« لاۋىيلار »

27

قوشۇمچە بەلگىلىمىلەر

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2-3_ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا مەلۇم بىر ئادەمنى ئاتاشقا ئالاھىدە قەسەم قىلغان بولسا، ئاتالغان ئادەمنىڭ ئىش قىممىتى بويىچە مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچىمىدە پۇل ھەدىيە قىلسۇن: يىگىرمە ياشتىن ئاتمىش ياشقىچە بولغان ئەرلەر ئۈچۈن 600 گىرام كۈمۈش، 4ئاياللار ئۈچۈن 360 گىرام كۈمۈش. 5بەش ياشتىن يىگىرمە ياشقىچە بولغان ئوغۇللار ئۈچۈن 240 گىرام كۈمۈش، قىزلار ئۈچۈن 120 گىرام كۈمۈش. 6بىر ئايلىقتىن بەش ياشقىچە بولغان ئوغۇل بالىلار ئۈچۈن 60 گىرام كۈمۈش، قىز بالىلار ئۈچۈن 36 گىرام كۈمۈش. 7ئاتمىش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئەرلەر ئۈچۈن 180 گىرام كۈمۈش، ئاياللار ئۈچۈن 120 گىرام كۈمۈش. 8ئەگەر قەسەم قىلغۇچى نامراتلىقىدىن قەسىمىنى ئورۇنداشقا كۈچى يەتمىسە، بەلگىلەنگەن ئادەمنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي قەسەم قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن باشقا باھا بېكىتسۇن.

9ئەگەر بىرسى قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋاندىن بىرەرسىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاشقا قەسەم قىلغان بولسا، ئاتالماقچى بولغان ھايۋان مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. 10بۇنداق ھايۋاننى باشقا ھايۋانغا ئالماشتۇرۇشقا ۋە بېجىرىمىنى بېجىرىم بولمىغىنىغا، بېجىرىم بولمىغىنىنى بېجىرىمىغا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئالماشتۇرۇلسا، ھەر ئىككىلىسى مۇقەددەس ھېسابلىنىپ، ماڭا تەۋە بولىدۇ. 11ئەگەر ئاتىماقچى بولغان ھايۋان ھارام ھايۋان بولسا، ئۇنى ماڭا قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتاشقا بولمايدۇ. ئۇنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن. 12روھانىي ئۇنىڭ بېجىرىم ياكى بېجىرىم ئەمەسلىكىگە قاراپ، باھاسىنى بېكىتسۇن. روھانىي قانداق بېكىتسە، شۇنداق بولسۇن. 13ناۋادا ئۇ ئادەم ھايۋاننى قايتۇرۇۋېلىش نىيىتىدە بولسا، روھانىي باھالىغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن.

14ئەگەر بىرسى ئۆيىنى ماڭا ئاتىغان بولسا، روھانىي ئۆينىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ئاساسەن باھاسىنى بېكىتسۇن، روھانىي قانداق بېكىتسە، شۇنداق بولسۇن. 15ئەگەر ئۇ ئۆيىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، روھانىي باھالىغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن، شۇندىلا ئۆي ئۇنىڭ بولىدۇ.

16ئەگەر بىرسى مىراس قالغان زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى ماڭا ئاتىسا، روھانىي يەرنىڭ باھاسىنى يەرگە تېرىلىدىغان ئارپا ئۇرۇقىنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن بېكىتسۇن. 60 كىلو ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەرنىڭ باھاسى 600 گىرام كۈمۈشتۇر. 17ئەگەر ئۇ قۇت يىلىدىن باشلاپ يېرىنى ئاتىغان بولسا، يەرنىڭ باھاسى تولۇق ھېسابلانسۇن. 18ئەگەر ئۇ يېرىنى قۇت يىلىدىن كېيىن ئاتىغان بولسا، روھانىي قۇت يىلىدىن تاكى ئاتىغان يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىللارنى ھېسابلاپ، يەرنىڭ باھاسىدىن ئېلىۋەتسۇن. 19ناۋادا يېرىنى ئاتىغۇچى كېيىن يېرىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، باھالانغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن، شۇندىلا يەر ئۇنىڭ بولىدۇ. 20ئەگەر ئۇ يېرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىماي، باشقىلارغا ساتسا، ئۇ يەرنى ھەرگىز قايتۇرۇۋالالمايدۇ. 21قايتۇرۇۋېلىنمىغان يەر قۇت يىلى كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۈلكى سۈپىتىدە روھانىيلارغا تەۋە بولىدۇ.

22ئەگەر ماڭا ئاتالغان يەر مىراس يەر بولماي، سېتىۋېلىنغان يەر بولسا، 23روھانىي يەر سېتىۋېلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىل سانىغا قاراپ، يەرنىڭ باھاسىنى بېكىتسۇن. يەر ئىگىسى بېكىتىلگەن باھا بويىچە شۇ كۈنى ھەق تۆلىسۇن. پۇل ماڭا ئاتالسۇن. 24قۇت يىلى كەلگەندە يەر ئەسلى ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدۇ، يەنى مىراس ئىگىسىگە قايتىدۇ. 25ھەرقانداق نەرسىنىڭ باھاسىنى باھالىغاندا، مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچەم بىرلىكى ئاساس قىلىنسۇن.

26_ ھايۋانلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغىنى مەن پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇلار ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلمىسۇن، چۈنكى مەيلى كالا، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ بالىسى بولسۇن، بەرىبىر مېنىڭدۇر. 27ھارام ھايۋانلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغىنىنى ئەسلىدىكى باھالىغان باھاغا، يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ. ئەگەر قايتۇرۇپ ئالمىسا، روھانىي بەلگىلىگەن باھا بويىچە سېتىلسۇن.

28مەن پەرۋەردىگارغا مەڭگۈلۈك ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە، يەنى ئادەملەرنىڭ ماڭا ئاتىغان ئادەم، ھايۋان، مىراس يەر قاتارلىق ھەرقانداق نەرسىسىنى ئىگىلىرىنىڭ سېتىشىغا ۋە قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا بولمايدۇ، ماڭا مەڭگۈلۈك ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە ئەڭ مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ.

29ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان گۇناھكارلارنى ھەق تۆلەپ ئۆلۈمدىن خالاس قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلار چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.

30زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر، مەيلى يەردىن ئېلىنغان ھوسۇل بولسۇن، مەيلى دەرەخلەردىكى مېۋىلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ماڭا تەۋەدۇر. بۇلار ماڭا مۇقەددەستۇر. 31ناۋادا ماڭا تەۋە ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى باھاسىغا يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن. 32كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ يېڭى تۇغۇلغانلىرىنىڭ ئوندىن بىرى، يەنى پادىچىنىڭ سانىقىدىن ئۆتكەنلىرىنىڭ ھەربىر ئونىنچىسى ماڭا تەۋە بولۇپ، مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. 33ياخشى-يامىنى سۈرۈشتۈرۈلمىسۇن، ئورنىغا ئالماشتۇرۇلمىسۇن. ئەگەر ئالماشتۇرۇلسا، ئەسلىدىكىسىمۇ، ئالماشتۇرۇلغىنىمۇ مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ، قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

34مانا بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سىناي تېغىدا مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەن ئەمر-پەرمانلىرىدۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى