داۋۇت يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، ئۇ غاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا بۇ دۇئانى ئوقۇغان.*
1ئاڭلىسۇن دەپ پەرۋەردىگار، بار ئاۋازىمدا نالە-پەرياد قىلىمەن،
پەرۋەردىگاردىن رەھىم تىلەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا يېلىنىمەن.
2مەن ئۇنىڭغا دەردلىرىمنى تۆكىمەن،
ھەم ئۇنىڭغا مۈشكۈللىرىمنى ئېيتىمەن.
3رەقىبلىرىم يوللىرىمغا قىلتاق قۇرغان بولسىمۇ،
روھىم مېنىڭ بۇرۇقتۇم بولۇپ تۈگىشەي دېسىمۇ،
ئۆزۈڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالىسەن شۇنداقتىمۇ.
4پەرۋەردىگار قاراپ باققىن ئوڭ يېنىمغا،
ماڭا كۆڭۈل بۆلگۈچى يوقتۇر ئەتراپىمدا،
پاناھ بولۇپ ھېچكىم كۆيۈنمەس ماڭا.
5ئى ئىلاھىم، پەرياد چېكىپ ساڭا دېدىم:
«سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن،
پانىي ئالەم قۇچىقىدا نېسىۋەمسەن.»
6ئى ئىگەم، پەريادىمغا قۇلاق سالغىن،
ئەھۋالىم بەك ناچار-مۈشكۈلدۇر.
قۇتقۇز مېنى ئۇلارنىڭ قوغلىشىدىن،
چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر.
7شۈكۈر ئېيتماق ئۈچۈن سېنىڭ نامىڭغا،
ئۆزۈڭ مېنى چىقارغايسەن زىنداندىن.
ھەققانىيلار شۇندىلا ئولىشىدۇ ئەتراپىمغا،
چۈنكى زور مېھرىبانلىققا ئېرىشىمەن سېنىڭدىن.
*بۇ مۇناجاتتا بايان قىلىنغان ۋەقەلەر داۋۇت پەيغەمبەر سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئىككى قېتىم غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بولۇپ، «مۇقەددەس كىتاب. بىرىنچى سامۇئىل» 22-بابتىن 24-بابقىچە بولغان بۆلىكىدە خاتىرىلەنگەن.