« يەرەمىيا »

41

گىداليانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

1شۇ يىلنىڭ كۈز پەسلىدە ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، يەنى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئون ئادەمنى باشلاپ، مىزپاھ شەھىرىدىكى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانىڭ يېنىغا باردى. ئىسمائىل پادىشاھ جەمەتىدىن بولۇپ، پادىشاھ زىدقىيانىڭ باش سەركەردىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇلار مىزپاھتا گىداليا بىلەن غىزالىنىۋاتقاندا، 2نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئون ئادەم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، قىلىچلىرىنى چىقىرىپ، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا، يەنى بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 3ئىسمائىل يەنە مىزپاھتا گىداليا بىلەن بىللە تۇرغان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر ۋە ئۇ يەردىكى بابىل لەشكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

4گىداليانىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىك خەۋىرى تارقالماي تۇرۇپ، ئەتىسى 5سەكسەن ئادەم شەكەم، شىلو ۋە سامارىيە شەھەرلىرىدىن يېتىپ كەلدى. ئۇلار يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەيران بولغان ئىبادەتخانىسىغا قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، بەدەنلىرىنى تىلغانىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىسرىق سالماقچىدى. 6نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل مىزپاھتىن چىقىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. ئۇ يالغاندىن يىغلىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى:

_ مەن بىلەن بىرگە ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىڭلار.

7لېكىن ئۇلار شەھەرگە كىرگەن ھامان، نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن ئادەملەر ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلىرىنى سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋەتتى. 8لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئون ئادەم ئىسمائىلغا:

_ بىزنى ئۆلتۈرمە! بىز ساڭا ئېتىزلىقلارغا يوشۇرۇپ قويغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن يېغى ۋە ھەسىلىمىزنى بېرەيلى، _ دېدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرمەي ھايات قالدۇردى. 9ئىسمائىل جەسەتلەرنى تاشلىۋەتكەن ھېلىقى سۇ ئامبىرىنى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بۇرۇنقى چاغلاردا ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشانىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدانغان ۋاقتىدا قازدۇرغانىدى. ھازىر نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل بۇ سۇ ئامبىرىنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇردى.

10ئاندىن ئىسمائىل يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان قىز-ئاياللار ۋە مىزپاھتا قالغان باشقا بارلىق كىشىلەرنى تۇتۇپ، ئاممون زېمىنىغا قاراپ، قېچىپ كەتتى. قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان بۇ كىشىلەردىن خەۋەر ئېلىشىنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا تاپشۇرغانىدى.

11نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلىرىدىن خەۋەر تاپقان قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى باشقا قوشۇن سەركەردىلىرى 12قوشۇنلىرىنى باشلاپ، ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئۇلار گىبئوندىكى چوڭ كۆلىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى. 13ئىسمائىل تۇتقۇن قىلىۋالغان كىشىلەر قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن قوشۇن سەركەردىلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدى. 14ئىسمائىل مىزپاھتىن تۇتۇپ كەلگەن بارلىق كىشىلەر قېچىپ، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخاناننىڭ يېنىغا بېرىۋالدى. 15لېكىن نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل سەككىز ئادىمى بىلەن بىرگە يوخاناندىن ئاممون زېمىنىغا قېچىپ كەتتى.

16ئۇنىڭدىن كېيىن، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى گىبئوندا قۇتقۇزۇپ قالغان ھەممە كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لەشكەرلەر، ئاياللار، بالىلار ۋە بەزى ئەمەلدارلار بار بولۇپ، بۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر ئىدى. 17ئۇلار مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار بەيتلەھەم شەھىرىنىڭ يېنىدىكى گېرۇت-كىمھام دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايدا توختىدى. 18ئۇلار بابىللىقلاردىن قورقاتتى، چۈنكى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى