« قانۇننىڭ تەكرارى »

32

مۇسانىڭ مۇناجاتى

1ئەي ئەرشئەلا، قۇلاق سال ماڭا،

ئەي زېمىن، سۆزۈمنى ئاڭلا.

2يۇمران چۆپنى ھۆل قىلغان،

بېدىلەرنى سۇغارغان

يامغۇر كەبى تۆكۈلسۇن تەلىملىرىم،

شەبنەم كەبى چۈشسۇن سۆزلىرىم.

3مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى جاكارلايمەن،

سىلەر خۇدايىمىزنىڭ بۈيۈكلۈكىنى مەدھىيەلەڭلار.

4ئۇ قورام تاشتۇر،

ئۇنىڭ ياراتقانلىرى مۇكەممەلدۇر،

قىلغانلىرى توغرىدۇر.

ئۇ يامانلىق قىلمايدۇ، ساداقەتلىكتۇر،

ئادىل ۋە دۇرۇستۇر.

5لېكىن سىلەر ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار ئۇنىڭغا،

ئەيىبلىكسىلەر، مۇناسىپ ئەمەسسىلەر ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇشقا.

سىلەر چىرىك ۋە رەزىل ئەۋلادتۇرسىلەر.

6ئەي بىلىمسىز، نادانلار،

مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسىلەر پەرۋەردىگارغا؟

ئۇ سىلەرنى ياراتقان ئاتاڭلارغۇ؟

سىلەرنى بىر خەلق قىلدىغۇ؟

7ئەسلەپ بېقىڭلار ئۆتمۈشۈڭلارنى،

سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭلار تارىخىڭلارنى.

سورىساڭلار ئاتاڭلاردىن،

سۈرۈشتۈرسەڭلار ئاقساقاللاردىن،

جاۋاب بېرىدۇ ئۇلار.

8ئۇلۇغ خۇدا ئەللەرگە بەرگەندە زېمىنلارنى،

ئايرىغاندا ئىنسانلارنى،

ئىسرائىللارنىڭ سانى بويىچە

بەلگىلىدى ئەللەرنىڭ چېگرالىرىنى.

9لېكىن ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر،

ياقۇپ ئۇنىڭ مۈلكىدۇر.

10قاقاس چۆللۈكتىن، ياۋايى ھايۋانلار ھۇۋلاپ تۇرىدىغان دالادىن

پەرۋەردىگار تاپتى ئىسرائىللارنى.

باقتى ئۇلارنى، قوغدىدى ئۇلارنى

خۇددى قوغدىغاندەك كۆز قارىچۇقىنى.

11خۇددى بۈركۈت بالىلىرىنى ئۇۋىسىدىن چىقىرىپ،

ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈرگەندەك بالىلىرىنىڭ ئۈستىدە

پەرۋاز قىلدى كېرىپ قاناتلىرىنى،

كۆتۈرۈپ يۈرگەندەك بالىلىرىنى.

12پەرۋەردىگار ئۆزى يالغۇز خەلقىنى باشلاپ ماڭغاندا،

يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى يوق ئىدى يېنىدا.

13ئۇلارنى ئېگىزلىكتىكى يۇرتقا ھاكىم قىلدى،

ئېتىزلىرىنىڭ ھوسۇلىنى يېگۈزدى.

تېتىتتى قىيا تاشتىن بالنىڭ تەمىنى،

تاشلىق يەردىن زەيتۇن يېغىنى.

14كالا قېتىقى، قوي سۈتى ئىچكۈزدى.

يېگۈزدى سېمىز پاقلان،

باشاننىڭ قوي، ئۆچكىلىرىنى

ۋە ئەڭ ئېسىل بۇغدايلارنى.

ئىچكۈزدى ئۈزۈم شارابىنى.

15لېكىن ئىسرائىللار يەپ-ئىچىپ تويۇپ،

سەمرىگەندىن كېيىن ئاسىيلىق قىلدى.

ئۇلارنى ياراتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈدى

ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزغان قورام تاشنى كۆزگە ئىلمىدى.

16يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇنى قىزغاندۇردى،

يىرگىنچلىك بۇتلارغا سېغىنىپ، ئۇنى غەزەپلەندۈردى.

17ئۇلار خۇداغا ئەمەس، جىنلارغا قۇربانلىق قىلدى.

ئۇلار بۇرۇن بىلمىگەن، كېيىن ئاڭلىغان،

ئەجدادلىرى چوقۇنمىغان ئىلاھلارغا چوقۇندى.

18ئۇلار تەرك ئەتتى ئۆزلىرىگە ھاياتلىق بەرگەن خۇدانى،

ئۇنتۇدى ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاشۇ قورام تاشنى.

19كۆرۈپ پەرۋەردىگار بۇ رەزىللىكنى

غەزىپى تېشىپ، ئۆز پەرزەنتلىرىنى تاشلىدى.

20پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«بۇ چىرىك خەلق، ۋاپاسىز ئەۋلاد بىلەن كارىم يوق!

قېنى، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدىكىن، كۆرۈپ باقاي.

21ئۇلار ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى،

ئەرزىمەس بۇتلار بىلەن ئاچچىقىمنى كەلتۈردى.

ئۆز خەلقىم بولمىغان باشقا خەلق ئارقىلىق،

ئۇلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايمەن.

ئۇلار ئەقىلسىز دەپ قارايدىغان خەلق ئارقىلىق،

ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايمەن.

22غەزىپىم ئوتتەك يانماقتا،

ئۆرتەپ تۈگىتەر پۈتۈن جاھاننى.

تۇتىشىپ بۇ ئوت گۆرنىڭ تېگىگىچە

يالماپ يۇتىدۇ تاغلارنى يىلتىزلىرىغىچە.

23ئۇلارنىڭ بېشىغا داۋاملىق بالا كەلتۈرىمەن،

ئوقلىرىمنى ئۇلارغا تۈگىگۈچە ئاتىمەن.

24ئۇلار ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىدۇ.

كېسەللىك ۋە ۋابا ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ،

يىرتقۇچ ھايۋانلارنى، زەھەرلىك يىلانلارنى ئۇلارغا ئەۋەتىمەن.

25سىرتنى قىر-چاپ، ئۆي ئىچىنى قورقۇنچ قاپلايدۇ.

ئوغۇل، قىز، بوۋاق، قېرىلارمۇ ھالاك بولىدۇ.

26مەن ئۇلارنى يوقىتاتتىم،

ئۇلارنى ئالەم ئۇنتۇپ كېتەتتى.

27لېكىن دۈشمەنلەرنىڭ چۈشەنمەي، مازاق قىلىپ:

‹ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگار ئەمەس،

بەلكى بىز مەغلۇپ قىلدۇق› دېيىشىنى خالىمىدىم.

28ئىسرائىللار ئەقىلسىز، ئىدراكسىز خەلقتۇر.

29ئەگەر ئۇلاردا ئەقىل بولسا ئىدى، ھەممىنى چۈشەنگەن،

ئاقىۋىتىنى بىلگەن بولار ئىدى.

30ئەگەر ئۇلارنىڭ قورام تېشى ئۇلارنى سېتىۋەتمىگەن،

پەرۋەردىگار ئۇلارنى تاشلىۋەتمىگەن بولسا،

بىر ئادەم قانداقمۇ مىڭلىغان ئادەمنى،

ئىككى ئادەم قانداقمۇ تۈمەنلىگەن ئادەمنى چېچىۋېتەلىسۇن؟

31دۈشمەنلىرىمىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ قورام تېشىنىڭ

بىزنىڭ قورام تېشىمىزغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

32دۈشمەنلىرىمىز سودوملۇقلارنىڭ نەسلىگە ئوخشايدۇ،

ئۇلار گومورادا ئۆسكەن ئۈزۈم تېلىغا ئوخشايدۇ.

ئۈزۈمىنىڭ دانىلىرى قىرتاق، ساپاقلىرى زەھەردۇر.

33ئۈزۈمىنىڭ شارابلىرى يىلان،

يەنى كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ ئەجەللىك زەھىرىگە ئوخشايدۇ.

34مەن ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىگە نېمە قىلماقچى بولغانلىقىمنى دىلىمدا ساقلايمەن.

ۋاقتى كەلگەندە مەن ئۇلارنى جازالايمەن.

35ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، مەن چوقۇم ئۆچ ئالىمەن.

ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار يىقىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغان كۈنى ئاز قالدى،

ئۇلارنىڭ قىسمىتى تېزلا يېتىپ كېلىدۇ.»

36پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ھالىدىن كەتكەندە،

قۇللارمۇ، ھۆر ئادەملەرمۇ نابۇت بولغاندا،

پەرۋەردىگار خىزمەتكارلىرىغا رەھىم قىلىدۇ،

ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.

37پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ئىلاھلىرىڭلار نەدە؟

سىلەر پاناھلىنىدىغان ‹قورام تېشىڭلار› قەيەردە؟

38سىلەر ئىلاھلىرىڭلارغا قۇربانلىق ياغلارنى سۇندۇڭلار،

شاراب ھەدىيە قىلدىڭلار.

ئۇنداقتا ئۇلار كېلىپ، سىلەرگە ياردەم قىلسۇن،

ئۇلار سىلەرنى قوغدىسۇن!

39بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن.

مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر.

ھايات-مامات مېنىڭ ئىلكىمدىدۇر.

زەخىملىنىشمۇ، ساقىيىشمۇ مەندىندۇر.

ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ.

40مەن قولۇمنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ،

مەڭگۈ مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،

41مەن پارقىراق قىلىچىمنى بىلەپ ئىتتىكلىتىمەن،

ئۇنىڭ بىلەن ئادالەتنى ئورنىتىمەن.

دۈشمەندىن قىساس ئالىمەن،

ماڭا نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ نەپرىتىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرىمەن.

42ئوقلىرىمنى ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن مەست قىلىمەن.

قىلىچىمنى ئۇلارنىڭ گۆشلىرى بىلەن تويدۇرىمەن.

ئەسىرلەرنىڭمۇ قېنىنى تۆكىمەن،

يېتەكچىلىرىنىڭمۇ باشلىرىنى ئالىمەن.»

43ئەي ئەللەر، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار،

چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ.

ئۇ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىپ، زېمىنىنى ۋە خەلقىنى گۇناھتىن پاكلايدۇ.

44مۇسا ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا بۇ مۇناجاتنى جامائەتكە ئوقۇپ بەردى. 45ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى:

46_ مېنىڭ بۈگۈن ئېيتقان بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار. بۇ قانۇندىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىشنى پەرزەنتلىرىڭلارغا بۇيرۇڭلار. 47بۇ سۆزلەر قۇرۇق گەپلەر ئەمەس، بەلكى ھاياتىڭلاردۇر. بۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى سىلەر ئىگىلىگەن زېمىندا ئۇزۇن ياشالايسىلەر.

مۇسانىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى توغرىسىدا

48شۇ كۈنى پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

49_ ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى موئابنىڭ ئابارىم تاغلىرىدىكى نىبو تېغىغا چىققىن. ئۇ يەردىن مەن ئىسرائىللارغا مۈلۈك قىلىپ بەرمەكچى بولغان كەنئان زېمىنىغا نەزەر سالغىن. 50ئاكاڭ ھارۇن ھور تېغىدا ئالەمدىن ئۆتكەندەك، سەنمۇ ئۆزۈڭ چىققان نىبو تېغىدا ئالەمدىن ئۆتىسەن. 51ھارۇن ئىككىڭلار زىن چۆلىدىكى كادېشتا، يەنى مىرىبا سۈيىدە ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا ماڭا ساداقەتسىزلىكىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار ۋە مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىدىڭلار. 52شۇڭا سەن، مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زېمىننى يىراقتىنلا كۆرىسەن، لېكىن ئۇ يەرگە كىرەلمەيسەن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى