« زەبۇر »

61

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1ئى خۇدا، ئاڭلىغايسەن پەريادىمنى،

قوبۇل قىلغىن ساڭا قىلغان دۇئايىمنى.

2چۈشكۈنلۈك باسقاندا قەلبىمنى، ئىلتىجا قىلىمەن يىراقتىن ساڭا،

يېتەكلىگىن مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز قورام تاشقا.

3شۈبھىسىزكى، سەن مېنىڭ باشپاناھىم،

دۈشمىنىمدىن قوغدايدىغان مۇستەھكەم قورغىنىم.*

4چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك ماكان قىلاي،

قاناتلىرىڭنىڭ سايىسىدا پاناھ تاپاي. سېلاھ

5ئى خۇدا، ئاڭلاپ سەن قەسەملىرىمنى،

بەردىڭ ماڭا، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا ئاتىغان بەختنى.

6ئۇزارتىپ پادىشاھنىڭ ئۆمرىنى،

ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە داۋام ئەتكىن تەختىنى.

7ئى خۇدا، ئۇ مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرسۇن كۆز ئالدىڭدا،

قوغدىغاي ئۇنى مۇھەببىتىڭ ۋە ساداقىتىڭ دائىما.

8نەغمە-ناۋا قىلاي مەڭگۈ ئاتاپ سېنىڭ نامىڭغا،

ساڭا بەرگەن قەسەملىرىمنى ھەر كۈنى قىلىپ ئادا.



*3مۇستەھكەم قورغىنىم _ بەزى تەرجىمىلەردە «كۈچلۈك مۇنارىم» دەپ ئېلىنغان.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى