« قانۇننىڭ تەكرارى »

24

تالاق توغرىسىدا

1_ ئەگەر بىر ئادەم توي قىلغاندىن كېيىن، ئايالىنىڭ بىرەر خاتالىقى سەۋەبىدىن ئۇنى تالاق قىلىپ، قولىغا تالاق خېتىنى يېزىپ بېرىپ، ئۆيىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن بولسا، 2ئۇ ئايال يەنە توي قىلىشى مۇمكىن. 3ناۋادا كېيىنكى ئېرىمۇ ئۇنى ياقتۇرماي، تالاق خېتى يېزىپ بېرىپ، ئۆيىدىن كەتكۈزۈۋەتسە، ياكى كېيىنكى ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، 4ئۇنداقتا بۇرۇنقى ئېرى بۇ ئايالنى قايتا ئەمرىگە ئالمىسۇن، ئۇ ئايال بۇرۇنقى ئېرى ئۈچۈن ناپاكتۇر. ناپاك ئايالنى ئەمرىگە ئېلىش قىلمىشىدىن پەرۋەردىگار يىرگىنىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىننى بۇنداق گۇناھلىق ئىشلار بىلەن بۇلغىماڭلار.

باشقا ئىشلار توغرىسىدا

5يېڭىدىن توي قىلغان ئەرلەر بىر يىلغىچە لەشكەر بولمىسۇن ياكى جامائەت ئىشلىرىنى قىلمىسۇن. ئۇلار بىر يىلغىچە ئۆيىدە قېلىپ، يېڭىدىن توي قىلغان ئايالى بىلەن خۇشال ياشىسۇن.

6قەرزدارنىڭ يارغۇنچاق تېشى قەرز ھېسابىدا گۆرۈگە ئېلىنمىسۇن. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى گۆرۈگە ئالغانغا باراۋەردۇر.

7كىمكى ئىسرائىل قېرىندىشىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى قۇل بولۇشقا مەجبۇرلىسا، ياكى ئۇنى قۇل ئورنىدا ساتسا، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.

8تېرە كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالساڭلار، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلىڭلار. مەن لاۋىيلارغا يەتكۈزگەن تېرە كېسىلى توغرىسىدىكى ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. 9سىلەر مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سەپەردە مەريەمنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئەسلەڭلار.

10ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارغا بىرنەرسە قەرز بەرگەن بولساڭلار، ئۆيىگە كىرىپ، بىر نەرسىلىرىنى گۆرۈ ئۈچۈن ئېلىپ چىقىپ كەتمەڭلار. 11سىلەر تاشقىرىدا كۈتۈپ تۇرۇڭلار. قەرزدار گۆرۈگە قويىدىغان نەرسىسىنى ئېلىپ چىقىپ بېرىدۇ. 12ئەگەر گۆرۈگە قويغۇچى نامرات بولۇپ، ئۆز تونىنى گۆرۈگە قويغان بولسا، توننى كەچ بولغاندا قايتۇرۇپ بېرىڭلار. 13شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئۇ تونىنى يېپىنىپ، ئۇيقۇسىنى ئۇخلىسۇن. ئۇ بۇ ياخشىلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بەخت تىلەيدۇ. سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نەزىرىدىكى ھەق ئىشلارنى قىلغان بولىسىلەر.

14نامرات، بىچارە ئىشلەمچىلەر مەيلى ئىسرائىللاردىن بولسۇن، مەيلى شەھىرىڭلاردا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەققىنى يېمەڭلار. 15ھەر كۈنى كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ شۇ كۈنلۈك ئىش ھەققىنى بېرىڭلار. چۈنكى ئۇلار نامرات بولۇپ، ھەر كۈنلۈك ئىش ھەققىگە تايىنىپ جان ساقلايدۇ. ئەگەر بەرمىسەڭلار، ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە قىلىدۇ، سىلەر گۇناھقا قالىسىلەر.

16بالىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى ئۆلتۈرۈشكە، ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بالىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈشى كېرەك.

17يات خەلقلەر ۋە يېتىملەرگە ئادالەتسىزلىك قىلماڭلار. تۇل ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنى گۆرۈگە ئالماڭلار. 18ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مىسىردا قۇل بولغان ۋاقتىڭلاردا، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا قۇتقۇزغانىدى. شۇڭا مەن سىلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن.

19ئېتىزىڭلاردا بۇغداي ئورغان ۋاقتىڭلاردا، بىر باغلام بۇغداينى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولساڭلار، قايتىپ بېرىپ ئالماڭلار. ئۇنى يېتىم، تۇل ئايال ۋە يات خەلقلەرگە قالدۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەممە ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت بېرىدۇ. 20زەيتۇن قاققان ۋاقتىڭلاردا پەقەت بىر قېتىم قېقىڭلار، قالغانلىرىنى يېتىم، تۇل ئايال، يات خەلقلەرگە قالدۇرۇڭلار. 21ئۈزۈمۈڭلارنى بىر قېتىم ئۈزۈڭلار، قايتا ئۈزمەڭلار. ئۇلارنى يېتىم، تۇل ئايال، يات خەلقلەرگە قالدۇرۇڭلار. 22ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەرمۇ مىسىردا قۇل بولغان، شۇڭا مەن سىلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى