« زەبۇر »

3

بۇ مۇناجاتنى داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابسالومدىن قېچىپ يۈرگەندە يازغان.

1نەقەدەر كۆپتۇر رەقىبلىرىم، ئى پەرۋەردىگار،

شۇنچە جىقتۇر ماڭا قارشى چىققانلار.

2دېيىشەر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈستۈمدىن:

«يوقتۇر ئۇنىڭغا نىجاتلىق خۇدادىن.» سېلاھ*

3ئەمما، ئى پەرۋەردىگار قالقىنىمدۇرسەن،

شان-شۆھرىتىم، قەددىمنى كۆتۈرگۈچىسەن.

4پەرياد قىلغانىدىم يۇقىرى ئاۋازدا پەرۋەردىگارغا،

ئۇ جاۋاب بەردى مۇقەددەس سىئون تېغىدىن ماڭا. سېلاھ

5ساقلىغاچ مېنى خۇدا ئۆز پاناھىدا،

ياتسام كېتىمەن بەخىرامان ئۇيقۇغا،

تىنچ-ئامان ئويغىنىمەن يەنە تاڭدا.

6قورقماسمەن مىڭلىغان كىشىلەردىن،

ئۇلارنىڭ ھەر تەرەپتىن قىلغان ھۇجۇمىدىن.

7ئى پەرۋەردىگار، ياردەمگە كەلگىن،

ئى ئىلاھىم، مېنى قۇتقۇزغىن.

تەستىكىگە سالىسەن رەقىبلىرىمنىڭ،

چىشلىرىنى سۇندۇرىسەن رەزىللەرنىڭ.

8ئى پەرۋەردىگار، سەندىن كېلەر نىجاتلىق،

ئۆز خەلقىڭنى قىلغايسەن بەرىكەتلىك. سېلاھ



*2سېلاھ _ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، بۇ سۆز ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە چۈشەندۈرۈشلەر بار: 1. «بىرئاز توختاپ، چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىڭلار» دېگەن مەنىدە. 2. ئىبادەت قىلغۇچىلارغا سەجدە قىلىش ھەققىدە بېرىلىدىغان بەلگە. 3. مۇزىكىدىكى مەلۇم بىر بەلگە. 4. مەرغۇل.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى