« يەرەمىيا »

51

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بابىلغا ۋە ئۇنىڭ زېمىنىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرگە قارشى ۋەيرانچىلىق شامىلىنى قوزغايمەن.

2مەن بابىلنى خۇددى بۇغداي سورۇغاندەك سورۇپ ۋەيران قىلىشقا ياللانما لەشكەرلەرنى ئەۋەتىمەن.

ھالاكەت كۈنى يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدۇ.

3بابىل ئوقياچىلىرىنىڭ ساۋۇتلىرىنى كىيگىلى، ئوقيالىرىنى ئاتقىلى قويماڭلار.

ئۇنىڭ قىران يىگىتلىرىنىمۇ ھايات قالدۇرماڭلار!

ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنلىرىنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىڭلار.

4بابىل لەشكەرلىرى ئېغىر يارىلىنىپ كوچىلاردا يىقىلىدۇ،

ئۇلار ئۆز زېمىنىدا ئۆلىدۇ.

5چۈنكى بابىلنىڭ زېمىنى ماڭا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشى سادىر قىلىنغان گۇناھلار بىلەن تولدى.

مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەدىن ۋاز كەچمەيمەن.

6ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلار، بابىلدىن قېچىپ چىقىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار!

ئۇنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن تۈگەشمەڭلار.

چۈنكى ئۇلاردىن قىساس ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى،

مەن ئەمدى بابىلنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىمەن.

7بابىل خۇددى قولۇمدىكى ئالتۇن قەدەھكە ئوخشاش

پۈتكۈل دۇنيانى مەست قىلىدىغان غەزىپىم بىلەن تولدى.

ئەللەر بابىلنىڭ شارابىنى ئىچىپ، ئەقلىدىن ئازدى.

8لېكىن بابىل تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ۋەيران بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈڭلار!

ئۇنىڭ يارىلىرىغا مەلھەم سۈرۈڭلار، بەلكىم ئۇ شىپالىق تاپار.

9بابىلدا ياشايدىغان مۇساپىرلار مۇنداق دەيدۇ:

‹بىز بابىلنى داۋالىغان بولاتتۇق، بىراق ئۇ ساقايمايدۇ.

شۇڭا ئۇنى تاشلاپ، ھەممىمىز ئۆز ئېلىمىزگە كېتەيلى.

بابىلنىڭ جازاسى ئاسماندەك ئېگىز دۆۋىلەنگەن بولۇپ، بۇلۇتلارغا تاقىشىدۇ.›

10يەھۇدىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغانلار مۇنداق دەيدۇ:

‹پەرۋەردىگار ئادالىتىنى كۆرسىتىپ، بىزگە زور غەلىبە ئېلىپ كەلدى!

كېلىڭلار، بېرىپ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى سىئوندا جاكارلايلى!›»

11مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم:

«يايىڭلارنىڭ ئوقىنى ئۇچلاڭلار!

قالقانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار!

پەرۋەردىگار مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارقىلىق بابىلنى گۇمران قىلماقچى.

ئۇ ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ.

12بابىل سېپىلىغا ھۇجۇم قىلىشقا تۇغ چىقىرىڭلار!

كۆپلىگەن كۆزەتچىلەرنى ئېلىپ كېلىپ،

شەھەر ئەتراپىغا تۇرغۇزۇڭلار!

بۆكتۈرمە قۇرۇپ تەييارلىنىڭلار!

چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

ئۇ بابىل خەلقىگە قىلماقچى بولغانلىرىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

13ئەي بابىل، سەن نۇرغۇن دەريالارنىڭ بويىدا

مول بايلىقلار ئىچىدە ياشىغانىدىڭ.

ئەمدى سەن تۈگەشتىڭ، ھاياتىڭنىڭ يىپى ئۈزۈلدى!

14قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:

‹مەن جەزمەن زېمىنىڭلارنى دۈشمەن لەشكەرلىرى بىلەن تولدۇرىمەن.

ئۇلار چېكەتكىلەردەك زېمىنىڭلارنىڭ ئۈستىگە ئولىشىپ،

غەلىبە تەنتەنىلىرىنى ياڭرىتىدۇ.›»

مەدھىيە ناخشىسى

15پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ياراتقاندۇر.

ئۇ ئۆز دانالىقى بىلەن دۇنيانى بەرپا قىلغاندۇر،

شۇنداقلا ئۆز ئەقلى بىلەن ئاسماننى يايغۇچىدۇر.

16ئۇ سۆزلىسە، ئاسمان گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغىدۇ.

ئۇ زېمىننىڭ چېتىدىن بۇلۇتلارنى يۇقىرى ئۆرلىتىدۇ.

ئۇ يامغۇر بىلەن چاقماقنى ئەۋەتىدۇ، ئامبىرىدىن شامالنى قويۇپ بېرىدۇ.

17ئۇنىڭ ئالدىدا بارلىق ئىنسانلار ئەخمەق ۋە بىلىمسىزدۇر!

بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ياسىغان بۇتلىرى ئۈچۈن نومۇسقا قالىدۇ،

چۈنكى ئۇلارنىڭ ياسىغان بۇتلىرى بىر ئالدامچىلىقتۇر،

بۇ بۇتلارنىڭ تىنىقى يوقتۇر.

18بۇ بۇتلار ئەرزىمەستۇر، ئۇلار مەسخىرىگە لايىقتۇر.

ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى باردۇر.

19بىراق بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا بۇ بۇتلارغا ئوخشىمايدۇ.

ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچىدۇر.

بىز ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇرمىز.

ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.

بابىلنىڭ جازالىنىشى

20پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي بابىل، سەن مېنىڭ كالتىكىم، ئۇرۇش قورالىمدۇرسەن.

سەن ئارقىلىق ئەللەرنى كۇكۇم-تالقان قىلدىم،

پادىشاھلىقلارنى تارمار قىلدىم.

21مەن سەن ئارقىلىق ئاتلار ۋە چەۋەندازلارنى يوقاتتىم،

جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلدىم.

22سەن ئارقىلىق ئەر-ئاياللارنى تارمار قىلدىم،

قېرىلارنى، ياشلارنى تارمار قىلدىم،

ئوغۇل-قىزلارنى تارمار قىلدىم،

23مەن سەن ئارقىلىق پادىچىلارنى قوي پادىلىرى بىلەن بىرگە تارمار قىلدىم،

دېھقانلارنى ئۆكۈزى بىلەن بىرگە تارمار قىلدىم،

ۋالىيلار ۋە ئەمەلدارلارنى تارمار قىلدىم.

24مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىل ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ سىئوندىكى زىيانكەشلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايمەن.

25ئەي بابىل،

سەن تاغدەك بولۇپ، دۇنيانى ھالاك قىلدىڭ.

مەن ئەمدى ساڭا قارشى تۇرىمەن.

مەن قۇدرەتلىك قولۇمنى ساڭا قارشى سوزۇپ،

سېنى تىك ياردىن ئىتتىرىۋېتىمەن.

سېنى كۆيۈپ كەتكەن تاغدەك قىلىپ قويىمەن.

26كىشىلەر سەندىن ئۇل تېشى قىلغۇدەك بىرەر تاشمۇ تاپالمايدۇ.

سەن مەڭگۈ خارابىلىك بولۇپ قالىسەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

27دۇنيادا جەڭ تۇغلىرى كۆتۈرۈلسۇن!

بۇرغا چېلىنىپ، ئەللەر جەڭگە چاقىرىلسۇن.

ئۇلار بابىلغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن.

ئارارات، مىننى ۋە ئاشكىنازنىڭ پادىشاھلىقلىرى جەڭگە چاقىرىلسۇن.

يېتەكلەيدىغان سەردار تەيىنلەنسۇن.

بابىلغا قارشى توپ-توپ چېكەتكىلەردەك ئاتلار ئەۋەتىلسۇن.

28خەلقلەر ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن.

مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرى ۋالىيلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە جەڭگە تەييارلانسۇن.

ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى پۈتكۈل ئەللەر ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن.

29دۇنيا ئازاب-ئوقۇبەتتىن تىترەپ تولغىنىدۇ.

چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلغا قارشى ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ،

ئۇ بابىل زېمىنىنى ھېچكىم ياشىمايدىغان قاقاسلىققا ئايلاندۇرىدۇ.

30بابىل لەشكەرلىرى جەڭ قىلىشتىن توختايدۇ،

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىدا قالىدۇ،

جەڭ قىلىش مادارىنى يوقىتىدۇ.

ئۇلار قورقۇپ كەتكەن ئاياللارغا ئوخشاپ ئاجىز بولۇپ قالىدۇ.

بابىلدىكى ئۆيلەرگە ئوت قويۇلۇپ، دەرۋازىلىرى بۇزۇلىدۇ.

31خەۋەرچىلەر كەينى-كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ،

ئۇنىڭغا بابىل شەھىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنغانلىقىنى يەتكۈزىدۇ.

32دەريانىڭ كېچىكلىرىنى بېسىۋالىدۇ.

دۈشمەنلەر ئۇنىڭ قومۇشلۇقلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ،

بابىلنىڭ لەشكەرلىرى ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.

33قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇزۇن ئۆتمەي بابىلدا ھوسۇل يىغىش باشلىنىدۇ،

بابىل خەلقى خامانغا ئوخشاش دەسسەپ يانجىلىدۇ.»

34بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بىزنى قاقتى-سوقتى قىلىپ، يالماپ يۇتقانىدى.

ئۇ شەھىرىمىزنى بۇلاپ، قۇرۇق ئىدىشتەك قىلىپ قويغانىدى.

ئۇ خۇددى غايەت چوڭ بىر مەخلۇقتەك بىزنى يۇتۇپ،

قورسىقىنى ئەڭ ئېسىل نەرسىلىرىمىز بىلەن تولدۇردى.

ئاندىن ئۇ بىزنى تۈكۈرۈپ چىقاردى.

35سىئوندا ياشايدىغانلار: «بابىلنىڭ بىزگە ۋە بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا قىلغان زوراۋانلىقى ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلسۇن» دەيدۇ.

يېرۇسالېم: «بابىلدا ياشايدىغانلار خەلقىمنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن، بەدەل تۆلىسۇن!» دەيدۇ.

36شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئەرزىڭلارنى ئاڭلايمەن.

مەن بابىللىقلاردىن سىلەر ئۈچۈن قىساس ئالىمەن.

مەن ئۇلارنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى ۋە بۇلاقلىرىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن.

37بابىل خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىپ،

چىلبۆرىلەر ئۇ يەرنى ماكان تۇتىدۇ.

ئۇ قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ،

باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ.

38بابىللىقلار ھۆركىرەۋاتقان شىرلارغا،

ئوزۇق تالىشىدىغان شىر بالىلىرىغا ئوخشاپ قالىدۇ.

39ئۇلارنىڭ قورسىقى ئاچقاندا، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ،

ئۇلارنى ۋارقىراپ كۈلۈشكىدەك مەست قىلىمەن،

ئاندىن ئۇلار قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپ، مەڭگۈ ئويغانمايدۇ.

40مەن قوزا، قوچقار، ئۆچكىلەرنى قۇشخانىغا ھەيدەپ كىرگەندەك، ئۇلارنى بوغۇزلىنىشقا ئېلىپ بارىمەن.

41ئاھ، بابىل شەھىرى ئىشغال قىلىنىدۇ!

پۈتۈن دۇنيا ماختىغان بۇ شەھەر ئەسىرگە ئېلىنىدۇ.

بابىل ئەللەر ئارىسىدا بىر قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.

42دۈشمەنلىرى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنى كەلكۈندەك باسىدۇ.

43بابىللىقلارنىڭ شەھەرلىرى خارابىلىككە ۋە چۆل-جەزىرىگە ئايلىنىدۇ.

ئۇ يەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ، ھەتتا ئۇ يەرگە ھېچكىم ئاياغ باسمايدۇ.

44مەن بابىلدا ئۇلارنىڭ ئىلاھى بېلنى جازالايمەن.

مەن ئۇ يېگەن ھەممە نەرسىلەرنى قۇستۇرىمەن.

باشقا ئەللەر ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىغا سەلدەك ئېقىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا چوقۇنمايدۇ.

بابىلنىڭ سېپىللىرى جەزمەن ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ!

45ئەي خەلقىم، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار!

پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار.

46خەلق ئىچىدە تارقالغان ئۇرۇش خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ،

جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، قورقماڭلار.

ھەر يىلى ئوخشىمىغان خەۋەرلەر چىقىپ تۇرىدۇ،

زېمىندا زوراۋانلىق پەيدا بولىدۇ، ھۆكۈمرانلار بىر-بىرگە قارشى جەڭ قىلىدۇ.

47شۇنداق ۋاقىت كېلىدۇكى،

مەن بابىل ۋە ئۇنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى جازالايمەن.

ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى نومۇستا قالىدۇ،

ھەممە يەرنى جەسەت قاپلايدۇ.

48ئۇ ۋاقىتتا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار بابىلنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىدۇ.

چۈنكى شىمالدىن ۋەيران قىلغۇچىلار كېلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

49بابىل خەلقى ئىسرائىل خەلقىمدىن نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن،

شۇنداقلا دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئەللەرنى گۇمران قىلغانلىقى ئۈچۈن،

بابىلمۇ گۇمران بولىدۇ.

50ئەي قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىسرائىللار،

دەرھال كېتىڭلار، كېچىكمەڭلار!

بۇ يات زېمىندا مېنى ۋە يېرۇسالېمنى ئەسلەڭلار.

51سىلەر: ‹بىز نومۇسقا قالدۇق، ھاقارەت قىلىنىپ، كەمسىتىلدۇق،

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ مۇقەددەس جايلىرى يات ئەللەر تەرىپىدىن بۇلغاندى› دەيسىلەر.

52لېكىن مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

توغرا، بىراق شۇنداق بىر ۋاقىت چوقۇم كېلىدۇ،

شۇ چاغدا مەن بابىل ۋە ئۇنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى جازالايمەن.

بابىلدىكى يارىلانغان كىشىلەرنىڭ نالە-پەريادلىرى پۈتكۈل زېمىنغا ئاڭلىنىدۇ.

53مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى،

گەرچە بابىل ئېگىز ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ

ياكى قورغانلىرىنى قانچە مۇستەھكەم قۇرسىمۇ،

مەن ئۇنىڭغا ۋەيران قىلغۇچىلارنى ئەۋەتىمەن.»

54بابىلدىن نالە-پەرياد ئاڭلىنىدۇ.

ئېغىر ۋەيرانچىلىقنىڭ ئاۋازلىرى بابىللىقلارنىڭ زېمىنىدا ئاڭلىنىدۇ.

55پەرۋەردىگار بابىلنى ۋەيران قىلىدۇ،

شەھەردىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭنى بېسىقتۇرىدۇ.

دۈشمەن قوشۇنلىرى ئۆركەشلىگەن دولقۇندەك يامراپ كېلىپ،

يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك چۇقان سالىدۇ.

56چۈنكى بىر ۋەيران قىلغۇچى بابىلغا ھۇجۇم قىلىدۇ.

بابىلنىڭ جەڭچىلىرى ئەسىرگە چۈشۈپ،

ئوقيالىرى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ.

چۈنكى پەرۋەردىگار جازالايدىغان خۇدادۇر.

ئۇ چوقۇم قىساس ئالىدۇ.

57قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەپ ئاتالغان پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بابىلنىڭ ئەمەلدارلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، باشلىقلىرى ۋە جەڭچىلىرىنى مەست قىلىمەن.

ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپ، قايتا ئويغانمايدۇ.

58بابىلنىڭ قېلىن تاملىرى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ،

ئۇنىڭ ئېگىز دەرۋازىلىرىغا ئوت قويۇلىدۇ.

كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىھۇدە بولىدۇ،

ئۇلارنىڭ جاپا بىلەن ئېرىشكەنلىرى ئوتقا يەم بولىدۇ.

بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

59زىدقىيا پادىشاھنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ 4-يىلى، يەرەمىيا پەيغەمبەر ماخسېيانىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى سىراياغا بۇيرۇق قىلدى. ئۇ چاغدا سىرايا زىدقىيا پادىشاھ بىلەن بابىلغا بارماقچى ئىدى. سىرايا بولسا زىدقىيا پادىشاھنىڭ خاس خىزمەتكارى ئىدى. 60يەرەمىيا تېرىگە بابىلدا يۈز بېرىدىغان بارلىق بالايىئاپەتلەرنى ۋە بابىل توغرىسىدىكى بارلىق بېشارەتلەرنى پۈتۈپ چىقتى. 61ئاندىن يەرەمىيا سىراياغا مۇنداق دېدى:

_ سەن بابىلغا يېتىپ بارغاندا، بۇ بېشارەتلەرنى خەلققە ئۈنلۈك ئوقۇپ بەرگىن. 62ئاندىن: «ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىپ، بۇ يەردە ھېچقانداق ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ ياشىمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدىڭ. بۇ زېمىن مەڭگۈلۈك چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ.» دېگىن. 63سەن بۇ ئورام يازمىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى بىر تاشقا باغلاپ، فىرات دەرياسىغا چۆكتۈرۈۋەتكىن. 64شۇندىن كېيىن: «بابىل ۋە ئۇنىڭ خەلقى سۇغا چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ئورام يازمىغا ئوخشاش چۆكۈپ كېتىدۇ، قايتا كۆتۈرۈلمەيدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.» دېگىن.

يەرەمىياغا كەلگەن ۋەھىيلەر مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى