1دەريا-ئۆستەڭ بويىغا يىغىلغاندا بابىلدا،
سىئوننى ئەسلەپ كۆزىمىز تولدى ياشقا.
2لىرالىرىمىز* ئېسىقلىق تۇراتتى سۆگەت شېخىدا.
3چۈنكى بىزنى سۈرگۈن قىلغانلار
ناخشا تەلەپ قىلاتتى بىزدىن،
كۆڭۈللىرىنى ئېچىشقا.
جېنىمىزنى قىينىغانلار كۈلۈپ تۇرۇپ
دەيتتى بىزگە: «ئېيتىپ بەر
سىئوننىڭ مۇناجاتلىرىدىن.»
4ياقا يۇرتتا قانداقمۇ ئېيتايلى ئۇنى _
پەرۋەردىگارنىڭ مۇناجىتىنى.
5ئەي يېرۇسالېم، سېنى ئۇنتۇسام،
قۇرۇسۇن ئوڭ قولۇم.
6ئەي يېرۇسالېم، سېنى ئۇنتۇسام،
سېنى ئەڭ زور خۇشاللىقىم دەپ بىلمىسەم،
چاپلىشىپ قالسۇن تاڭلىيىمغا تىلىم.
7ئى پەرۋەردىگار،
ئىدوملۇقلارنىڭ زوراۋانلىقى بولسۇن يادىڭدا،
يېرۇسالېم قولدىن كەتكەن كۈنى ئۇلار
دېيىشكەنىدى: «ئۇنى بۇزۇڭلار، چېقىڭلار،
يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار.»
8ئەي بابىللىق، ۋەيران بولغۇچىلار،
بەختلىكتۇر بىزگە قىلغان يامانلىقىڭلارنى
ئۆزۈڭلارغا قايتۇرغۇچىلار.
9بەختلىكتۇر بوۋاقلىرىڭلارنى تاشقا ئاتقۇچىلار.