« يەرەمىيا »

34

پادىشاھ زىدقىيانىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى

1بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا ۋەھىي كەلدى. 2ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا يەرەمىيانىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ قېشىغا بېرىپ، بۇ ۋەھىينى يەتكۈزۈشىنى ئەمر قىلدى:

«مەن پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈپ، ۋەيران قىلىدۇ. 3سەن ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. سەن چوقۇم تۇتقۇن بولۇپ، ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن. سەن نىبۇكادنەزەرنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز تۇرۇپ، جاۋاب بېرىشكە دۇچ كېلىسەن. ئاندىن ئۇلار سېنى بابىلغا ئېلىپ بارىدۇ. 4ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا، سۆزۈمگە قۇلاق سال! مەن پەرۋەردىگار ساڭا ۋەدە بېرىمەنكى، سەن قىلىچتا ئۆلمەيسەن. 5تىنچ-ئامان ئالەمدىن ئۆتىسەن، ئەجدادلىرىڭنى، يەنى سەندىن ئىلگىرىكى پادىشاھلارنى كىشىلەر دەپنە قىلىپ، ئىسرىق سالغاندەك، كىشىلەر سېنىمۇ دەپنە قىلىپ ئىسرىق سالىدۇ. ماتەم تۇتۇپ: ‹ۋاي! پادىشاھىمىز!› دېيىشىدۇ. بۇ سۆزلەرنى ئېيتقۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»

6يەرەمىيا پەيغەمبەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا يەتكۈزگەندە، 7بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېم، لاكىش ۋە ئازېقا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانىدى. چۈنكى يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىدىن پەقەت مۇشۇ شەھەرلەرلا قالغانىدى.

قۇل كېلىشىمىنىڭ بۇزۇلۇشى

8پادىشاھ زىدقىيا يېرۇسالېمدىكى بارلىق خەلق بىلەن ئۇلارنىڭ قۇللىرىنى ئازاد قىلىش توغرىسىدا بىر كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا ۋەھىي كەلگەنىدى. 9ئۇ ۋاقىتتا ئىبرانىي قېرىنداشلاردىن قۇل قىلىنغانلار بولمىسۇن دەپ، ئىبرانىي قۇل ۋە دېدەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئازاد قىلماقچى بولۇشقانىدى. 10شۇنىڭ بىلەن بارلىق خەلق ۋە ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ قۇل ۋە دېدەكلىرىنى ئازاد قىلىشقا ۋە ئۇلارنى قايتا قۇل قىلماسلىققا قوشۇلۇپ، ئۇلارنى ئازاد قىلىشقانىدى. 11لېكىن، كېيىن ئۇلار قارارىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ كېلىپ، قايتا قۇل قىلدى. 12ئاندىن پەرۋەردىگار بۇ كىشىلەرگە يەرەمىيا ئارقىلىق مۇنداق ۋەھىي چۈشۈردى:

13«مەن پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە شۇنداق دەيمەنكى، مەن ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغاندا، ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە تۈزگەنىدىم. مەن ئۇلارغا: 14‹سىلەرگە سېتىلىپ، ئالتە يىل خىزمىتىڭلارنى قىلغان ئىبرانىي قۇللارنى يەتتىنچى يىلى چوقۇم ئازاد قىلىڭلار› دېگەنىدىم. لېكىن ئەجدادلىرىڭلار ماڭا ئىتائەت قىلمىدى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى. 15يېقىندا سىلەر توۋا قىلىپ، مېنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدىڭلار. سىلەر قۇل بولغان ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى ئازاد قىلىشقا قوشۇلۇپ، نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا كېلىپ، ھۇزۇرۇمدا كېلىشىم تۈزدۈڭلار. 16لېكىن كېيىن سىلەر قارارىڭلارنى ئۆزگەرتىپ، نامىمغا ھۆرمەتسىزلىك قىلدىڭلار. ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئازاد بولۇشنى خالىغان قۇل ۋە دېدەكلەرنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى قايتىدىن قۇل بولۇشقا مەجبۇر قىلدىڭلار.

17شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى قويۇپ بەرمىدىڭلار. ئەمدى مەن سىلەرنى قويۇپ بېرىمەن! مەن سىلەرنى ئۇرۇش، كېسەللىك ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈشۈڭلارغا قويۇپ بېرىمەن. مەن دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن ئىشلار ئارقىلىق چۆچۈتىمەن. 18مەن بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىنى بۇزغان كىشىلەرنى جازالايمەن. ئۇلار ھۇزۇرۇمدا ئەھدە تۈزۈپ، ئىككى پارچە قىلىۋېتىلگەن موزاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەنىدى. لېكىن ئۇلار ئەھدىگە رىئايە قىلمىدى. مەن ئۇلارنى ئىككى پارچە قىلىۋېتىلگەن موزاينىڭ ھالىغا چۈشۈرۈپ قويىمەن. 19مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ يېتەكچىلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە روھانىيلىرىنى، شۇنداقلا بۇ زېمىندىكى ئىككى پارچە قىلىۋېتىلگەن موزاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، مەن بىلەن ئەھدە تۈزگەن بارلىق كىشىلەرنى جازالايمەن. 20مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قۇشلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ. 21مەن يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلەر بۇ يەردىن ۋاقىتلىق چېكىنگەن بابىل پادىشاھنىڭ لەشكەرلىرىدۇر. 22مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، بابىل قوشۇنلىرىنى بۇ شەھەرگە قايتىدىن چاقىرىپ كېلىمەن. ئۇلار بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەرنى بېسىۋېلىپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىنى ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى