« يەرەمىيا »

28

ساختا پەيغەمبەر خانانيا

1يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، يەنى ئۇنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزگىنىگە تۆت يىل بەش ئاي بولغان ۋاقىتتا، ئاززۇرنىڭ ئوغلى، يەنى گىبئونلۇق پەيغەمبەر خانانيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا يەرەمىياغا سۆز قىلدى. ئۇ روھانىيلار ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

2_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن. 3بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇ جايدىن بابىلغا يۆتكەپ كەتكەن بارلىق نەرسىلەرنى مەن ئىككى يىل ئىچىدە ئورنىغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىمەن. 4مەن يەنە يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى ۋە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى بۇ جايغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن!».

5ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇۋاتقان روھانىيلار ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا خانانيا پەيغەمبەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، 6مۇنداق دېدى:

_ شۇنداق بولسۇن! پەرۋەردىگار شۇنداق قىلغاي! پەرۋەردىگار بېشارەتلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي. پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىسىدىن بابىلغا ئېلىپ كېتىلگەن بارلىق قىممەتلىك بۇيۇملارنى ۋە ئۇ يەرگە سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى بۇ جايغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەي. 7لېكىن ھازىر سىز بارلىق كىشىلەر ئالدىدا مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭ. 8بىزدىن بۇرۇن ياشىغان پەيغەمبەرلەر نۇرغۇنلىغان ئەللەر ۋە بۈيۈك پادىشاھلىقلارغا كېلىدىغان ئۇرۇش، بالايىئاپەت ۋە كېسەللىكلەر ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزۈپ كەلگەنىدى. 9ئەگەر بىر پەيغەمبەر تىنچلىق توغرىسىدا ۋەھىي يەتكۈزسە، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىنىشى كېرەك. شۇندىلا بىز ئۇنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئەۋەتكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

10ئاندىن پەيغەمبەر خانانيا يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ بۇزۇۋەتتى. خانانيا بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا:

11_ پەرۋەردىگار: «خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، مەن ئىككى يىل ئىچىدە بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ بارلىق ئەللەرگە سالغان بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن» دەيدۇ، _ دېدى.

خانانيا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇ يەردىن كەتتى. 12لېكىن خانانيا يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ، چېقىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

13_ بېرىپ، خانانياغا مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سۆزىنى يەتكۈزگىن: «ئى خانانيا، سەن ياغاچ بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلىدىڭ. لېكىن سەن ئۇنىڭ ئورنىغا بىر تۆمۈر بويۇنتۇرۇقنى سالدىڭ. 14مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىغا تۆمۈر بويۇنتۇرۇق سالىمەن. ئاندىن ئۇلار بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلار چوقۇم ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدۇ. مەن ھەتتا نىبۇكادنەزەرگە ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ بېرىمەن.»

15يەرەمىيا پەيغەمبەر يەنە خانانياغا مۇنداق دېدى:

_ ياخشى ئاڭلا، خانانيا! سېنى پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن ئەمەس. سەن بۇ خەلقنى يالغان سۆزلىرىڭگە ئىشەندۈرۈۋاتىسەن. 16شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. سەن بۇ يىل ئۆلىسەن! چۈنكى سەن كىشىلەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا كۈشكۈرتتۈڭ».

17شۇ يىلنىڭ يەتتىنچى ئېيىدا خانانيا ئۆلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى