« ئەزەكىئەل »

5

پەرۋەردىگارنىڭ ئۇستىرىسى

1_ ئەي ئادەم بالىسى، بېرىپ بىر دانە ئۆتكۈر خەنجەر ئەكەل، ئۇنى ئۇستىرا ئورنىدا ئىشلىتىپ، چاچ ۋە ساقاللىرىڭنى چۈشۈر. ئاندىن چۈشۈرۈلگەن چاچ-ساقىللىرىڭنى تارازىدا تارتىپ، ئۈچكە بۆل. 2شەھەرنى قورشاش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، چېچىڭنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى كېسەككە ئويۇلغان شەھەردە كۆيدۈر. ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئويۇلغان شەھەرنىڭ سىرتىدا خەنجەر بىلەن توغرا. ئۈچىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شامالدا ئۇچۇرۇۋەت. چۈنكى مەن قىلىچىمنى سۇغۇرۇپ، خەلقىمنى كەينىدىن قوغلايمەن. 3لېكىن ئۈچىنچى قىسمىدىن بىرئاز قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىرقانچە تېلىنى چاپىنىڭنىڭ پېشىگە تۈگۈۋال. 4قالغانلىرىنى ئوتتا كۆيدۈر. ئوت مۇشۇ يەردىن باشلىنىپ، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە تۇتىشىدۇ.

5مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مانا بۇ يېرۇسالېمنىڭ تەقدىرىدۇر! مەن يېرۇسالېمنى باشقا ئەللەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويغانىدىم، ئەتراپىدا باشقا ئەللەر بار ئىدى. 6لېكىن يېرۇسالېم رەزىللىك قىلىپ، قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە قوشنا ئەللەردىن بەكرەك خىلاپلىق قىلدى. ئۇ مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىشنى رەت قىلدى. 7شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا شۇنداق دەيمەنكى، سەن ئەتراپىڭدىكى باشقا ئەللەرگە قارىغاندا بەكرەك ئىتائەتسىزدۇرسەن. سەن مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلمىدىڭ، قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلىشتا قوشنا ئەللەرگىمۇ يەتمىدىڭ. 8ئەي يېرۇسالېم، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن، سېنى باشقا ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايمەن. 9يىرگىنچلىك بۇتلىرىڭنىڭ سەۋەبىدىن بۇرۇنمۇ بولۇپ باقمىغان ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدىغان جازا بىلەن جازالايمەن. 10ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنى، بالىلار ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنى يەيدۇ. مەن سېنى جازالايمەن. بارلىق ھايات قالغانلارنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن.

11مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن يىرگىنچلىك بۇت ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغىغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى ئاياپ قويمايمەن، ساڭا شاپائەت قىلمايمەن ھەم ئىچ ئاغرىتمايمەن. 12سەندىكى خەلقنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ۋابا ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلتۈرىمەن، ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شەھەر سىرتىدا قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن، قالغان ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن ھەم قىلىچىمنى كۆتۈرۈپ ئارقىسىدىن قوغلايمەن. 13شۇندىلا ساڭا بولغان غەزىپىم بېسىلىپ، ئاچچىقىم يانىدۇ ۋە ئۆزۈمنى راھەت ھېس قىلىمەن. غەزىپىم ئۈستۈڭگە چۈشكەن ۋاقىتتا، مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ سېنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن دېيىلگەنلىكىنى بىلىپ قالىسەن.

14ئەتراپىڭدىكى خەلقلەر ۋە يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر كۆز ئالدىدىكى خارابىلىكنى كۆرۈپ، سېنى مازاق قىلىشىدۇ. 15مەن غەزەپ بىلەن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، سېنى ئاچچىقىم بىلەن قاتتىق جازالىغان ۋاقتىمدا، قوشنا ئەللەر تەرىپىدىن خورلۇق ۋە مەسخىرىگە قالىسەن. قوشنا ئەللەر سېنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، بۇ مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر. 16مەن ساڭا ئاچارچىلىقنىڭ ۋەيران قىلغۇچى زەھەرلىك ئوقىنى ئېتىپ، سېنى يوقىتىمەن. ئاچارچىلىق بارغانچە ئېغىرلىشىدۇ، يېمەك-ئىچمەك مەنبەسى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 17ئاچارچىلىق ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ساڭا ھۇجۇم قىلىمەن، سەندىكى خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھالاك قىلىمەن. ۋابا ۋە تۆكۈلگەن قان سېنى ھالاك قىلىدۇ. بېشىڭدىمۇ قىلىچ ئوينىتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى