« ئەزەكىئەل »

17

بۈركۈت بىلەن ئۈزۈم تېلى ھەققىدىكى تەمسىل

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىل خەلقىگە تۆۋەندىكى مەسەل ۋە تەمسىلنى ئېيتىپ بەر ۋە 3ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «چوڭ بىر بۈركۈت بولۇپ، قاناتلىرى كەڭ، پەيلىرى كۆپ ۋە رەڭدار ئىكەن. بۇ بۈركۈت لىۋانغا كېلىپ، كېدىر دەرىخىنىڭ ئۇچىدىن بىر شاخنى سۇندۇرۇپ ئاپتۇ. 4ئاندىن ئۈزۈپ ئالغان بۇ يۇمران شاخنى سودىگەرلەرنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىر شەھىرىگە تىكىپتۇ. 5ئۇ يەنە ئىسرائىلىيەدىن بىر دانە ئۈزۈم نوتىسىنى ئېلىپ، مۇنبەت يەرگە، يەنى سۇ بويىغا سۆگەت تىككەندەك تىكىپتۇ. 6نوتا شاخلاپ، ئۈزۈم تېلىغا ئايلانغاندا، ئۇنىڭ شاخلىرى بۈركۈت تەرەپكە قاراپ بوي تارتىپتۇ. ئۇ يەر ئاستىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، يوپۇرماقلىرى قويۇقلىشىپ، بۈك-باراقسانلىشىپتۇ.

7كېيىن يەنە بىر چوڭ بۈركۈت ئۇچۇپ كەپتۇ. ئۇنىڭ قاناتلىرى كەڭ، پەيلىرى كۆپ ئىكەن. ھېلىقى بۈك-باراقسان ئۈزۈم تېلى بۈركۈتنىڭ ئۆزىنى سۇغىرىشىغا تەشنا بولۇپ، تىكىلگەن يېرىدىن يىلتىزى ۋە شېخىنى بۈركۈت تەرەپكە سوزۇپتۇ. 8ئەسلى بۇ كۆچەت بۈك-باراقسان ئۆسۈپ، مول مېۋە بېرىپ، كۆركەم ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن مۇنبەت يەرگە، يەنى مول سۇ بويىغا تىكىلگەنىكەن.»

9ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «بۇ ئۈزۈم تېلى ئەمدى يەنە بۈك-باراقسان ئۆسەلەمدىكەن!؟ ئەجەبا، كۆچەتنى تىككەن بۈركۈت ئەمدى ئۇنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ، ئۈزۈملىرىنى ئۈزۈپ، يوپۇرماقلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلىيالمامدىكەن!؟ ئۈزۈم تېلىنى قومۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن كۈچلۈك قول ياكى زور بىر قوشۇن كېرەك ئەمەس. 10كۆچۈرۈلگەن ئۈزۈم تېلى يەنە بۈك-باراقسان ئۆسەلەمدۇ، ئۇنى شەرق شامىلى قۇرۇتۇۋەتمەمدۇ، كۆچەت كۆچۈرۈلگەن جايىدا قۇرۇپ قالمامدۇ؟!»

تەمسىلنىڭ مەنىسى

11پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

12_ بۇ ئاسىي خەلققە ئېيت: «سىلەر بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەمسىلەر؟ بابىل پادىشاھى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 13بابىل پادىشاھى يەھۇدىيەنىڭ خان جەمەتىدىكىلەردىن بىرىنى تاللاپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزدى ۋە ئۇنى ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشقا قەسەم قىلدۇردى. بابىل پادىشاھى يەھۇدىيەنىڭ باشقا يېتەكچىلىرىنىمۇ ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 14بۇنىڭدىكى مەقسەت يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھلىقىنى ئاجىزلىتىپ، قايتىدىن ئىسيان كۆتۈرەلمەيدىغان، پەقەت ئەھدىگە بويسۇنغاندىلا ھايات قالالايدىغان قىلىش ئىدى. 15لېكىن يەھۇدىيەگە تىكلەنگەن پادىشاھ بابىل پادىشاھىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ئۇ ئەلچىلىرىنى مىسىرغا ئەۋەتىپ، جەڭ ئاتلىرى ۋە لەشكەر سورىدى. ئەمما ئۇنىڭ غەلىبە قىلالىشى مۇمكىنمۇ؟! ئۇ مۇشۇنداق قىلسا جازادىن قانداق قېچىپ قۇتۇلالىسۇن؟! ئۇ ئەھدىنى بۇزغان تۇرسا، جازالانماي قالارمۇ؟!

16مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ پادىشاھ بابىلدا، يەنى ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن بابىل پادىشاھىنىڭ شەھىرىدە ئۆلىدۇ. چۈنكى ئۇ قىلغان قەسىمىگە ۋاپا قىلماي، بابىل پادىشاھى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزدى.

17بابىل پادىشاھى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يېرۇسالېمنى قورشاپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلىگەندە، پىرئەۋننىڭ زور ۋە كۈچلۈك قوشۇنى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھىغا ياردەم بەرمەيدۇ. 18يەھۇدىيە پادىشاھى قەسىمىگە ۋاپا قىلماي، تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن، بېشىغا كېلىدىغان بالا-قازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

19مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنى چوقۇم جازالايمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ نامىم بىلەن قىلغان قەسىمىگە ۋاپا قىلماي، بابىل پادىشاھى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزدى. 20مەن تورۇمنى يېيىپ، ئۇنى تۇتىمەن. ئۇنى بابىلغا ئېلىپ بېرىپ، ماڭا قىلغان ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن، ئۇنى سوراق قىلىمەن. 21ئۇنىڭ بارلىق خىل لەشكەرلىرى قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ. قالغانلىرى تۆت ئەتراپقا قېچىپ كېتىدۇ. شۇندىلا سىلەر بۇ سۆزلەرنى ئېيتقۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.

22مەن دەيمەنكى، ئېگىز كېدىر دەرىخىنىڭ ئۇچىدىن بىر تال نوتا ئېلىپ، يەنى ئەڭ ئېگىز ئۇچىدىن بىر تال يۇمران نوتا سۇندۇرۇپ، ئۇنى ئېگىز بىر تاغنىڭ چوققىسىغا تىكىمەن. 23ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئېگىز تاغ چوققىسىدا ئۆسۈپ، شاخ چىقىرىپ، باراقسان بولۇپ، كۆركەم بىر كېدىر دەرىخىگە ئايلىنىدۇ، ھەر خىل قۇشلار شاخلىرىغا كېلىپ قونىدۇ، سايىسىدا پاناھلىنىدۇ. 24دالادىكى ھەممە دەرەخلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئېگىز دەرەخلەرنى پاكار، پاكار دەرەخلەرنى ئېگىز قىلالايدىغانلىقىمنى، ياشىرىپ تۇرغان دەرەخلەرنى قۇرۇتۇپ، قۇرۇپ قالغان دەرەخلەرنى كۆكلىتىدىغانلىقىمنى بىلىشىدۇ. بۇنى مەنكى پەرۋەردىگار ئېيتتىم، مەن دېگىنىمنى قىلىمەن.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى