« قانۇننىڭ تەكرارى »

30

ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەھدىگە ئىتائەت قىلىش

1_ مەن سىلەرگە دېگەن بارلىق بەخت ۋە قارغىشلار بېشىڭلارغا كەلگەندە، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى سۈرگۈن قىلغان ئاشۇ ئەللەردە تۇرۇپ، ئاشۇ ئەھدىنى ئېسىڭلارغا ئېلىڭلار. 2ئۇ چاغدا سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىپ، مەن بۈگۈن يەتكۈزگەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئەمەل قىلساڭلار، 3پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئىچ ئاغرىتىپ، سىلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئۇ سىلەرنى ئۆزى سۈرگۈن قىلغان بارلىق ئەللەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. 4سىلەر دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تارقىلىپ كەتكەن بولساڭلارمۇ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى شۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. 5پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كىرىدۇ. سىلەر ئۇ زېمىنغا ئىگە بولىسىلەر. پەرۋەردىگار سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلاردىنمۇ بەكرەك روناق تاپقۇزۇپ، سانىڭلارنى كۆپەيتىدۇ. 6پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ قەلبلىرىنى پاكلايدۇ. شۇندىلا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن سۆيىسىلەر ۋە ھايات قالىسىلەر. 7پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بارلىق قارغىشلارنى سىلەرنى ئۆچ كۆرىدىغانلار ھەم سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىدۇ. 8سىلەر قايتىدىن پەرۋەردىگارغا ئىتائەتمەن بولىسىلەر، ئۇنىڭ بۈگۈن مەن ئارقىلىق يەتكۈزگەن بارلىق ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىسىلەر. 9-10ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلساڭلار ۋە بۇ قانۇنغا پۈتۈلگەن بارلىق ئەمر-پەرمانلارغا ئەمەل قىلساڭلار، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۇنى ئىزدىسەڭلار، ئۇ بارلىق ئىشىڭلارنى روناق تاپقۇزۇپ، ئۆيۈڭلارنى بالىلارغا، قوتىنىڭلارنى چارۋا ماللارغا تولدۇرىدۇ ۋە ئېتىزىڭلاردىن ئالغان ھوسۇلۇڭلارنى بەرىكەتلىك قىلىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىڭلارنى روناق تاپقۇزغىنىدەك، سىلەرنىمۇ روناق تاپقۇزسا خۇشال بولىدۇ.

11مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىش قىيىنمۇ ئەمەستۇر. ياكى سىلەر يېتىپ بارالمىغۇدەك دەرىجىدە يىراقتىمۇ ئەمەستۇر. 12«كىم ئاسمانغا چىقىپ، ئۇنى ئېلىپ چۈشۈپ، بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ ھەم بىزگە ئىجرا قىلدۇرىدۇ؟» دېگۈدەك، ئۇ ئاسماندا ئەمەستۇر. 13«كىم دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئېلىپ كېلىپ بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ ھەم بىزگە ئىجرا قىلدۇرىدۇ؟» دېگۈدەك دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىدا ئەمەستۇر. 14ئەكسىچە بۇ سۆز سىلەرگە ئىنتايىن يېقىندۇر، ئۇ تىلىڭلار ۋە دىلىڭلاردىدۇر. ئۇنىڭغا ئاسانلا ئەمەل قىلالايسىلەر. 15مەن بۈگۈن ھايات-مامات، بەخت-سائادەت ۋە بالايىئاپەتنى ئالدىڭلارغا قويدۇم. 16مەن بۈگۈن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈشۈڭلارنى، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىشىڭلارنى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە، ئۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن. شۇنداق قىلساڭلار ھايات قالىسىلەر، سانىڭلار كۆپىيىدۇ. سىلەر ئىگىلىگەن زېمىندا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ. 17ئەگەر سىلەر سۆزۈمگە قۇلاق سالماي، يولىدىن چەتنەپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ سەجدە قىلساڭلار، 18مەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، سىلەر چوقۇم ھالاك بولىسىلەر. سىلەر ئىگىلىمەكچى بولغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى زېمىندا ئۇزاق ياشىيالمايسىلەر. 19بۈگۈن مەن ئاسمان-زېمىننى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ، ھايات ياكى ماماتنى، بەخت ياكى قارغىشنى ئالدىڭلارغا قويدۇم. ھاياتلىقنى تاللاڭلار، شۇندىلا سىلەرمۇ ۋە ئەۋلادلىرىڭلارمۇ ھايات قالىدۇ. 20پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر. پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىندا ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى