« قانۇننىڭ تەكرارى »

7

يات ئەللەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىش

1_ سىلەر ئىگىلەيدىغان زېمىنلارغا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى باشلاپ كىرگەندە، خىت، گىرگاش، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس قاتارلىق سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان يەتتە خەلقنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. 2پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارنى سىلەرگە تاپشۇرغاندا، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىڭلار، تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. ئۇلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىشقا بولمايدۇ. 3ئۇلار بىلەن توي قىلماڭلار، ئۇلارغا قىز بەرمەڭلار ھەم ئۇلاردىن قىز ئالماڭلار. 4چۈنكى ئۇلارنىڭ قىزلىرى ئوغۇللىرىڭلارنى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندۇرسا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۇتۇپ، سىلەرنى تېزلا ھالاك قىلىدۇ. 5سىلەر مۇنداق قىلىڭلار: ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى چۇۋۇۋېتىڭلار، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتتىڭلار، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، باشقا بۇتلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. 6سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئالاھىدە ئاتالغان خەلقسىلەر. پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئارىسىدىن سىلەرنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك خەلقى قىلدى. 7پەرۋەردىگار سىلەرنى سانىڭلارنىڭ باشقا ئەللەردىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تاللىدى. ئەمەلىيەتتە سىلەر جاھاندىكى ئەللەر ئارىسىدا ئەڭ كىچىك بىر خەلق. 8پەرۋەردىگار سىلەرنى سۆيگەنلىكى ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى. 9سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىك خۇدادۇر. ئۇ ئۆز ئەھدىسىدە تۇرۇپ، ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلارنىڭ مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھرىبانلىق قىلىدۇ. 10لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئۆچمەنلىك قىلغانلارغا كېچىكتۈرمەيلا جازا بېرىدۇ، ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ. 11شۇڭا سىلەر مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن پەرز، قانۇن-نىزاملارغا كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلىڭلار.

12ئەگەر سىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنساڭلار، ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە تۇرۇپ، سىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىدۇ. 13ئۇ سىلەرنى سۆيىدۇ، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا نەسلىڭلارنى كۆپەيتىپ، ھەر خىل ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، قوي ۋە كالاڭلارنى مول قىلىدۇ. 14سىلەر پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ بەختلىك خەلق بولىسىلەر. چارۋا ماللىرىڭلار قىسىر قالمايدۇ. 15پەرۋەردىگار سىلەرنى بارلىق ئاغرىق-سىلاقلاردىن، سىلەر مىسىردا كۆرگەن يامان كېسەللەردىن ساقلايدۇ. پەرۋەردىگار بۇ كېسەللەرنى سىلەرنى يامان كۆرگەنلەرگە بېرىدۇ. 16پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا قولۇڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق يات ئەللەرنى ھالاك قىلىڭلار، رەھىم قىلماڭلار. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنماڭلار، چۈنكى ئۇلارغا چوقۇنۇش سىلەرگە بىر تۇزاق بولىدۇ.

17بەلكىم سىلەر كۆڭلۈڭلاردا: «بۇ ئەللەر شۇنداق كۈچلۈك تۇرسا، بىز ئۇلارنى قانداق قوغلاپ چىقىرارمىز؟» دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن. 18ئۇلاردىن قورقماڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ مىسىرغا ۋە پىرئەۋنگە قانداق قىلغانلىقىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار. 19سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قانداق ئېغىر ئاپەتلەرنى چۈشۈرگەنلىكىنى، ئاجايىپ مۆجىزىلىرىنى، كارامەتلىرىنى ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا مىسىرغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەر قورقىۋاتقان بارلىق يات ئەللەرگىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. 20ئۇ ئۇلارنى پاراكەندە قىلىپ، قاچقان ۋە يوشۇرۇنۇۋالغانلارنىمۇ ھالاك قىلىدۇ. 21ئۇلاردىن قورقماڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىدۇر، ئۇ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك خۇدادۇر. 22ئۇ سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇ خەلقلەرنى ئاستا-ئاستا قوغلاپ چىقىرىدۇ. ئۇلارنى دەرھال يوقىتىشىڭلارغا يول قويمايدۇ، بولمىسا ئەتراپىڭلاردا يىرتقۇچ ھايۋانلار كۆپىيىپ كېتىدۇ. 23پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارنى سىلەرگە تاپشۇرىدۇ، تاكى ئۇلار يوقالغۇچە ئۇلارنى ئالاقزادىلىككە سالىدۇ. 24پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندا، ئۇلارنىڭ نامىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىڭلار. ھېچكىم سىلەرنى توسالمايدۇ، ئۇلارنى ھالاك قىلىڭلار. 25ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. بۇتلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە كۆز قىزارتماڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈڭلارنىڭ قىلىۋالماڭلار. چۈنكى بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەر سىلەرنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇلاردىن يىرگىنىدۇ. 26ھەرقانداق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كەلمەڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ ئۇ نەرسىلەرگە ئوخشاش ۋەيران بولىسىلەر. ئۇلاردىن قاتتىق يىرگىنىڭلار ۋە قاتتىق نەپرەتلىنىڭلار. چۈنكى بۇ نەرسىلەر يوقىتىلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەردۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى