« يەرەمىيا »

4

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ئىسرائىللار، ئەگەر مېنىڭ يولۇمغا قايتماقچى بولساڭلار،

سىلەر چوقۇم بۇ يىرگىنچلىك بۇتلارنى كۆزۈمدىن يوقىتىشىڭلار

ۋە قايتا مېنىڭ يولۇمدىن ئەسلا ئازماسلىقىڭلار كېرەك.

2مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلغاندا، سەمىمىيلىك، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن قىلىڭلار.

ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، باشقا ئەللەرمۇ ئالدىمغا كېلىپ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ.

ئۇلار مەندىن پەخىرلىنىدۇ.»

3پەرۋەردىگار يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ:

«قەلب ئېتىزىڭلارنى يۇمشىتىڭلار،

تىكەنلىككە ئۇرۇق چاچماڭلار.

4ئەي، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقى،

سىلەر خەتنە قىلىپ، خەلقىم بولغانىكەنسىلەر،

قەلبىڭلارنى پاكلاپ، ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاڭلار.

ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، قىلغان رەزىللىكىڭلار ئۈچۈن،

غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ،

ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.»

شىمالدىن كەلگەن بالا-قازا

5پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ خەۋەرنى يەھۇدىيەگە ۋە يېرۇسالېم خەلقىگە ئۇقتۇرغىن:

‹پۈتۈن زېمىندا بۇرغا چېلىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا جاكارلاڭلار،

خەلق يىغىلسۇن! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرسۇن!

6خەلق بەلگە تۇغىنى كۆتۈرۈپ سىئون تېغىغا بارسۇن.

جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كېچىكمەڭلار!

چۈنكى مەن شىمالدىن ئاپەت ئېلىپ كەلمەكتىمەن.

زور ۋەيرانچىلىق بولىدۇ.›»

7شىر ئۇۋىسىدىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ،

خەلقلەرنى ۋەيران قىلغۇچى يولغا چىقتى.

ئۇ كېلىپ، سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلماقچى.

شەھەرلىرىڭلار ۋەيران قىلىنىدۇ ۋە ئۇ يەرلەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.

8شۇڭا ماتەملىك كىيىملىرىڭلارنى كىيىپ، قايغۇرۇپ، ھازا تۇتۇڭلار.

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە بولغان غەزىپى تېخى بېسىلمىدى.

9پەرۋەردىگار: «شۇ كۈنى پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار ئۆز جاسارەتلىرىنى يوقىتىدۇ،

روھانىيلار داڭ قېتىپ قالىدۇ، پەيغەمبەرلەر ھەيرانلىقتا قالىدۇ» دەيدۇ.

10مەن:

_ ئى پەرۋەردىگار خۇدا، سەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى خەلقلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن: «سىلەر ئامان قالىسىلەر!» دەپ ئالدىشىغا يول قويغانىدىڭ. ئەمەلىيەتتە قىلىچ گېلىمىزغا ئاللىقاچان تەڭلىنىپ بولغانىدى! _ دېدىم.

11ئۇ كۈن كەلگەندە، پەرۋەردىگار يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقىگە:

«قۇملۇقتىن چىققان بىر ئىسسىق شامال خەلقىمگە ئۇرۇلىدۇ.

ئۇ ئاشلىق سورۇشقا كېرەك بولغان مەيىن شامال ئەمەس،

12بەلكى ئۇ مەن چىقارغان ناھايىتى كۈچلۈك بىر بوراندۇر.

مەن ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن.» دەيدۇ.

13قاراڭلار، دۈشمەن قارا بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ.

ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قۇيۇندەك كېلىدۇ.

ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېز چاپىدۇ.

ھالىمىزغا ۋاي! بىز ۋەيران بولىمىز!

14ئەي يېرۇسالېم خەلقى، قەلبىڭلاردىكى رەزىللىكلەرنى يۇيۇۋېتىڭلار، شۇندىلا ئامان قالىسىلەر.

يامان نىيەتلىرىڭلارنى يەنە قاچانغىچە قەلبىڭلاردا ساقلايسىلەر؟

15شىمالدىكى دان شەھىرىدىن ۋە ئەفرايىم تاغلىق رايونلىرىدىن

ئەلچىلەر كېلىپ شۇم خەۋەرلەرنى جاكارلايدۇ.

16پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەتراپتىكى ئەللەرنى بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغىن.

بۇنى يېرۇسالېمغا جاكارلىغىن.

يىراق ئەلدىن دۈشمەن قوشۇنلىرى كېلىۋاتىدۇ.

ئۇلار يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن سۈرەن سېلىپ كېلىۋاتىدۇ.

17يەھۇدىيە ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن،

خۇددى ئادەملەر ئېتىزلىقىنى چۆرىدەپ قورشىغاندەك، دۈشمەن ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ.

18ئەي خەلقىم، تۇتقان يولۇڭلار ۋە قىلغان قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن بۇ ئاپەت بېشىڭلارغا چۈشىدۇ.

بۇ سىلەرنىڭ جازايىڭلار، بۇ ئېچىنىشلىق ئىش.

ئۇ سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلارغا سانجىلىدۇ.»

19مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم:

«بۇ بىر ئازاب! مەن بۇ ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەيمەن!

ۋاي يۈرىكىم! يۈرىكىم قاتتىق سوقۇۋاتىدۇ!

مەن سۆزلىمەي تۇرالمايمەن.

مەن دۈشمەننىڭ بۇرغا ۋە جەڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاۋاتىمەن.

20پۈتكۈل زېمىن تاكى ۋەيران بولغۇچە،

ئاپەتلەر بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى توختىماي يۈز بېرىدۇ.

توساتتىن بارلىق چېدىرلىرىمىز ۋەيران بولىدۇ.

چېدىرغا يېپىلغان كىگىزلەرمۇ تۇيۇقسىز يىرتىلىپ كېتىدۇ.

21مەن قاچانغىچە ئۇرۇش تۇغلىرىنى كۆرۈپ، جەڭ بۇرغىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلارمەن؟»

22پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى:

«خەلقىم ھاماقەت، ئۇلار مېنى تونۇمايدۇ.

ئۇلار ئەخمەق، ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ.

ئۇلار رەزىل ئىش قىلىشنىڭ پىرلىرىدۇر

ئۇلار ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ.»

23مەن مۇنداق دېدىم:

«مەن زېمىنغا قارىدىم، ھېچ نېمە يوق، قاقاسلىق ئىدى.

مەن ئاسمانغا قارىدىم، يورۇقلۇق يوق ئىدى.

24مەن تاغلارغا قارىدىم، ئۇلار سىلكىنىۋاتاتتى.

ھەممە ئېگىزلىكلەر تەۋرىنىۋاتاتتى.

25مەن تۆت ئەتراپقا قارىدىم، ئادەم يوق ئىدى،

ئاسماندىكى جىمى قۇشلار ئۇچۇپ كەتكەنىدى.

26مەن مۇنبەت زېمىنلارغا قارىدىم، ئۇ چۆلگە ئايلانغانىدى.

پەرۋەردىگارنىڭ دەھشەتلىك غەزىپىدىن زېمىندىكى بارلىق شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلانغانىدى.»

27پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«پۈتۈن زېمىن خارابىلىككە ئايلىنىدۇ،

شۇنداقتىمۇ مەن ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن.

28زېمىن ھازا تۇتىدۇ، ئاسمان قاراڭغۇلۇققا چۆكىدۇ.

مەن مەقسىتىمنى ئوچۇق ئېيتتىم ۋە قارار قىلدىم.

قارارىمنى ئۆزگەرتمەيمەن.»

29شەھەردىكى بارلىق كىشىلەر ئاتلىقلار ۋە ئوقياچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا،

قورقۇپ قېچىپ كېتىدۇ.

ئۇلار ئورمانلىقلارغا قاچىدۇ، قورام تاشلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ.

پۈتۈن شەھەرلەر تاشلاندۇق يەرگە ئايلىنىدۇ،

ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىمايدۇ.

30ئەي يېرۇسالېم، سەن ھالاكەتكە يۈزلەندىڭ!

نېمە ئۈچۈن شۇنچە روشەن، قىپقىزىل كىيىنىۋالىسەن؟

نېمە ئۈچۈن ئالتۇن زىبۇ-زىننەت تاقاپ، كۆزلىرىڭنى بويىۋالىسەن؟

سەن بىكاردىن-بىكار ياسىنىۋاتىسەن!

سېنى سۆيگەن ئىتتىپاقداشلىرىڭ ئەمدى سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ،

ئۇلار سېنىڭ جېنىڭغا قەست قىلماقچى.

31مەن خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يىغىسىنى،

تۇنجى بالىسىنى تۇغۇش ئۈچۈن ئىڭرىغان بىر ئايالنىڭ ئىڭرىشىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم.

بۇ، گۈزەل يېرۇسالېمنىڭ نەپىسى بوغۇلۇپ قوللىرىنى كۆككە سوزۇپ،

«ھالىمغا ۋاي! مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ!» دەپ يىغلىغان ئاۋازى ئىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى