« ئەزەكىئەل »

11

يېرۇسالېمدىكى يامان مەسلىھەتچىلەرنىڭ جازالىنىشى

1شۇ چاغدا روھ مېنى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا ئېلىپ باردى. مەن ئۇ يەردە 25 ئادەمنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئاززۇرنىڭ ئوغلى يائازانيا ۋە بىنايانىڭ ئوغلى پىلاتيامۇ بار ئىدى. 2پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئادەم بالىسى، بۇ ئادەملەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى كۆپتۇر، ئۇلار شەھەردىكىلەرگە يامان مەسلىھەت بېرىشىدۇ. 3ئۇلار: «ئۆي سېلىشنىڭ ياخشى پەيتى كەلدى. بىزنىڭ شەھەر خۇددى تۆمۈر قازاندەك مۇكەممەلدۇر، بىز بۇ قازاندىكى گۆشتەك بىخەتەردۇرمىز» دېيىشىدۇ. 4شۇڭا ئەي ئادەم بالىسى، ۋەھىيىمنى يەتكۈز، ئۇلارغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز.

5شۇ ئان پەرۋەردىگارنىڭ روھى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى ۋە ئىسرائىللارغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى دېيىشىمنى ئەمر قىلدى: «مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ئىسرائىللار، ئاغزىڭلاردا ئۇنداق دېگىنىڭلار بىلەن كۆڭلۈڭلاردا نېمىلەرنى ئويلاۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن. 6سىلەر بۇ شەھەردە نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلتۈردۈڭلار، كوچىلار جەسەت بىلەن تولدى.

7شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، بۇ شەھەر ھەقىقەتەن قازانغا ئوخشايدۇ. لېكىن گۆش سىلەر ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۆلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىدۇر. مەن سىلەرنى بۇ شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىمەن. 8سىلەر قىلىچتىن قورقىسىلەر، شۇڭا مەن قىلىچنى سىلەرگە تەڭلەيمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 9سىلەرنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىپ، ياتلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مەن سىلەرنى جازالايمەن. 10سىلەر قىلىچ ئاستىدا ئۆلىسىلەر. مەن سىلەرنى ئىسرائىلىيە چېگراسى ئىچىدە جازالايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. 11بۇ شەھەر سىلەرنى قوغدايدىغان قازان ئەمەستۇر ھەم سىلەرمۇ ئىچىدىكى گۆش ئەمەستۇرسىلەر. مەن سىلەرنى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ چېگراسى ئىچىدە جازالايمەن. 12شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. چۈنكى سىلەر مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلماستىن، ئەكسىچە ئەتراپىڭلاردىكى قوشنا ئەللەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئەگەشتىڭلار.»

13مەن مۇشۇ ۋەھىينى يەتكۈزۈۋاتقىنىمدا، بىنايانىڭ ئوغلى پىلاتيا ئۆلدى. مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ:

_ ئېھ ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن ھايات قالغان ئاشۇ ئازغىنە ئىسرائىللارنىمۇ يوقاتماقچىمۇسەن؟ _ دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا نالە قىلدىم.

سۈرگۈنلەرنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدە

14پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

15_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمدا قالغان كىشىلەر سېنىڭ تۇغقانلىرىڭ ۋە سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق ئىسرائىللار ھەققىدە مۇنداق دېيىشىدۇ: «ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يىراق بىر ماكاندىدۇر، شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ زېمىننى بىزگە مۈلۈك قىلىپ بەردى.»

16شۇڭا سەن سۈرگۈن قىلىنغانلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «گەرچە مەن سىلەرنى يىراقتىكى يات ئەللەرگە تارقىتىۋەتكەن بولساممۇ، لېكىن سىلەر سۈرگۈندىكى ۋاقتىڭلاردا سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈمنى سىلەرگە يار قىلدىم. 17مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: ‹مەن سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ھەرقايسى ئەللەر ۋە جايلاردىن يىغىپ ئەكېلىمەن ۋە سىلەرگە ئىسرائىلىيە زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىمەن.›»

18ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، زېمىنىدىكى يىرگىنچلىك ۋە نەپرەتلىك ھەممە بۇتلارنى يوقىتىدۇ. 19مەن ئۇلارغا سەمىمىي بىر قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ تاشتەك قاتتىق يۈرىكىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا بىر يۇمشاق يۈرەك ئاتا قىلىمەن. 20شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلىدىغان، بەلگىلىمىلىرىمگە بويسۇنىدىغان بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. 21لېكىن يىرگىنچلىك ۋە نەپرەتلىك بۇتلارغا قەلبىدىن ئورۇن بەرگەن كىشىلەرنى قىلمىشلىرىغا يارىشا جازالايمەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىن ئايرىلىشى

22كېرۇبلار قاناتلىرىنى قېقىپ كۆتۈرۈلدى، چاقلارمۇ تەڭ كۆتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى بار ئىدى. 23پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى كۆتۈرۈلۈپ، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شەرقىي تاغ ئۈستىدە توختىدى. 24غايىبانە ئالامەت ئىچىدە روھ مېنى كۆتۈرۈپ، بابىلدىكى سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ باردى. شۇ ۋاقىتتا غايىبانە ئالامەت كۆز ئالدىمدىن غايىب بولدى. 25پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلغان ھەممە نەرسىنى سۈرگۈندىكى كىشىلەرگە ئېيتىپ بەردىم.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى