« يەرەمىيا »

17

يەھۇدىيە خەلقىنىڭ گۇناھلىرى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئى يەھۇدىيە خەلقى، گۇناھلىرىڭلار تۆمۈر قەلەم بىلەن تاش يۈرىكىڭلارغا ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىڭلارنىڭ بۇرجەكلىرىگە ئويۇپ يېزىلغاندۇر. 2ھەتتا بالىلىرىڭلارمۇ دۆڭلەر ئۈستىدىكى بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ئاستىغا جايلاشقان ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىغا بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. 3زېمىنىڭلارنىڭ ھەممە يېرى گۇناھقا تولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ زېمىندىكى مۇقەددەس تېغىم بىلەن بارلىق بايلىقىڭلار ۋە مال-مۈلكۈڭلارنى دۈشمەنلىرىڭلارغا ئولجا قىلىپ تاپشۇرۇپ بېرىمەن. 4سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ سەۋەبىدىن، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندىن ئايرىلىپ قالىسىلەر. شۇنداقلا مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلارمۇ بىلمەيدىغان يات زېمىندا دۈشمەنلىرىڭلارغا قۇل قىلىپ بېرىمەن. چۈنكى سىلەر مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار، بۇ غەزەپ مەڭگۈ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا ئوخشايدۇ.»

5پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئىشەنچىنى پەقەت ئىنسانلارغا ئاتىغان، ئادەمنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايانغان، قەلبىدە پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەنلەر لەنەتكە قالسۇن!

6ئۇلار چۆل-جەزىرىدىكى چاتقالغا ئوخشاش گۈللىنىشنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرەلمەيدۇ.

ئۇلار چۆل-باياۋاندىكى ھېچنېمە ياشىيالمايدىغان شورلۇق، قۇرغاق جايلاردا ياشايدۇ.

7لېكىن ماڭا ئىشەنگەن، ئىشەنچىنى ماڭا باغلىغانلار بەخت تاپىدۇ.

8ئۇلار خۇددى دەريا بويلىرىغا تىكىلىپ، يىلتىزلىرى سۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يەتكەن دەرەخلەرگە ئوخشايدۇ.

بۇ دەرەخلەر ئىسسىقتىن قورقمايدۇ، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى دائىم بۈك-باراقسان تۇرىدۇ.

ئۇلار قۇرغاقچىلىقتىن ئەنسىرىمەيدۇ، مېۋە بېرىشتىن ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ.

9ئەڭ ساختا نەرسە ئىنسان نىيىتىدۇر.

ئۇنى ساقايتقىلى بولماس، ھېچكىم ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ.

10مەن پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى سىنايمەن.

مەن ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە قىلغىنىغا لايىق ياندۇرىمەن.

11ئوغرىلاپ كېلىنگەن تۇخۇمدىن تۆرەلگەن كەكلىك ئۇچۇپ كەتكەندەك،

كىشىنىڭ ئادالەتسىزلىك بىلەن توپلىغان مال-دۇنيالىرى يوقىلىپ كېتىدۇ.

ھايات مەزگىلىدە ئۇ مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىدۇ.

ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىر ئەخمەق ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ.»

يەرەمىيانىڭ قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى

12مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدىم:

«بىزنىڭ ئىبادەتخانىمىز ئەزەلدىن تارتىپ ھۆرمەتلىنىپ كېلىنگەن، شان-شەرەپلىك بىر تەختتۇر.

13ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈمىدى. سەندىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ.

سەندىن يۈز ئۆرۈگەنلەر خۇددى ئىسىملىرى چاڭ-توزانغا يېزىلغاندەك يوقىلىدۇ.

چۈنكى ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقى بولغان سەندىن ۋاز كەچكەندۇر.

14ئى پەرۋەردىگار، ئەگەر سەن مېنى ساقايتساڭ، مەن ھەقىقىي ساقايغان بولىمەن،

ئەگەر سەن مېنى قۇتقۇزساڭ، مەن ھەقىقىي قۇتقۇزۇلغان بولىمەن،

مەن سېنىلا مەدھىيەلەيمەن!

15كىشىلەرنىڭ ماڭا نېمە دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغىن.

ئۇلار: ‹قېنى پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە سالغان تەھدىتلىرى؟

نېمە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!› دېيىشىۋاتىدۇ.

16ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ خەلقىڭ ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمىتىمنى تاشلىمىدىم.

مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشۈرۈشۈڭنى خالىمىدىم.

مەن ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىسەن.

17مېنى قورقۇتمىغىن!

سەن مېنىڭ قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىمدىكى پاناھگاھىمدۇرسەن.

18مېنى ئەمەس، بەلكى ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى نومۇستا قالدۇرغىن.

مېنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ۋەھىمىگە قالدۇرغىن.

ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ،

ئۇلارنى بىر ھەسسە ئارتۇق جازا بىلەن ۋەيران قىلغىن!»

دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىش

19پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ يېرۇسالېمدىكى دەرۋازىلارغا بارغىن. ئاۋۋال يەھۇدىيە پادىشاھى كىرىپ-چىقىدىغان دەرۋازىغا _ «خەلقلەر دەرۋازىسى»غا، ئاندىن باشقا بارلىق دەرۋازىلارغا بېرىپ، 20مۇنداق دەپ جاكارلىغىن: «ئەي يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھلىرى، بۇ دەرۋازىلاردىن كىرىپ چىقىۋاتقان يېرۇسالېم خەلقى، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ بارلىق خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! 21پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹جېنىڭلارنى ئەزىز كۆرسەڭلار، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنى ئاڭلاڭلار! دەم ئېلىش كۈنىدە يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىدىن يۈك ئېلىپ كىرىشنى توختىتىڭلار. 22دەم ئېلىش كۈنىدە ئۆيۈڭلاردىن يۈك كۆتۈرۈپ چىقماڭلار! ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار! ئەجدادلىرىڭلارغا ئەمر قىلغىنىمدەك، دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. 23ئەمما سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى، كۆڭۈل بۆلمىدى. ئۇلار جاھىللىق قىلىپ، ماڭا ئىتائەت قىلمىدى ۋە تەربىيەمنى قوبۇل قىلمىدى.

24مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنىدە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن ھېچقانداق يۈك-تاق ئېلىپ كىرمەڭلار. چوقۇم دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار ۋە ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار. 25شۇنداق بولغاندىلا، داۋۇت ئەۋلادىدىن بولغان پادىشاھلار ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بۇ شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىدىن دائىم كىرىپ-چىقىپ تۇرىدۇ. پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرىدۇ ياكى ئاتلارغا مىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقلىرى ھەمراھ بولىدۇ. مۇشۇ شەھەردە ياشايدىغانلار مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ. 26يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدىن، بىنيامىن زېمىنلىرىدىن، غەربىي ئېدىرلىقلاردىن، تاغلىق رايونلاردىن ۋە نەگېب چۆللۈكىدىن خەلقلەر كېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىسرىقلارنى سۇنىدۇ. ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. 27لېكىن سىلەر چوقۇم ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار ۋە دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. ئۇ كۈنى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىدىن ھېچقانداق يۈك-تاق ئېلىپ كىرمەڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىغا ئوت قويىمەن. ئوت يېرۇسالېمنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم ئۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.›»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى