« ئەزەكىئەل »

14

خۇدانىڭ بۇتپەرەسلىكنى ئەيىبلىشى

1بىر كۈنى ئىسرائىللارنىڭ بىرقانچە ئاقساقاللىرى يېنىمغا كېلىپ، ئالدىمدا ئولتۇردى. 2پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

3_ ئەي ئادەم بالىسى، بۇ ئادەملەر قەلبلىرىدە بۇتقا تېۋىنىدىكەن، بۇ ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان تاشتۇر. شۇنداق ئىكەن، مەن قانداقمۇ ئۇلارنىڭ مەندىن مەسلىھەت سورىشىغا يول قوياي؟ 4ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەگەر ئىسرائىل خەلقىدىن بىرسى ئۆزى پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان بۇتقا چوقۇنۇپ، ئاندىن كېلىپ پەيغەمبەردىن مەسلىھەت سورىسا، مەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قەلبىدىكى بۇتپەرەسلىكىگە يارىشا جاۋاب بەرگۈزىمەن. 5مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئىسرائىل خەلقىمنىڭ قەلبىنى قايتۇرۇپ كېلىشتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇتقا چوقۇنۇپ، مەندىن يىراقلاپ كەتتى.»

6شۇڭا ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «توۋا قىلىڭلار، بۇتلىرىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. 7ئىسرائىللار ياكى ئىسرائىلىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان يات خەلقلەر مەندىن يىراقلىشىپ، قەلبلىرىدە ئۆزلىرى پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئاندىن كېلىپ پەيغەمبەردىن مەسلىھەت سورىسا، مەن پەرۋەردىگار ئۆزۈم جاۋاب بېرىمەن. 8مەن ئۇلارغا قارشى چىقىمەن، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئالدىدا مەسخىرىگە قويۇپ، باشقىلارغا ئىبرەت قىلىمەن. ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.

9ئەگەر پەيغەمبەر ئېزىپ، ئۆزى مەسلىھەت بەرسە، ئەگەر پەيغەمبەر ئېزىپ، خاتا مەسلىھەت بەرسە، ئۇنىڭغا خاتا مەسلىھەت بەرگۈزگۈچى مەن بولىمەن. ئۇنىڭغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن ۋە ئۇنى ئىسرائىل خەلقىم ئارىسىدىن يوقىتىمەن. 10مەيلى پەيغەمبەر بولسۇن، مەيلى ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىغۇچى بولسۇن، مەن ئۇلارنى ئوخشاش جازالايمەن. 11شۇندىلا ئىسرائىل خەلقىم يولۇمدىن ئازمايدۇ ۋە ئۆزلىرىنى گۇناھلار بىلەن بۇلغىمايدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

خەلقنىڭ جازالىنىشى

12پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

13_ ئەي ئادەم بالىسى، ئەگەر بىرەر ئەلنىڭ خەلقى ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزسە، مەن ئۇلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن. ئۇلارنىڭ ئاشلىق مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، يېرىنى ئاچارچىلىق قاپلايدۇ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلار ھالاك بولىدۇ. 14مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ يەردە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپلار ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەققانىيلىقى ئارقىلىق پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى.

15ناۋادا مەن ئۇ يەرگە يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئەۋەتسەم، يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۇ يەردە خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئۇ يەرنى ئادەم ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قاقاسلىققا ئايلاندۇرۇپ قويسا، 16مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ يەردە ئاشۇ ئۈچ ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى، بالا-چاقىلىرىنى قۇتقۇزۇشقا قادىر بولالمايتتى. ئۇ يەر يەنە قاقاس پېتى قالاتتى.

17ئەگەر مەن ئۇ يەرگە دۈشمەن ئەۋەتىپ، قىلىچىم ئارقىلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنىمۇ ھالاك قىلسام، 18مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ يەردە ئاشۇ ئۈچ ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى، بالا-چاقىلىرىنى قۇتقۇزۇشقا قادىر بولالمايتتى.

19ئەگەر مەن ئۇ يەرگە ۋابا ئەۋەتسەم، قان تۆكۈش ئارقىلىق قەھرىمنى چاچسام، ئادەم ۋە ھايۋانلارنى قىرغىن قىلسام، 20مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ يەردە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپلار ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى، بالا-چاقىلىرىنى قۇتقۇزۇشقا قادىر بولالمايتتى.

21مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن يېرۇسالېم ئۈستىگە ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمى ۋە ۋابا قاتارلىق بۇ تۆت خىل دەھشەتلىك ئاپەتنى ئەكېلىپ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى نابۇت قىلسام، ئۇلارغا قانچىلىك ئېغىر كېلەر؟ 22لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بەزى ئوغۇل-قىزلار قېچىپ قۇتۇلۇپ، سىلەر تۇرغان يەرگە كېلىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ بابىلدىكى يۈرۈش-تۇرۇشلىرى ۋە قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ، مېنىڭ يېرۇسالېمغا چۈشۈرگەن جازالىرىمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، تەسەللى تاپىسىلەر. 23سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ، مېنىڭ يېرۇسالېمنى سەۋەبسىزلا جازالىمىغانلىقىمدىن تەسەللى تاپىسىلەر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى