« قانۇننىڭ تەكرارى »

10

ئىككىنچى قېتىملىق تاش تاختا

1_ ئەينى چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلىغىن، ئۇلار ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش بولسۇن. بىر ياغاچ ساندۇق ياسىغىن، ئاندىن تاغقا چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن. 2سەن چېقىۋەتكەن ھېلىقى تاش تاختىدىكى سۆزلەرنى شۇ ئىككى تاش تاختىغا قايتىدىن يازاي. سەن ئۇلارنى ياغاچ ساندۇقتا ساقلىغىن.» دېدى. 3شۇنىڭ بىلەن مەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىدىم ھەم ئالدىنقىسىغا ئوخشاش قىلىپ ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلاپ، تاغقا ئېلىپ چىقتىم. 4ئىلگىرى خەلقىمىز تاغ ئېتىكىدە جەم بولغاندا، پەرۋەردىگار ئوت ئىچىدىن سىلەرگە ئون پەرزنى بەرگەنىدى. ئۇ، بۇ پەرزلەرنى ئىككى پارچە تاش تاختىغا قايتىدىن يېزىپ، ماڭا بەردى. 5مەن تاغدىن چۈشكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە تاش تاختىلارنى ئۆزۈم ياسىغان ساندۇققا سالدىم. تاش تاختىلار ھازىرمۇ ساندۇقنىڭ ئىچىدە تۇرۇپتۇ.

6(ئىسرائىل خەلقى يائاقانلارنىڭ قۇدۇقلىرى دېگەن يەردىن يولغا چىقىپ، موسېراغا كەلدى. ھارۇن شۇ يەردە ۋاپات بولدى، ئۇ شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئەلئازار ئۇنىڭ ئورنىغا روھانىي بولدى. 7خەلق ئۇ يەردىن يۈرۈپ، گۇدگوداغا باردى، ئاندىن ئېرىقلاردا سۇلار ئېقىپ تۇرغان يوتباتاغا كەلدى. 8خەلق تاغدا بولغان ۋاقىتتا پەرۋەردىگار لاۋىيلارنى تاللاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ئەمر قىلغانىدى. شۇنىڭدىن بېرى لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن خەلققە بەخت تىلەپ كەلمەكتە. بۇ قائىدە ھازىرغىچە ئۆزگەرگىنى يوق. 9شۇڭا ھەرقايسى قەبىلىلەر ئارىسىدا پەقەت لاۋىيلارنىڭ تەقسىملەپ بېرىلگەن زېمىنى يوقتۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر.)

10مەن ئالدىنقىسىغا ئوخشاش، تاغدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردۇم. پەرۋەردىگار مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى بۇ قېتىممۇ ئاڭلاپ، سىلەرنى ھالاك قىلمايدىغان بولدى. 11پەرۋەردىگار ماڭا، «ئورنۇڭدىن تۇرغىن! خەلقنى باشلاپ ماڭغىن! مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلەشكە بېرىڭلار» دېدى.

12ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمدى سىلەردىن ئۆزىدىن ئەيمىنىشىڭلارنى، ئۆزىنىڭ يولىدا مېڭىشىڭلارنى، ئۆزىنى سۆيۈشۈڭلارنى، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىڭلارنى، 13ئۆزىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلىشىڭلارنى كۈتىدۇ. سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن مەن بۈگۈن بۇ ئەمر-پەرمانلارنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. 14قاراڭلار، ئاسمان-زېمىن، ھەتتا ئەرشئەلادىكى بارلىق مەۋجۇدات پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مەنسۇپتۇر. 15لېكىن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرنى پۈتكۈل ئەللەر ئىچىدىن تاللىدى. ئەھۋال مانا بۈگۈن سىلەر كۆرۈپ تۇرغاندەكتۇر. 16شۇڭا قەلبىڭلارنى پاكلاڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن جاھىللىق قىلماڭلار. 17پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، رەبلەرنىڭ رەببىدۇر. ئۇ ئۇلۇغ خۇدادۇر، ھەممىگە قادىردۇر ھەم ھەيۋەتلىكتۇر. ئۇ ئايرىمىچىلىق قىلمايدۇ، پارا ئالمايدۇ. 18پەرۋەردىگار تۇل ئايال، يېتىملەرگە ئادالەتلىكتۇر، ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەرگە كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى يېمەكلىككە، كىيىمگە ئىگە قىلىدۇ. 19شۇڭا، ئاراڭلاردىكى يات خەلقلەرگە كۆيۈنۈڭلار، چۈنكى سىلەرمۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ باققان. 20پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، پەقەت ئۇنىڭ نامى بىلەنلا قەسەم قىلىڭلار. 21مەدھىيە پەقەت پەرۋەردىگارغا خاستۇر، ئۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇر. ئۇنىڭ سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ ۋە ئاجايىپ ئىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. 22بۇرۇن ئەجدادلىرىڭلار مىسىرغا بارغاندا، پەقەت يەتمىش ئادەم ئىدى. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھازىر سىلەرنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى