« زەبۇر »

75

ئاساف يازغان مۇناجات بولۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1ساڭا شۈكۈر ئېيتىمىز ئى خۇدا، شۈكۈر ئېيتىمىز،

چۈنكى سەن يېقىنسەن بىزگە،

بايان قىلىمىز كارامەتلىرىڭنى ھەمىشە.

2خۇدا ئېيتار: «مەن بېكىتكەن ۋاقىتتا،

سورىقىمنى ئادالەتتە سورايمەن.

3تۇرسىمۇ گەر يەر-زېمىنلار تەۋرىنىپ،

ئۆزۈمدۇرمەن قويغۇچىسى ئاڭا تۈۋرۈك ئورنىتىپ.» سېلاھ

4مەن دەيمەن ماختانچاققا: «ماختانما»،

پاسىقلارغا: «مەغرۇرلىنىپ غادايما،

5ئۆز كۈچۈڭدىن كۆرەڭلەپ،

تۇمشۇقۇڭنى ئۈشلاپ، پو ئاتما.»

6چۈنكى يۈكسىلىش كېلەر پەقەتلا خۇدادىن،

كەلمەيدۇ، شەرق، غەرب ياكى جەنۇب، شىمالدىن.*

7بەرھەق، پەرۋەردىگار بىردىنبىر سوتچىدۇر،

ئۇ بىرىنى ئەزىز قىلىسا، بىرىنى خار قىلار.

8چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ بولار،

ئۇنىڭغا ئاچچىق، كۆپۈكلۈك شاراب تولغان بولار.

قاچانكى خۇدا ئۇنى تۆكسە زېمىنغا،

پاسىقلار دۇغلىرىنى قوشۇپ ئىچىۋالار.

9ياقۇپلارنى تاللىغان خۇدا ھەققىدە

مەن مەڭگۈ گۇۋاھلىق بېرىمەن،

ھەم ئۇنىڭ نامىغا مۇناجاتلار ئېيتىمەن.

10خورىكى چوڭ ماختانچاقلارنىڭ خورىكىنى كېسىۋېتىمەن.*

بىراق ئادىل-ھەققانىيلارنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرىمەن.



*6شەرق، غەرب ياكى جەنۇب، شىمالدىن _ بەزى تەرجىمىلەردە «شەرق، غەرب ياكى چۆل-باياۋاندىن» دەپ ئېلىنغان.

*1010-ئايەت خۇدانىڭ ئېيتقان بىۋاسىتە سۆزلىرىدۇر.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى