« قانۇننىڭ تەكرارى »

23

جامائەتكە كىرگۈزۈلمەيدىغان خەلقلەر توغرىسىدا

1_ ئۇرۇقدېنى زەخىملەنگەن ياكى ئاختا قىلىنغان ئەرلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرگۈزمەڭلار.

2نىكاھسىز تۇغۇلغانلارنى ئونىنچى ئەۋلادىغىچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرگۈزمەڭلار.

3ئاممونلار ۋە موئابلارنى ئونىنچى ئەۋلادىغىچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرگۈزمەڭلار. 4چۈنكى سىلەر مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا ئۇلار سىلەرنى سۇ ۋە يېمەكلىك بىلەن كۈتۈۋالمىدى. ئۇلار ئاررام-ناھارايىمدىكى پىتور شەھىرىدە تۇرىدىغان بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرىپ كېلىپ سىلەرنى قارغاتتى. 5لېكىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بىلئامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىدى، ئەكسىچە قارغىشنى بەختكە ئايلاندۇردى، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە مېھىر-مۇھەببىتى بار ئىدى. 6ھايات بولساڭلارلا ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈ ئامانلىق ۋە ياخشىلىق ئىستىمەڭلار.

7ئىدوملۇقلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، ئۇلار قېرىندىشىڭلاردۇر. مىسىرلىقلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇ زېمىندا مۇساپىر بولۇپ ياشاپ باققان. 8بۇ ئىككى ئەلنىڭ بالىلىرىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئۈچىنچى ئەۋلادى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرسە بولىدۇ.

بارگاھنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش توغرىسىدا

9_ سىلەر لەشكەر باشلاپ، ئۇرۇشقا چىققان ۋاقتىڭلاردا، ھەرقانداق ناپاك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. 10ئەگەر بىرسى كەچتە ئېھتىلام بولۇپ قېلىپ بۇلغانسا، ئۇ بارگاھنىڭ سىرتىغا كېتىپ تۇرسۇن. 11ئەتىسى كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى بويىنى سۇغا سېلىپ، كۈن پاتقاندا بارگاھقا قايتسۇن. 12بارگاھنىڭ سىرتىغا تەرەت قىلىش ئۈچۈن مۇقىم بىر يەرنى بېكىتىڭلار. 13ھەممە ئادەمنىڭ جابدۇقلىرىنىڭ ئىچىدە بىردىن ئوتىغۇچ بولسۇن. چوڭ تەرەت قىلغاندا يەرنى كولاپ، تەرىتىنى كۆمۈۋەتسۇن. 14چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بارگاھىڭلاردا سىلەر بىلەن بىرگىدۇر. ئۇ سىلەرنى قوغداپ، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرىدۇ. شۇڭا بارگاھىڭلار پاك بولسۇن. پەرۋەردىگار سىلەردىن ۋاز كېچىدىغان پەسكەش ئىشلارنى قىلماڭلار.

باشقا ئىشلار توغرىسىدا

15_ ئەگەر بىرەر قۇل باشقا ئەلدىن قېچىپ كېلىپ، سىلەردىن پاناھلىق تىلىسە، قېچىپ كەلگەن قۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرمەڭلار. 16ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرۈپ تاللىغان شەھەردە سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ناھەقچىلىك قىلماڭلار.

17ئىسرائىللاردىن بولغان ئەر ۋە ئاياللار بۇتخانىدا پاھىشىۋازلىق قىلمىسۇن. 18پاھىشە ۋە بەچچىۋازلارنىڭ تاپقان كىرىمىنى ھەدىيە قىلىشقا قەسەم قىلغان نەرسە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئىبادەت جايىغا ئېلىپ كەلمەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلاردىن يىرگىنىدۇ.

19سىلەر قېرىندىشىڭلارغا قەرز بەرگەن پۇل، ئاشلىق ياكى باشقا ھەرقانداق نەرسىلەردىن ئۆسۈم ئالماڭلار. 20سىلەر يات ئەللەردىن ئۆسۈم ئالساڭلار بولىدۇ، لېكىن ئىسرائىل قېرىندىشىڭلاردىن ھەرگىز ئۆسۈم ئالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا قىلغان بارلىق ئىشىڭلارغا بەرىكەت بېرىدۇ.

21ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قەسەم قىلغان بولساڭلار، قەسىمىڭلارنى كېچىكتۈرمەي ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ قىلغان قەسىمىڭلاردا تۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ. تۇرمىساڭلار، گۇناھكار بولىسىلەر. 22ئەگەر قەسەم قىلمىغان بولساڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر. 23لېكىن ئۆزۈڭلار خالاپ قەسەم قىلغان بولساڭلار جەزمەن قەسەمگە ۋاپا قىلىڭلار.

24ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارنىڭ ئۈزۈمزارلىقىغا كىرسەڭلار، ئۈزۈملەردىن خالىغانچە يېسەڭلار بولىدۇ. لېكىن ئۈزۈملەرنى سېۋىتىڭلارغا سېلىپ ئېلىپ چىقىپ كەتمەڭلار. 25ئەگەر ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارنىڭ بۇغدايلىقىغا كىرسەڭلار، ئۇلاردىن ئۈزۈپ، يېسەڭلار بولىدۇ، لېكىن ئورغاق بىلەن ئورۇۋالساڭلار بولمايدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى