« يەرەمىيا »

36

يەرەمىيا يازدۇرغان ئورام يازمىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى

1يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق ۋەھىي كەلدى:

2_ سەن تېرە پارچىلىرىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا يوشىيا پادىشاھ بولغان چاغدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە، شۇنداقلا باشقا بارلىق ئەللەر توغرىسىدا ساڭا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى يېزىپ چىققىن. 3بەلكىم يەھۇدىيە خەلقى مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرمەكچى بولغان بارلىق بالايىئاپەتلەرنى ئاڭلىغىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ قايتىشى مۇمكىن. شۇنداق قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرى ۋە گۇناھلىرىنى كەچۈرىمەن.

4شۇنداق قىلىپ، يەرەمىيا نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەردى. بارۇك ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تېرىگە پۈتۈپ چىقتى.

5يەرەمىيا بارۇكقا مۇنداق دېدى:

_ مېنىڭ ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىشىم مەنئى قىلىندى. 6شۇڭا يەھۇدىيەدىكى بارلىق كىشىلەر ئۆز شەھەرلىرىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا روزا تۇتقىلى كەلگەن كۈندە، سەن ئۇ يەرگە بارغىن. ئۇلارغا مەن ساڭا ئېيتقان، يەنى سەن تېرىگە پۈتكەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ بەرگىن. ھەممە ئادەم ئاڭلىغۇدەك ئۈنلۈك ئوقۇغىن. 7شۇندا، ئۇلار پەرۋەردىگاردىن رەھىم-شەپقەت تىلەپ، قىلىۋاتقان بارلىق رەزىل ئىشلىرىنى توختىتىشى مۇمكىن. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ خەلققە ئۆزىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى ياغدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغان.

8شۇنىڭ بىلەن نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئىش قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا تېرىگە پۈتۈلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى. 9يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان كىشىلەر ۋە يەھۇدىيە شەھەرلىرىدىن يېرۇسالېمغا كەلگەن باشقا كىشىلەر ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلاشقا ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا روزا تۇتۇشقا كەلگەنىدى. يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 5-يىلى قىشتا، بۇ روزا تۇتۇش جاكارلانغانىدى. 10ئۇ ۋاقىتتا بارۇك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، پۈتۈكچى شافاننىڭ ئوغلى گىماريانىڭ ھۇجرىسىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇردى. بۇ ھۇجرا يېڭى دەرۋازا يېنىدىكى ئۈستۈنكى ھويلىدا ئىدى. ئۇ يەردە بارلىق ئادەملەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايتتى. ئۇ ئورام يازمىنى ئېچىپ، يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

11گىماريانىڭ ئوغلى، يەنى شافاننىڭ نەۋرىسى مىكايا بارۇك ئورام يازمىدىن ئوقۇغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. 12ئۇ ئوردىدىكى پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسىنىڭ خانىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پادىشاھنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ يىغىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسى ئەلىشاما، شىمايانىڭ ئوغلى دىلايا، ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان، شافاننىڭ ئوغلى گىماريا، خانانيانىڭ ئوغلى زىدقىيا ۋە باشقا بارلىق ئەمەلدارلار ئۇ يەردە ئولتۇرغانىدى. 13بارۇك كىشىلەرگە تېرە پۈتۈكتىن ئوچۇق-ئاشكارا ئوقۇپ بەرگەن بارلىق سۆزلەرنى مىكايا ئولتۇرغانلارغا ئېيتىپ بەردى.

14ئاندىن ئولتۇرغان پۈتۈن ئەمەلدارلار نىتانيانىڭ ئوغلى، شەلەميانىڭ نەۋرىسى يەنى كۇشىنىڭ چەۋرىسى يىھۇدىنى بارۇكنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، «جامائەت ئالدىدا ئوقۇغان تېرە پۈتۈكنى ئېلىپ كەل» دەپ بۇيرۇدى. نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك ئورالغان تېرە پۈتۈكنى ئېلىپ كەلدى. 15ئۇلار ئۇنىڭغا:

_ ئولتۇرۇپ، ئۇنى بىزگە ئوقۇپ بەرگىن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بارۇك ئولتۇرۇپ، تېرە پۈتۈكنى ئۇلارغا ئوقۇپ بەردى. 16ئۇلار تېرە پۈتۈككە يېزىلغان بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە بىر-بىرىگە قاراشتى ۋە بارۇكقا:

_ بىز بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھقا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك، _ دېدى.

17ئۇلار بارۇكتىن:

_ بىزگە ئېيتقىن، قانداق قىلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ چىقتىڭ؟ يەرەمىيا ساڭا سۆزلەپ بەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

18بارۇك ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ:

_ يەرەمىيا بۇ سۆزلەرنى ماڭا ئېيتتى، مەن تېرىگە پۈتۈۋالدىم، _ دېدى.

19شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار بارۇكقا:

_ سەن ۋە يەرەمىيا چوقۇم بۇ يەردىن كېتىپ يوشۇرۇنۇڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ نەدە ئىكەنلىكىڭلارنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەڭلار، _ دېدى.

20ئاندىن ئۇلار ئورالغان تېرە پۈتۈكىنى پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسى ئەلىشامانىڭ خانىسىغا قالدۇرۇپ قويۇپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلدى. بۇ چاغدا پادىشاھ ئوردا ھويلىسىدا ئىدى.

21پادىشاھ يىھۇدىنى ئورام يازمىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇ بېرىپ پۈتۈكچى ئەلىشامانىڭ خانىسىدىن ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان بارلىق ئەمەلدارلارغا ئوقۇپ بەردى. 22قىش پەسلى بولغانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھ قىشلىق سارايدا تۇرۇۋاتقانىدى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئوچاقتا ئوت كۆيۈپ تۇراتتى. 23يىھۇدى يازمىنىڭ بىرنەچچە قۇرىنى ئوقۇشى بىلەنلا، پادىشاھ ئوقۇلغان قۇرلارنى پىچاق بىلەن كېسىۋېلىپ، ئوچاقتىكى ئوتقا تاشلىۋەتتى. ئۇ پۈتۈن يازمىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ تۈگەتكۈچە، شۇنداق قىلدى. 24پادىشاھ ياكى ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئوقۇلغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، قىلچە قورقمىدى ۋە كىيىملىرىنى يىرتىپ، مەيۈسلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىمىدى. 25پادىشاھ ھەتتا ئورام يازمىنى كۆيدۈرمەسلىكنى ئۆتۈنگەن ئەلناتان، دىلايا ۋە گىماريالارنىڭ سۆزلىرىگىمۇ پىسەنت قىلمىدى. 26ئەكسىچە ئۇ بەگزادىلەردىن بىرى بولغان يىراخمىئېلنى، ئازرىئېلنىڭ ئوغلى سىرايانى ۋە ئابدىئېلنىڭ ئوغلى شەلەميانى پۈتۈكچى بارۇك ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەرنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يوشۇرۇپ قويغانىدى. 27يەرەمىيا بارۇكقا پۈتكۈزگەن ئورام يازمىنى پادىشاھ كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

28_ سەن يېڭىدىن تېرە پارچىلىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم كۆيدۈرۈۋەتكەن تېرە پۈتۈكتىكى ھەممە سۆزلەرنى قايتىدىن پۈتۈپ چىققىن. 29ئاندىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹يەرەمىيا بابىل پادىشاھىنىڭ بۇ زېمىنغا چوقۇم كېلىپ، بۇ زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى پۈتكەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇ ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتتىڭ! 30شۇڭا مەن پەرۋەردىگار يەھۇدىيە پادىشاھى بولغان سەن يىھوياقىم توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: سېنىڭ داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ھېچقانداق ئەۋلادىڭ بولمايدۇ. سېنىڭ جەسىتىڭ دالاغا تاشلىنىپ، كۈندۈزى ئاپتاپتا، كېچىدە سوغۇقتا قالىدۇ. 31مەن سېنى، ئەۋلادلىرىڭنى ۋە ئەمەلدارلىرىڭنى رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا، يېرۇسالېمدا ياشايدىغانلارنىڭ ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ باشلىرىغا، ئىلگىرى مەن ئاگاھلاندۇرغان بارلىق بالايىئاپەتلەرنى سالىمەن. چۈنكى ھەممىڭلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار.›»

32ئاندىن يەرەمىيا باشقا تېرە پارچىلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى نېرىيانىڭ ئوغلى _ پۈتۈكچى بارۇكقا بەردى. يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىدىكى بارلىق سۆزلەرنى بارۇكقا قايتىدىن پۈتتۈردى. ئۇلار بۇ ئورام يازمىغا يەنە بىرقانچە باشقا ۋەھىيلەرنىمۇ قوشۇپ قويدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى