« قانۇننىڭ تەكرارى »

4

مۇسانىڭ ئىسرائىللارنى خۇداغا ئىتائەت قىلىشقا ئۈندىشى

1_ ئەي ئىسرائىللار، مەن سىلەرگە ئۆگەتمەكچى بولغان قانۇن-نىزاملارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ھايات قالىسىلەر، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇ يەرگە ئىگە بولالايسىلەر. 2مەن سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمگە بىر نەرسە قوشماڭلار ياكى چىقىرىۋەتمەڭلار. مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار.

3سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بائال-پىئوردا قىلغان ئىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. ئۇ ئاراڭلاردىكى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى. 4لېكىن پەرۋەردىگارغا سادىق بولغان ھەممىڭلار بۈگۈنگىچە ھايات قالدىڭلار.

5مەن پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئەمرلىرى بويىچە، ئۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە ئۆگەتتىم. ئۇلارنى سىلەر ئىگىلىگەن زېمىنلاردا ئىجرا قىلىڭلار. 6سىلەر بۇ قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلساڭلار، يات ئەللەرمۇ سىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى بىلىپ يېتىدۇ. ئۇلار بۇ قانۇن-نىزاملارنى ئاڭلاپ: «بۇ ئۇلۇغ خەلق ھەقىقەتەن ئەقىل-پاراسەتلىك ئىكەن» دېيىشىدۇ. 7بىز ھەر قېتىم پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىلتىجا قىلغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە شۇنچىلىك يېقىندۇر. قايسى ئۇلۇغ خەلقنىڭ مۇشۇنداق خۇداسى بار؟ 8قايسى ئۇلۇغ خەلقنىڭ مەن بۈگۈن سىلەرگە ئۆگەتكەندەك شۇنداق ئادالەتلىك قانۇن-نىزاملىرى بار؟

9لېكىن ھوشيار بولۇڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار! ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگىنىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئۇلارنى ئۆمۈر بويى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرىڭلارغا ئېيتىپ بېرىڭلار. 10سىلەر سىناي تېغىدا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ كۈنى، پەرۋەردىگار ماڭا: «خەلقنى ھۇزۇرۇمغا يىغقىن، ئۇلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، مەندىن ئۆمۈر بويى ئەيمىنىشنى ئۆگەنسۇن، پەرزەنتلىرىگىمۇ ئۆگەتسۇن» دېدى. 11سىلەر تاغنىڭ ئېتىكىگە كېلىپ تۇردۇڭلار. تاغ كۆيۈپ، ئوت يالقۇنى ئاسمانغا تاقاشقانىدى. قارا بۇلۇت ۋە قاراڭغۇلۇق تاغنى قاپلىغانىدى. 12پەرۋەردىگار ئوت ئىچىدىن سىلەرگە سۆز قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭلار، لېكىن ئۆزىنى كۆرەلمىدىڭلار. پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلاندى. 13ئۇ سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئەھدىسىنى، يەنى سىلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئون تۈرلۈك پەرزنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇنى ئىككى پارچە تاش تاختىغا يازدى. 14ئەينى چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا بۇ قانۇن-نىزاملارنى سىلەرگە ئۆگىتىشىمنى ۋە بۇ قانۇنلارنى سىلەر ئىگىلىگەن زېمىنلاردا ئىجرا قىلىشىڭلارنى ئەمر قىلدى.

بۇتپەرەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش

15_ پەرۋەردىگار سىناي تېغىدىكى ئوت ئىچىدىن سىلەرگە سۆزلەۋاتقاندا، سىلەر ئۇنىڭ سىياقىنى كۆرمىدىڭلار. شۇڭا سىلەر ئىنتايىن ھوشيار بولۇڭلار، 16سىلەر ئۆزۈڭلارنى بۇلغاپ، بۇت ياسىماڭلار. خۇدانى بىرەر ئەرگە، ئايالغا، 17ياۋايى ھايۋان ياكى ئۇچارقانات، 18يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان ياكى بېلىققا ئوخشىتىپ، ئۇلارنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار. 19پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئالەمدىكى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان قۇياش، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا، ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، چوقۇنماڭلار. 20پەرۋەردىگار سىلەرنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكىدەك قىممەتلىك خەلقى قىلدى.

21سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن پەرۋەردىگار خۇدا ماڭا غەزەپلىنىپ، مېنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزمەسلىككە، سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرمەكچى بولغان ئاشۇ گۈزەل زېمىنغا كىرگۈزمەسلىككە قەسەم قىلدى. 22مەن بۇ يەردە ۋاپات بولىمەن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتەلمەيمەن. لېكىن سىلەر ئۆتۈپ، ئاشۇ گۈزەل زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىسىلەر. 23ھوشيار بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەر خىل نەرسىنىڭ سىياقىدا بۇت ياسىماڭلار. 24چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خۇددى دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوتتۇر، ئۇ قىزغىنىدىغان خۇدادۇر.

25كەلگۈسىدە سىلەر ئۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ، نەۋرە-چەۋرىلىك بولغىنىڭلاردا، ھەر خىل بۇتلارنى ياساپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنى غەزەپلەندۈرمەڭلار. 26ئەگەر مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلمىساڭلار، بۈگۈن ئاسمان-زېمىن سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولسۇنكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشىسىدىكى سىلەر ئىگىلەيدىغان زېمىنىڭلاردا تېز ۋەيران قىلىنىپ، پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر. ئۇ يەردە ئۇزاق ياشىيالمايسىلەر. 27پەرۋەردىگار سىلەرنى باشقا ئەللەرگە تارقىتىۋېتىدۇ. ئۇ ئەللەردە پەقەت بىر قىسمىڭلارلا ئامان قالىسىلەر. 28سىلەر ئۇ يەردە ياغاچ ياكى تاشتىن ياسالغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر، ئۇلار ھېچنېمە كۆرەلمەيدۇ، ئاڭلىيالمايدۇ، يېيەلمەيدۇ ياكى پۇرىيالمايدۇ. 29لېكىن سىلەر ئۇ يەردە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئىزدىسەڭلار، تاپالايسىلەر. 30بۇ ئىشلار بېشىڭلارغا كېلىپ، ئازاب چەككەن ۋاقتىڭلاردا، ئاندىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىسىلەر، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىسىلەر. 31چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا رەھىمدىل خۇدادۇر. ئۇ سىلەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ، ھالاك قىلمايدۇ ھەم ئەجدادلىرىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

پەرۋەردىگاردىن باشقا خۇدا يوق

32_ ئۆتمۈشنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭلار. خۇدا ئىنساننى ياراتقاندىن بېرى، پۈتۈن دۇنيادا مۇشۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپ بېقىپتىمۇ؟ مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كىم ئاڭلاپ بېقىپتۇ؟ 33ئوت ئىچىدىن سۆزلەۋاتقان خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، يەنە ھايات قالغان سىلەرگە ئوخشاش باشقا بىر خەلق بارمۇ؟ 34پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىققىنىدەك، قايسى بىر ئىلاھ بىر ئەلدىن بىر خەلقنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ چىققان؟ ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئاپەت، مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇش ۋە ئادەمگە ۋەھىمە سالىدىغان ئىشلارنى كۆز ئالدىڭلاردا پەيدا قىلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزدى. 35پەرۋەردىگارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۆزىنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۆزىدىن باشقا بىر خۇدانىڭ يوق ئىكەنلىكىنى سىلەرگە بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. 36ئۇ ئەرشتىن ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ، سىلەرگە تەربىيە بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئوتىنى زېمىندا كۆرسەتتى، سىلەرمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئوت ئىچىدىن ئاڭلىدىڭلار. 37ئۇ ئەجدادلىرىڭلارنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرنى تاللىدى. ئۇ شەخسەن ئۆزىنىڭ بۈيۈك كۈچ-قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. 38خۇددى بۈگۈنكىگە ئوخشاش، سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان ئەللەرنى كۆز ئالدىڭلاردا قوغلىۋېتىپ، سىلەرنى ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كىردى. ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەردى. 39شۇڭا سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار ۋە ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگار ئەرشنىڭ ۋە زېمىننىڭ خۇداسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا خۇدا يوقتۇر. 40مەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا ئۇزۇن ياشىيالايسىلەر.

پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر

41_ ئەينى چاغدا مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا ئۈچ شەھەرنى پاناھلىق ئۈچۈن بەلگىلىگەنىدى. 42بىخەستەلىكتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان ۋە ئۆلگۈچى بىلەن ھېچقانداق ئاداۋىتى بولمىغان كىشىلەر بۇ شەھەرلەرگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىناتتى. 43رۇبېن قەبىلىسى ئۈچۈن ئېگىزلىكتىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسى ئۈچۈن گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسى ئۈچۈن باشاندىكى گولان شەھىرى بەلگىلەپ بېرىلگەنىدى.

سىناي تېغىدا يەتكۈزۈلگەن قانۇن-نىزاملار

44تۆۋەندىكىلەر مۇسا ئىسرائىللارغا ئۆگەتكەن قانۇندۇر. 45مۇسا بۇ قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەرنى ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئۆگەتتى. 46ئەينى چاغدا ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى بەيت-پىئورنىڭ قارشى تەرىپىدىكى جىلغىدا تۇراتتى. بۇ يەر ئەسلى خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامور خەلقىنىڭ پادىشاھى سىخونغا قاراشلىق ئىدى. مۇسا ئىسرائىللارنى باشلاپ مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىخوننى مەغلۇپ قىلىپ، 47ئۇنىڭ زېمىنىنى ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. سىخون بىلەن ئوگ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھى ئىدى. 48بۇ ئەللەرنىڭ زېمىنلىرى ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىدىن سىريون تېغىغىچە، يەنى خەرمون تېغىغىچە سوزۇلاتتى. 49شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى پۈتۈن ۋادىلارنى، پىسگاھ تېغى ئېتىكىدىكى ئۆلۈك دېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى