« يەرەمىيا »

7

يەرەمىيانىڭ ئىبادەتخانىدا سۆز قىلىشى

1پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا بىر ۋەھىي كەلدى. 2پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىدا تۇرۇپ، يەھۇدىيە خەلقىگە تۆۋەندىكى سۆزلەرنى جاكارلاشنى بۇيرۇدى:

«ئەي بۇ يەرگە ئىبادەت قىلىشقا كىرگەن بارلىق يەھۇدىيە خەلقى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. 3بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئەگەر سىلەر يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، مېنىڭ يولۇمغا قايتساڭلار، مەن سىلەرنىڭ ئۆز زېمىنىڭلاردا ياشىشىڭلارغا يول قويىمەن. 4سىلەر: ‹پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇ يەردە! پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇ يەردە! شۇڭا بىز ئامان-ئېسەن بولىمىز!› دېگەن يالغان سۆزلەرگە ئىشەنمەڭلار.

5ئەگەر سىلەر ھەقىقەتەن يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، مېنىڭ يولۇمغا قايتساڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلساڭلار، 6زېمىنىڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنى، يېتىم بالىلارنى، تۇل ئاياللارنى بوزەك قىلمىساڭلار، بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈشتىن قول ئۈزسەڭلار، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزمىسەڭلار، 7مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا مەڭگۈلۈك ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا داۋاملىق ياشىشىڭلارغا يول قويىمەن.

8قاراڭلار! سىلەر سىلەرنى قۇتقۇزالمايدىغان يالغان سۆزلەرگە ئىشىنىسىلەر. 9ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىسىلەر، قەسەم بەرگەندە يالغان سۆزلەيسىلەر، بائالنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىسىلەر، ئۆزۈڭلار بىلمىگەن يات ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر. 10ئاندىن سىلەر مېنىڭ نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا كېلىپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا تۇرۇپ: ‹بۇ يەردە بىز تىنچ-ئامان!› دەيسىلەر. سىلەر ھەممە يىرگىنچلىك گۇناھلارنى قىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۆزۈڭلارنى ئامان-ئېسەن ھېس قىلامسىلەر؟ 11مېنىڭ نامىمغا ئاتالغان بۇ ئىبادەتخانا بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىمۇ؟ سىلەرگە ئېيتايكى، مەن سىلەرنىڭ قىلغان ھەرقانداق رەزىل ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن. 12بۇرۇن مەن ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلارغا يول قويغان شىلوغا بېرىڭلار. خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ قىلغان رەزىل ئىشلىرى تۈپەيلىدىن، مېنىڭ ئۇ يەرنى قانداق ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىمنى كۆرۈڭلار. 13مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىۋاتىمەن، سىلەر نۇرغۇن رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭلار، مېنىڭ قايتا-قايتا ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار. مەن سىلەرنى توۋا قىلىشقا چاقىرغاندا، سىلەر جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدىڭلار! 14شۇڭا مەن، مېنىڭ نامىمغا ئاتالغان، سىلەر ‹بىزنى قوغدايدۇ› دەپ ئىشەنگەن بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىمەن. مەن سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ يەرنى، شىلونى ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلىمەن. 15ھەمدە سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنى قوغلىغاندەك، سىلەرنىمۇ كۆز ئالدىمدىن قوغلاپ چىقىرىمەن.»

خەلقنىڭ ئىتائەتسىزلىكى

16ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

_ ئەي يەرەمىيا، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما! ئۇلارنىڭ ئورنىدا ماڭا يىغلاپ ئىلتىجا قىلما! ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە مەندىن ئۆتۈنمە. چۈنكى مەن دۇئايىڭنى ئاڭلىمايمەن. 17سەن ئۇلارنىڭ يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ 18بالىلار ئوتۇن يىغىۋاتىدۇ، ئاتىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئوتلارنى يېقىۋاتىدۇ. ئاياللار «جەننەت خانىشى» دەپ ئاتالغان ئايال ئىلاھقا ئاتاپ پېچىنە-پىرەنىكلەر پىشۇرۇش ئۈچۈن خېمىر يۇغۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە باشقا ئىلاھلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار ھەممە ئىشلارنى مېنى غەزەپلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلدى. 19بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئۇلار ماڭا ئەمەس، ئۆزلىرىگە زەرەر كەلتۈرمەكتە. ئۇلار ئۆزلىرىنى شەرمەندە قىلماقتا! 20شۇڭا مەن دەيمەنكى، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى بۇ زېمىنغا، يەنى بۇ زېمىندىكى ئىنسانلار، ھايۋاناتلار، شۇنداقلا دەل-دەرەخلەر ۋە زىرائەتلەرگە ياغدۇرىمەن. غەزەپ-نەپرىتىم ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ئوتتەك يالقۇنلايدۇ.

21قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقىڭلارنى ماڭا ئاتىماڭلار، ئېلىپ كېتىپ، ئۆزۈڭلار يەڭلار! 22مەن ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا، ئۇلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ھەدىيە تەلەپ قىلمىغانىدىم. 23لېكىن مەن ئۇلارغا: ‹ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار، شۇندىلا مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر ھەم مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەن باشلىغان يولدا ماڭساڭلار، ئىشلىرىڭلار راۋان بولىدۇ› دەپ بۇيرۇغانىدىم. 24لېكىن ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلمىدى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى. ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ رەزىل كۆڭۈللىرىدىكى جاھىل ئىستەكلىرىگە ئەگەشتى. ئۇلار ئالدىغا ماڭماي ئارقىغا چېكىنىپ كەتتى. 25ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن ئايرىلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، سىلەرگە خىزمەتكارىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. 26لېكىن ھېچقايسىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەتتا ئېتىبارمۇ قىلمىدىڭلار. سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جاھىل ۋە ئاسىي بولدۇڭلار.»

27پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ سەن مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈزگىنىڭدە، ئۇلار ساڭا قۇلاق سالمايدۇ، ئۇلارنى چاقىرغىنىڭدا، ئۇلار ئۈندىمەيدۇ. 28شۇڭا ئۇلارغا: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىتائەت قىلمايدىغان، تەنبىھنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر خەلقتۇرسىلەر. سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلاردىن ھەقىقەتنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئاغزىڭلاردىن ھەق سۆز چىقمايدۇ. 29شۇڭا ئەي يېرۇسالېملىقلار، ماتەم تۇتۇپ، چاچلىرىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار! تاقىر تاغلارغا چىقىپ ماتەم ناخشىسىنى ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار غەزەپلىنىپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەرنى رەت قىلدى ۋە ئۇلارنى تاشلىۋەتتى» دېگىن.

30پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ خەلق كۆز ئالدىمدا رەزىل ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى. 31ئۇلار بەنھىننوم جىلغىسىنىڭ توفەت دېگەن يېرىگە سەجدىگاھلارنى سېلىپ، ئۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈردى! مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق قۇربانلىق قىلىشىنى ئەمر قىلمىغانىدىم. ھەتتا ئۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. 32شۇڭا ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇ يەر ئۇزۇنغا قالماي توفەت ياكى بەنھىننوم جىلغىسى دەپ ئاتالمايدۇ، بەلكى ‹قىرغىنچىلىق جىلغىسى› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەردە جەسەتلەرنى كۆمگۈدەك يەرمۇ قالمايدۇ. 33بۇ خەلقنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى قوغلىۋېتىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. 34مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدىكى خۇشاللىق سادالىرىنى، كۈلكە ئاۋازلىرىنى ۋە توي تەنتەنىلىرىنى يوق قىلىمەن. بۇ زېمىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى