« قانۇننىڭ تەكرارى »

22

1ئەگەر ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارنىڭ كالا، قويلىرىنىڭ ئېزىپ قالغانلىقىنى كۆرسەڭلار، كۆرمەسكە سالماي، ئۇلارنى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. 2ئەگەر ئىگىسىنىڭ ئۆيى يىراق بولسا، ياكى ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمىسەڭلار، ئۇلارنى ئۆيۈڭلارغا ئەكېتىپ، ئىگىسى ئىزدەپ كەلگەندە تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. 3ئىسرائىل قېرىندىشىڭلار يوقىتىپ قويغان ئېشەك، كىيىم-كېچەك ياكى باشقا نەرسىلەرنى تېپىۋالساڭلار، يۇقىرىقىدەك بىر تەرەپ قىلىڭلار، كۆرمەسكە سالماڭلار.

4ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارنىڭ ئېشىكى ياكى ئۆكۈزىنىڭ يولدا يىقىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسەڭلار، كۆرمەسكە سالماي، قېرىندىشىڭلارغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنى يۆلىشىپ بېرىڭلار.

5ئاياللار ئەرلەرنىڭ، ئەرلەر ئاياللارنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇنداق ئىشتىن يىرگىنىدۇ.

6ئەگەر يول بويىدا، دەرەخ ئۈستىدە ياكى يەردە ئۇۋىسىدا تۇخۇم ياكى باچكىسىنى بېسىپ ياتقان قۇشنى كۆرسەڭلار، قۇشنى باچكىلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتمەڭلار. 7ناۋادا ئېلىپ كەتسەڭلار، باچكىسىنى ئېلىپ قېلىپ، قۇشنى قويۇۋېتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئىشلىرىڭلار راۋان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.

8يېڭى ئۆي سالغان ۋاقتىڭلاردا ئۆگزىنىڭ تۆت ئەتراپىغا قىر چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭلار، بولمىسا، قان قەرزگە قالىسىلەر.

9ئۈزۈمزارلىقىڭلارغا ئۈزۈمدىن باشقا زىرائەتلەرنى تېرىماڭلار. بولمىسا ھەممىسىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلاشقا توغرا كېلىپ، يېيىش مەنئى قىلىنىدۇ.

10ئۆكۈز بىلەن ئېشەكنى بىرلىكتە ساپانغا قېتىپ يەر ھەيدىمەڭلار.

11قوي يۇڭى ۋە كەندىر تالاسى ئارىلاشتۇرۇلۇپ توقۇلغان كىيىملەرنى كىيمەڭلار.

12كىيىۋالغان تونۇڭلارنىڭ ئېتىكىگە تۆت دانە چۇچا ئېسىۋېلىڭلار.

ئىپپەت توغرىسىدا

13ئەگەر بىرسى ئۆيلىنىپ، توي كېچىسىدىن كېيىن قىزنى ياقتۇرماي، 14ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىپ: «مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندا، ئۇ قىز چىقمىدى» دەپ ئۇنىڭ نامىنى بۇلغىسا، 15قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، قىزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلىسۇن. 16قىزنىڭ ئاتىسى ئاقساقاللارغا: «مەن قىزىمنى بۇ ئادەمگە ياتلىق قىلغانىدىم. ھازىر بۇ ئادەم قىزىمنى ياقتۇرماي، 17‹مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندا ئۇ قىز چىقمىدى› دەپ تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ. لېكىن بىزدە قىزىمنىڭ پاكلىقىنىڭ ئىسپاتى بار» دەپ، قىزى توي كېچىسى ئىشلەتكەن كىرلىكنى ئاقساقاللارغا كۆرسەتسۇن. 18ئاقساقاللار ئۇ ئادەمنى تۇتۇپ كېلىپ، جازالىسۇن. 19ئۇ ئادەم قىزنىڭ ئاتىسىغا تۆلەم ھېسابىدا بىر كىلو كۈمۈش بەرسۇن. چۈنكى، ئۇ بىر پاك ئىسرائىل قىزغا تۆھمەت قىلدى. ئۇ قىز يەنىلا ئۇنىڭ ئايالى بولىدۇ، ئېرىنىڭ ئۆمۈر بويى ئۇنى قويۇۋېتىشىگە ھەققى بولمايدۇ.

20لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ ئەيىبلەشلىرى راست بولۇپ، ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلىيالمىسا، 21ئۇ ئادەم قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. شەھەردىكى ئەرلەر ئۇ قىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. چۈنكى ئۇ قىز تويدىن ئىلگىرى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى شەرمەندە قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.

22ئەگەر بىرسى ئېرى بار ئايال بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، بۇزۇقچىلىق قىلغان ئەر بىلەن ئايالنى ئۆلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىل خەلقىدىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.

23ئەگەر بىرسى شەھەردە توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغان بىر قىز بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، 24ھەر ئىككىلىسىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا ئەكېلىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇ قىز شەھەردە بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ خالىمىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ياردەم سوراپ ۋارقىرىمىغان. ئەرنىمۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار، چۈنكى ئۇ باشقىلارنىڭ ئايالى بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغان. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.

25ئەگەر بىرسى دالادا توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بىر قىزنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان بولسا، ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار. 26لېكىن قىزنى ئۆلتۈرمەڭلار، چۈنكى ئۇ گۇناھسىزدۇر. بۇنداق ۋەقە بىر گۇناھسىز كىشىنىڭ يەنە بىر كىشى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگىنىگە ئوخشاش ۋەقەدۇر. 27ئۇ قىز دالادا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ۋارقىرىسىمۇ قۇتقۇزىدىغان ئادەم يوقتۇر.

28ئەگەر بىر ئادەم توي قىلىشقا پۈتۈشمىگەن بىر قىز بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغاندىن كېيىن بايقىلىپ قالسا، 29بۇ ئادەم قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا يېرىم كىلو كۈمۈش تۆلەم تۆلەپ، قىزنى ئەمرىگە ئالسۇن. بۇ ئادەم قىزنى مەڭگۈ قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ قىز بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغاندۇر.

30ھېچكىم ئاتىسىنىڭ توقىلىنى ئەمرىگە ئالمىسۇن، بۇ ئاتىسىغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى