە بولىدىغان، نېمىنى يېسە بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئايرىۋېلىڭلار.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى