« يەرەمىيا »

49

ئاممون توغرىسىدىكى ۋەھىي

1بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئاممون توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر:

«ئىسرائىل ئەۋلادلىرى يوقمۇ؟

ئۇلارنىڭ گاد زېمىنغا ۋارىسلىق قىلغۇدەك ئىزباسارلىرى يوقمۇ؟

نېمە ئۈچۈن بۇت ئىلاھ مولەك ۋە ئۇنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى

گاد زېمىنى ۋە ئۇنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇ يەرلەرگە ماكانلىشىۋالىدۇ؟

2مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، بىر ۋاقىت كېلىدۇ،

ئۇ چاغدا ئاممونلارنىڭ پايتەختى رابباھ شەھىرى ئۆزىگە قارشى جەڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلايدۇ،

ئۇ شەھەر خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىدۇ،

ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ،

ئاندىن ئىسرائىللار ئۆزلىرىدىن تارتىۋېلىنغان زېمىننى قايتۇرۇۋالىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

3ئەي خەشبونلۇقلار، نالە-پەرياد قىلىڭلار،

چۈنكى ئاي شەھىرى ۋەيران قىلىندى.

ئەي رابباھ خەلقى، يىغلاڭلار.

ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىپ قايغۇرۇڭلار.

سېپىللار ئارىسىدا ئۇ ياقتىن بۇ ياققا يۈگۈرۈڭلار،

چۈنكى بۇت ئىلاھىڭلار مولەك روھانىيلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

4سىلەر مۇنبەت جىلغىلىرىڭلاردىن ماختىنىسىلەر.

ئەي ساداقەتسىز خەلق، سىلەر ئۆز بايلىقىڭلارغا ئىشىنىپ،

‹كىم بىزگە ھۇجۇم قىلالايتتى؟› دەپ ئويلايسىلەر.

5مەن ئىگەڭلار _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى،

مەن تۆت ئەتراپىڭلاردىكى بارلىق خەلقلەردىن سىلەرگە ۋەھىمە كەلتۈرىمەن.

سىلەر ھەر تەرەپكە تارقىتىۋېتىلىسىلەر،

قاچقانلارنى يىغىدىغان ئادەم چىقمايدۇ.

6لېكىن كېيىن مەن ئامموننى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

ئىدوم توغرىسىدىكى ۋەھىي

7بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر.

«تېمان شەھىرىدە ئەقىل-پاراسەت قالمىدىمۇ؟

ئۇنىڭ دانالىرى ياخشى نەسىھەت بېرەلمەمدۇ؟

ئەجەبا، ئۇلاردا ئەقىل-پاراسەت غايىب بولدىمۇ؟

8ئەي دىدان شەھىرىدە ماكانلاشقانلار،

ئارقاڭلارغا بۇرۇلۇپ قېچىڭلار،

چوڭقۇر ئۆڭكۈرلەرگە يوشۇرۇنۇڭلار.

چۈنكى مەن ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن.

مەن ئۇلارنى جازالايدىغان ۋاقىتنى بەلگىلەپ بولدۇم.

9ئادەملەر ئۈزۈملىرىدىن ھوسۇل ئالغىلى كەلسە،

ئازراق ئۈزۈملەرنى قالدۇرۇپ قويمامدۇ؟

كېچىدە ئۆيگە چۈشكەن ئوغرى پەقەت ئۆزى خالىغان نەرسىسىنى ئالىدىغۇ؟

10لېكىن مەن ئەساۋ ئەۋلادلىرىدىن ھەممە نەرسىنى ئېلىپ كېتىمەن.

مەن ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنغان جايلىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن،

ئاندىن ئۇلار يوشۇرۇنۇۋالالمايدۇ.

ئۇلارنىڭ بالىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە قوشنىلىرى ھالاك بولىدۇ،

ھېچكىم ھايات قالمايدۇ!

11يېتىم بالىلىرىڭلارنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈم باقىمەن.

تۇل ئاياللىرىڭلارمۇ ماڭا ئىشەنسۇن.»

12پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەگەر قەدەھتىكى جازا شارابىنى ئىچىشكە تېگىشلىك بولمىغان كىشىلەر ئۇنى ئىچكەن يەردە، سەن قانداقمۇ جازالانماي تۇرالايسەن؟ سەن جازاسىز قالمايسەن. چوقۇم جازا شارابىنى ئىچىسەن. 13مەن پەرۋەردىگار قەسەم قىلىمەنكى، بوزرا شەھىرى خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىپ، قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. كىشىلەر سىلەرنى مەسخىرە قىلىپ، نامىڭلارنى قارغاشقا ئىشلىتىدۇ. بوزرا ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەر-يېزىلار مەڭگۈ ۋەيرانچىلىقتا ياتىدۇ.»

14مەن يەرەمىيا دېدىم: «پەرۋەردىگاردىن بىر ۋەھىي كەلدى.

ئۇنى جاكارلاشقا ئەۋەتىلگەن ئەلچى، ئەللەر ئارىسىدا:

‹ئۇرۇشقا قوشۇنلىرىڭلارنى يىغىڭلار!

ئىدومغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىشقا تەييارلىق قىلىڭلار!› دەيدۇ».

15پەرۋەردىگار ئىدومغا مۇنداق دېدى:

«مەن سېنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدىغان ناھايىتى ئاجىز بىر ئەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.

16سەن باشقا ئادەملەرنى قورقۇتقانىدىڭ،

بۇ تەكەببۇرلۇقۇڭ سېنى ئالدىدى.

سەن تاغ چوققىسىدىكى تىك قىيادا تۇرۇپ،

ئۇۋاڭنى بۈركۈتكە ئوخشاش ئېگىزگە ياسىساڭمۇ،

مەن سېنى ئۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.

17ئىدوم قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشىدۇ،

ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە

ئۇنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.

18مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى،

ئىدوم خۇددى سودوم، گومورا ۋە ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا ئوخشاش ۋەيران قىلىنىدۇ.

ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ.

ھېچقانداق ئىنسان ئۇ يەرگە ماكانلاشمايدۇ.

19ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن تۇيۇقسىز چىقىپ، ئوتلاقتىكى قويلارنى قوغلىغان شىرغا ئوخشاش،

ئىدوملۇقلارنى زېمىنىدىن تۇيۇقسىز قوغلاپ چىقىرىمەن.

ئۆزۈم تاللىغان بىر ئادەمنى ئۇ خەلققە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلەيمەن.

ماڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟

كىم مەن بىلەن بەسلىشەلىسۇن؟

قايسى يېتەكچى ماڭا قارشى تۇرالىسۇن؟

20شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار ئىدومغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاڭلار.

تېمان شەھىرىدە ياشايدىغان كىشىلەرگە نېمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىمغا قۇلاق سېلىڭلار.

ھەتتا ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ،

بۇ ئەلنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىمەن.

21ئىدوم گۈلدۈرلەپ يىقىلغاندا دۇنيا لەرزىگە كېلىدۇ.

ئۇنىڭ ھۆڭرەپ يىغلىغان ئاۋازلىرى قىزىل دېڭىزغىچە يېتىپ بارىدۇ.

22قاراپ تۇرۇڭلار، دۈشمەن بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ چۈشۈپ، قاناتلىرىنى بوزرا شەھىرىنىڭ ئۈستىگە يايىدۇ.

شۇ ۋاقىتتا ئىدوم لەشكەرلىرى تۇغۇت ئۈستىدىكى ئايالدەك قىينىلىدۇ.»

دەمەشق توغرىسىدىكى ۋەھىي

23بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەمەشق توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر:

«خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرى شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقتىن چۆچۈپ كېتىدۇ.

ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆرلىگەن دېڭىز دولقۇنلىرىدەك تىنچلىنالمايدۇ، قورقۇنچقا تولىدۇ.

24دەمەشق شەھىرى ئاجىزلاپ، ئۇنىڭ خەلقى قېچىپ كەتمەكچى بولىدۇ.

ئۇلار ئالاقزادە بولۇپ، خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك ئاغرىق ۋە ئازاب ھېس قىلىدۇ!

25ئىلگىرى شاد-خۇراملىققا تولغان مەشھۇر شەھەر تاشلىنىپ قالىدۇ.

26ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلاردا يىقىلىپ چۈشىدۇ،

ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ بارلىق لەشكەرلىرى ھالاك بولىدۇ.

بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

27مەن دەمەشق سېپىللىرىغا ئوت قويۇپ،

بەنھادادنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمەن.»

قېدار خەلقى ۋە خازور زېمىنلىرى توغرىسىدىكى ۋەھىي

28بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان قېدار خەلقى ۋە خازور زېمىنلىرى توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي بابىل قوشۇنلىرى، بېرىپ، قېدارلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار،

شەرقىي قۇملۇقتا ياشاۋاتقان بۇ ئەلنى يوقىتىڭلار.

29ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى ۋە چارۋىلىرىنى تارتىۋېلىڭلار،

ئۇلارنىڭ تۆگىلىرىنى، چېدىرلىرى ئىچىدىكى پەردىلەرنى ۋە سايمان-جابدۇقلىرىنى ئېلىپ كېتىڭلار.

كىشىلەر ئۇلارغا ۋارقىراپ: ‹ھەممە يەر ۋەھىمىدە قالدى!› دەيدۇ.

30ئەي خازوردا ياشاۋاتقانلار، سىلەرگە ئېيتاي:

‹دەرھال قېچىڭلار! چوڭقۇر يوشۇرۇنۇڭلار!

بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر سىلەرگە قارشى پىلان تۈزدى،

ئۇ سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى.›»

31پەرۋەردىگار بابىلغا مۇنداق دېدى:

«ئەي بابىل قوشۇنلىرى، سىلەر بېرىپ، تىنچ ۋە بىخەتەر ياشاۋاتقان ئەلگە ھۇجۇم قىلىڭلار.

ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان بالداقلىق دەرۋازىلىرى يوقتۇر

ھەم يەككە-يېگانەدۇر.

32ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى ۋە بارلىق چارۋا ماللىرىنى تارتىۋېلىڭلار!

مەن چەت-ياقا جايلاردا ياشاۋاتقان بۇ ئەللەرنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋېتىمەن

ھەمدە ئۇلارغا ھەممە تەرەپتىن بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن.

33خازور زېمىنلىرى چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى بولىدۇ، چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ.

ئۇ زېمىنلاردا ئادەم ياشىمايدۇ، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ماكانلاشمايدۇ.»

ئېلام خەلقى توغرىسىدىكى ۋەھىي

34زىدقىيا پادىشاھ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى مەزگىللەردە، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئېلام توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى. 35قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«مەن ئېلامنىڭ ئوقياچىلىرىنى ھالاك قىلىمەن،

ئۇلار ئېلامنىڭ ئاساسلىق كۈچ-قۇدرىتىنىڭ مەنبەسىدۇر.

36مەن ئېلامنى تۆت تەرەپتىن بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىتىپ،

ئۇ ئەلنى ھەرقايسى جايلارغا تارقىتىۋېتىمەن.

ئېلام مۇساپىرلىرىنىڭ بارمىغان يەرلىرى قالمايدۇ.

37مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى،

مەن ئېلاملىقلارنى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ ۋەھىمىسىگە ئۇچرىتىمەن،

ئۇلارغا قەھر-غەزىپىم بىلەن بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن،

مەن تاكى ئۇلارنى ھالاك قىلغۇچە، قىلىچ بىلەن قوغلايمەن.

38مەن ئېلامدا تەختىمنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرىنى ۋەيران قىلىمەن.

39لېكىن كەلگۈسىدە مەن ئېلامنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى