« لاۋىيلار »

9

روھانىيلارنىڭ خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى

1سەككىزىنچى كۈنى مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى، شۇنداقلا ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتتى. 2ئۇ ھارۇنغا مۇنداق دېدى:

_ سەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن بېجىرىم بىر تورپاق، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوچقارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلگىن. 3ئاندىن ئىسرائىللارغا: «سىلەر گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بولغان بىر ياشلىق تورپاق ۋە بىر ياشلىق قوي، 4ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر بۇقا ۋە بىر قوچقارنى كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قۇربانلىق قىلىڭلار، ھەم بۇلار بىلەن بىرلىكتە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلەرگە زاھىر بولىدۇ» دېگىن.

5شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە قۇربانلىقلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇ يەردە جەم بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشتى. 6مۇسا ئۇلارغا:

_ پەرۋەردىگار مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى ئەمر قىلدى. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى سىلەرگە زاھىر بولىدۇ، _ دېدى.

7ئاندىن مۇسا ھارۇنغا مۇنداق دېدى:

_ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزۈڭ ۋە خەلقىڭنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنغىن. ئاندىن خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنغىن. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدۇر.

8شۇنىڭ بىلەن ھارۇن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تورپاقنى ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىدى. 9ئوغۇللىرى تورپاقنىڭ قېنىنى ئۇنىڭغا ئېلىپ بەردى، ئۇ بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويدى. ئېشىپ قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكتى. 10ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن ئەمرىگە بىنائەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ مايلىرى، بۆرەكلىرى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى. 11گۆش ۋە تېرىسىنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈردى.

12ھارۇن يەنە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن تەييارلانغان قوچقارنى بوغۇزلىدى، ئوغۇللىرى ئۇنىڭ قېنىنى ھارۇنغا سۇنۇپ بەردى، ھارۇن ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى. 13ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ پارچىلىرىنى ۋە بېشىنى ئۇنىڭغا بەردى، ھارۇن ئۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى. 14ئۇ يەنە قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى ۋە پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈردى.

15ئۇنىڭدىن كېيىن خەلقنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى قانداق قىلغان بولسا، خەلقنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بولغان تېكىنىمۇ شۇ بويىچە بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى. 16ئۇ يەنە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، قائىدە بويىچە قۇربانلىق قىلدى. 17ئۇ ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقتىن باشقا يەنە ئاشلىق ھەدىيەسىدىن بىر چاڭگال ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى.

18ھارۇن خەلقنىڭ ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئەكەلگەن بۇقا ۋە قوچقارنىمۇ بوغۇزلىدى. ئاندىن ئوغۇللىرى قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئۇنىڭغا بەردى. ئۇ قانلارنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى. 19ئۇلار بۇقا ۋە قوچقارنىڭ مېيىنى، يەنى قۇيرۇق مېيى، چاۋا مېيى، بۆرەكلىرى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى 20قۇربانلىقلارنىڭ تۆشلىرىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئاندىن ھارۇن بۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى. 21لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھارۇن مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك قۇربانلىقلارنىڭ تۆشلىرى ۋە ئوڭ يانپاشلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرگەنىدى.

22ھارۇن قوللىرىنى كۆتۈرۈپ جامائەتكە بەخت تىلىدى. ئۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئامانلىق قۇربانلىقىنى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇربانلىق سۇپىسىدىن ئايرىلدى. 23مۇسا بىلەن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىردى. ئاندىن چىقىپ خەلققە يەنە بەخت تىلىدى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى پۈتۈن خەلققە زاھىر بولدى. 24شۇ ئەسنادا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن بىر ئوت چىقىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ۋە مايلارنى بىراقلا كۆيدۈرۈۋەتتى. پۈتۈن جامائەت بۇنى كۆرۈپ، خۇشاللىقلىرىدىن چۇقان سېلىشىپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى