« يەرەمىيا »

48

موئاب توغرىسىدىكى ۋەھىي

1بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ موئاب توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر:

«نىبو شەھىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇ ۋەيران قىلىنىدۇ.

قىرياتائىم شەھىرى ئىشغال قىلىنىپ، نومۇسقا قالىدۇ.

ئۇنىڭ قەلئەسى ئىزا-ئاھانەتكە قېلىپ، يەكسان قىلىنىدۇ.

2كىشىلەر ئەمدى موئابنى مەدھىيەلىمەيدۇ.

دۈشمەن خەشبوندا موئابنى ۋەيران قىلىشنى ئويلايدۇ.

ئۇلار: ‹يۈرۈڭلار، بۇ ئەلنى ۋەيران قىلايلى!› دەيدۇ.

ئەي مادمېن شەھىرى، سەنمۇ جىمىقتۇرۇلىسەن.

قىلىچ سېنى ئىزدەيدۇ.

3خورونايىم شەھىرىدىن كېلىۋاتقان يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار.

ئۇلار ‹ۋەيران بولدۇق، ھالاك بولدۇق!› دەپ يىغلايدۇ.

4موئاب ۋەيران قىلىنىدۇ،

ئۇنىڭ بالىلىرى يىغلاپ زارلايدۇ.

5ئۇلار لۇخىت شەھىرىگە چىقىدىغان يولدا كېتىۋېتىپ يىغلايدۇ.

ئۇلار خورونايىم شەھىرىگە چۈشىدىغان يولدىمۇ بۇ ۋەيرانچىلىقتىن ئازابلىنىپ يىغلىغان ئاۋازلارنى ئاڭلايدۇ.

6ئۇلار ‹قېچىڭلار! ھەتتا چۆلدىكى يېگانە چاتقالغا ئوخشاش قالساڭلارمۇ،

قېچىپ ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!› دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ.

7موئاب، سەن ئۆزۈڭنىڭ كۈچ-قۇدرىتىڭگە ۋە بايلىقىڭغا بەك ئىشىنىپ كەتتىڭ،

لېكىن سەنمۇ ئەسىرلىككە ئېلىنىسەن.

بۇت ئىلاھىڭ كىموش ۋە ئۇنىڭ روھانىيلىرى، خىزمەتكارلىرى بىرلىكتە سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

8ۋەيران قىلغۇچىلار ھەربىر شەھەرگە كېلىدۇ.

ھېچقانداق شەھەر قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

جىلغىلاردىكى يېزا-قىشلاقلار ۋەيران قىلىنىدۇ.

ئېگىزلىككە جايلاشقان شەھەرلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

9موئاب ئۈچۈن بىر قەبرە تۇرغۇزۇڭلار.

چۈنكى ئۇ جەزمەن ۋەيران قىلىنىدۇ!

ئۇنىڭ شەھەرلىرى قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ،

ئۇ يەرلەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.

10پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى جان-دىلى بىلەن قىلماي،

قىلىچلىرىنى قان تۆكۈشكە ئىشلەتمىگەنلەر لەنەتكە قالسۇن!

11موئاب بۇرۇندىن تارتىپ بىخەتەر ياشاپ، سۈرگۈن قىلىنىپ باقمىغان.

ئۇلار خۇددى ئىدىشتا ساقلانغان ئۈزۈم شارابىغا ئوخشايدۇ.

ئۇلار ئىدىشتىن ئىدىشقا يۆتكەلمىگەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تەمى يەنىلا شۇنداق ئېسىل، پۇراقلىرى ئۆزگەرمىگەن.

12لېكىن مېنىڭ موئابقا قارشى ئادەملەرنى ئەۋەتىدىغان ۋاقتىم كېلىۋاتىدۇ.

ئۇلار موئابنى شارابنى تۆككەندەك تۆكۈپ، قۇرۇقدايدۇ ۋە ئىدىشلارنى ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

13موئاب خەلقى ئۆزىنىڭ بۇت ئىلاھى كىموشتىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ،

ئۇلار خۇددى ئىسرائىللار بەيتەلدىكى موزاي بۇتقا ئىشىنىپ ئۈمىدسىزلەنگەندەك ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

14ئەي موئاب خەلقى، ئۆزۈڭلارنى قانداقمۇ ‹بىز قەھرىمان، يېڭىلمەس جەڭچىمىز› دېيەلەيسىلەر؟

15موئاب ۋەيران قىلىنىپ، ئۇنىڭ شەھەر-يېزىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ.

ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىل قىران يىگىتلىرى قىرىلىدۇ.

بۇ، مەن پادىشاھ، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

16موئابنىڭ ۋەيران بولۇشىغا ئاز قالدى.

بالايىئاپەت ناھايىتى تېزلا كېلىدۇ.

17موئابنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان،

ئۇنىڭ نام-شەرىپىنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈڭلار،

‹موئابنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى يوقاپ كەتتى› دەڭلار.

18ئەي دىبون شەھىرىدە ياشايدىغانلار، مەرتىۋىلىك ئورنۇڭلاردىن چۈشۈپ،

قۇرۇق يەردە ئولتۇرۇڭلار.

چۈنكى موئابنى ۋەيران قىلغۇچىلار سىلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ،

مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ.

19ئەي ئاروئېردا ياشاۋاتقانلار، سىلەر يوللارغا چىقىپ قاراڭلار.

قېچىۋاتقان ئەر ۋە ئاياللاردىن ‹نېمە بولدى؟› دەپ سوراڭلار.

20ئۇلار: ‹موئاب مەغلۇپ بولۇپ، نومۇسقا قالدى،

ئۈنلۈك ۋارقىراپ يىغلاڭلار،

موئابنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئارنون دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىدا جاكارلاڭلار!› دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

21ئېگىزلىكتىكى شەھەرلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. خولون، ياھاز، مېفائات، 22دىبون، نىبو ۋە بەيت-دىبلاتايىم، 23قىرياتائىم، بەيت-گامۇل، بەيت-مىئون، 24قىرىيوت ۋە بوزرا قاتارلىق شەھەرلەر مەيلى يېقىن ياكى يىراق بولسۇن، موئابنىڭ ھەممە شەھەرلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. 25موئابنىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ، كۈچ-قۇدرىتى تۈگەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

26موئاب خەلقى تەكەببۇرلىشىپ مەندىن يۈز ئۆرۈدى،

شۇڭا ئۇلار جازا شارابىمنى ئىچىپ، مەست بولسۇن!

ئۇلار ئۆز قۇسۇقىغا مىلىنىپ يېتىپ، كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالسۇن.

27ئەي موئاب، سەن ئىسرائىللارنى مەسخىرە قىلدىڭ.

سەن ئۇلارنى پەقەت ئوغرى دەپلا ئويلىدىڭمۇ؟

قاچانلا ئىسرائىللار توغرىسىدا گەپ قىلساڭ،

بېشىڭنى چايقاپ، ئۇلارنى مەنسىتمىدىڭ.

28ئەي موئاب خەلقى، شەھەرلىرىڭلارنى تاشلاپ، تىك يارلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ياشاڭلار.

ئۆڭكۈر ئېغىزىغا ئۇۋا سالىدىغان كەپتەرلەردەك تۇرۇڭلار.

29موئابنىڭ ناھايىتى تەكەببۇرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم،

ئۇلار بەك مەغرۇرلىشىپ كەتتى،

ئۇلار ئىنتايىن تەكەببۇر، ھاكاۋۇر ۋە كىبىرلىكتۇر، ئۇلار ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ.

30مەن، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ مەغرۇرلۇقىنى بىلىمەن.

ئۇلارنىڭ ماختىنىشى پۈتۈنلەي بىھۇدىدۇر، قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئاساسى يوقتۇر.

31شۇ سەۋەبتىن مەن موئاب ئۈچۈن يىغلايمەن،

پۈتۈن موئاب ئۈچۈن ياش تۆكۈپ يىغلايمەن،

قىرخەرەس شەھىرىنىڭ خەلقى ئۈچۈن قايغۇرىمەن.

32يازېر شەھىرى سىبماھنىڭ ئۈزۈملىرى ئۈچۈن قايغۇرغانغا ئوخشاش،

مەنمۇ سىبماھنىڭ ئۈزۈملىرى ئۈچۈن قايغۇرۇپ، ياش تۆكىمەن.

سىبماھنىڭ ئۈزۈم تاللىرى بىر ۋاقىتلاردا ئۆلۈك دېڭىز ۋە يازېر شەھىرىگىچە يېتىپ بارغانىدى.

ۋەيران قىلغۇچىلار يازلىق مېۋىلىرىڭلارنى ۋە ئۈزۈملىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ.

33شاد-خۇراملىق موئابنىڭ مۇنبەت زېمىنىدىن يوقىلىدۇ.

مەن ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدىن ئېقىۋاتقان ئۈزۈم شەربىتىنى توختىتىمەن.

ھېچكىم ئۇ يەردە ئۈزۈملىرىنى يانجىپ، خۇشاللىقىدىن ۋارقىرىمايدۇ.

بۇ يەردە ۋارقىراشلار بولىدۇ، لېكىن بۇ خۇشاللىقتىن ئەمەستۇر.

34بۇ يىغا-زار خەشبوندىن تاكى ئەلئالى ۋە ياھازغىچە، زوئاردىن خورونايىم ۋە ئەگلات-شىلىشىياغىچە ئاڭلىنىدۇ. ھەتتا نىمرىمنىڭ ئېقىنلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. 35مەن موئابتا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق سۇنىدىغانلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغانلارنى يوق قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

36شۇ سەۋەبتىن قەلبىم مىسكىن چېلىنغان نەيدەك موئاب ئۈچۈن قايغۇردى. قەلبىم قىرخەرەس خەلقى ئۈچۈن مەرسىيە نەغمىسى چالغان نەيدەك ھەسرەت چەكتى. ئۇلارنىڭ توپلىغان بايلىقلىرى يوقاپ كەتتى. 37كىشىلەر قايغۇ-ھەسرەتتىن چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. ئۇلار قوللىرىنى تىلىپ، ماتەملىك كىيىملىرىنى كىيىدۇ. 38موئاب زېمىنىدىكى ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدىن ۋە كوچىلاردىن ھازا ئاۋازلىرىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايدۇ. چۈنكى مەن موئابنى ناچار ئىدىشنى چاققاندەك، چاقىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 39موئاب پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، ئۇنىڭ خەلقى ھۆڭرەپ يىغلايدۇ ۋە ئېغىر ئاھانەتكە قالىدۇ! موئاب قورقۇنچلۇق ھالىتى بىلەن ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ.»

40پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«دۈشمەن خۇددى بۈركۈتتەك شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ، موئاب ئۈستىدە قاناتلىرىنى يايىدۇ.

41شەھەرلەر بېسىۋېلىنىپ، مۇستەھكەم قورغانلار ئىشغال قىلىنىدۇ.

ئۇ كۈندە موئاب لەشكەرلىرى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ھامىلىدار ئايالدەك قىينىلىدۇ.

42موئاب ۋەيران قىلىنىپ، قايتىدىن بىر ئەل بولالمايدۇ.

چۈنكى ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدى.

43ئى موئاب پۇقرالىرى، مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى،

ۋەھىمە، ئورەكلەر ۋە تۇزاقلار سىلەرنى كۈتمەكتە!

44ۋەھىمىدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغانلار ئورەكلەرگە چۈشەر،

ئورەكلەردىن چىققانلار تۇزاققا چۈشەر.

چۈنكى مېنىڭ موئاب خەلقىنى جازالايدىغان ۋاقتىم يېتىپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

45قاچقانلار خەشبون سېپىللىرىنىڭ سايىلىرىدا تۇرۇپ، ھالىدىن كېتىدۇ.

پادىشاھ سىخوننىڭ قەدىمكى يۇرتى خەشبوندىن ئوت كۆتۈرۈلىدۇ.

ئوت پۈتكۈل زېمىننى ئۇرۇشپەرەس خەلقى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلىدۇ.

46ئەي موئاب خەلقى، ھالىڭلارغا ۋاي!

كىموشقا چوقۇنىدىغان خەلق، سىلەر تۈگەشتىڭلار!

ئوغۇللىرىڭلار تۇتقۇن قىلىنىپ،

قىزلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

47لېكىن مەن ۋاقتى كەلگەندە، موئابنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

موئاب توغرىسىدا ئېيتىلغان ۋەھىي مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى