« ئەزەكىئەل »

12

سۈرگۈن بولۇش ھەققىدىكى تەمسىل

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا ياشايسەن. ئۇلارنىڭ كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدۇ، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاسىيلاردۇر. 3شۇڭا سەن خۇددى سۈرگۈنگە تەييارلانغان ئادەمدەك، كۈندۈزى نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يىغىشتۇر. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن باشقا يەرگە كەت. گەرچە ئۇلار ئاسىي بولسىمۇ، ئۇلار سېنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىڭنى كۆرۈپ، بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلىشى مۇمكىن. 4خۇددى سۈرگۈنگە تەييارلانغان ئادەمدەك، كۈندۈزى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يىغىشتۇر. گۇگۇم ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا خۇددى سۈرگۈن قىلىنغاندەك ماڭ. 5يەنە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تامدىن بىر تۆشۈك تېشىپ، 6نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يۈدۈپ، شۇ يەردىن كەچ ۋاقتىدا چىقىپ كەت. يۇرتۇڭنى كۆرمەسلىكىڭ ئۈچۈن يۈزۈڭنى يېپىۋال. چۈنكى مەن سېنى سۈرگۈن قىلىنىدىغان ئىسرائىللارغا تەمسىل قىلماقچى.

7شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە ئىش قىلدىم. كۈندۈزى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نەرسە-كېرەكلىرىمنى خۇددى سۈرگۈنگە ماڭىدىغان ئادەمدەك يىغىشتۇرۇپ، كەچ ۋاقتىدا تامنى تېشىپ، نەرسىلىرىمنى يۈدۈپ، چىقىپ كەتتىم.

8ئەتىسى سەھەردە پەرۋەردىگار ماڭا:

9_ ئەي ئادەم بالىسى، ئاسىي ئىسرائىللار سەندىن: «نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟» دەپ سورىدىغۇ! 10سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «بۇ يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ زىدقىيا ۋە باشقا ئىسرائىللار ھەققىدىكى ئالدىن بېشارەتتۇر.» 11سەن ئۇلارغا يەنە: «مەن سىلەرگە پەقەت بىر تەمسىل بولدۇم. مەن كۆرسەتكەن ئىشلار چوقۇم كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا يۈز بېرىدۇ» دەپ ئېيت. ئۇلار ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

12يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ نەرسە-كېرەكلىرىنى يۈدۈپ، كېچىدە يولغا چىقىپ، تامنىڭ تۆشۈكىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئۇ يۇرتىنى كۆرمەسلىكى ئۈچۈن يۈز-كۆزىنى ئېتىۋالىدۇ. 13مەن تور يېيىپ، ئۇنى تۇتۇپ، بابىللىقلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كېلىمەن، لېكىن ئۇ بابىللىقلارنىڭ زېمىنىنى كۆرەلمەيدۇ ۋە شۇ يەردە ئۆلىدۇ. 14مەن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە بارلىق لەشكەرلىرىنى تۆت ئەتراپقا چېچىۋېتىمەن ھەم قىلىچىمنى چىقىرىپ، ئۇلارنى قوغلايمەن. 15ئۇلارنى باشقا ئەللەرگە سۈرگۈن قىلىپ، يات خەلقلەر ئارىسىغا چېچىۋېتىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. 16لېكىن ئۇلارنىڭ ھەرقايسى ئەللەردە ئۆزلىرى قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى قىلىچتىن، ئاچارچىلىقتىن، ۋابادىن ساقلاپ قالىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

17پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

18_ ئەي ئادەم بالىسى، تامىقىڭنى تىترەپ تۇرۇپ يە، سۈيۈڭنى قورقۇپ تۇرۇپ ئىچ. 19ئاندىن سەن بابىلدا تۇرۇۋاتقان كىشىلەرگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار يېرۇسالېم ۋە ئىسرائىلىيە خەلقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئۇلار تاماقلىرىنى دەككە-دۈككىدە يەيدۇ، سۇلىرىنى ھودۇقۇپ تۇرۇپ ئىچىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى ئۆزلىرىنىڭ زوراۋانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئادەمزاتسىز چۆلگە ئايلىنىدۇ. 20ئادەم ئولتۇراقلاشقان شەھەرلىرى خارابىلىككە، زېمىنلىرى قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ، شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.»

21پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

22_ ئەي ئادەم بالىسى، سىلەر ئىسرائىللاردا: «ۋاقىت كېتەر، بېشارەت يوقار» دەپ بىر ماقال بار. 23مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، بۇ ماقالنى ئىسرائىللارنىڭ ئېغىزىدىن يوق قىلىمەن، ئۇلار ئۇنى ئىسرائىلىيەدە ئىككىنچى تىلغا ئالمايدىغان بولىدۇ. سەن ئۇلارغا ئېيت، ھەممە بېشارەتلەر ئەمەلگە ئاشىدىغان كۈنلەرگە ئاز قالدى. 24ئەمدى ئىسرائىللار ئارىسىدا يالغاندىن كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان يالغان بېشارەتلىرى يەتكۈزۈلمەيدۇ. 25مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، مېنىڭ سۆزۈم چوقۇم كېچىكمەي ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەي ئاسىيلار، مېنىڭ سۆزۈم سىلەر ھايات ۋاقتىڭلاردا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

26پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

27_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىللار مۇنداق دېيىشىدۇ: «ئۇنىڭ كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلىرى كۆپ يىللاردىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلاردۇر. ئۇنىڭ بېشارەتلىرى يىراق كەلگۈسى ھەققىدىدۇر.» 28شۇڭا سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ بىرەرسىمۇ كېچىكمەيدۇ، ھەممىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.» بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى