« ئەزەكىئەل »

39

گوگنىڭ مەغلۇپ بولۇشى

1_ ئەي ئادەم بالىسى، گوگقا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي مەشەك ۋە تۇباللارنىڭ ھۆكۈمرانى گوگ، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن. 2مەن سېنى يولۇڭدىن ياندۇرۇپ، يىراقتىكى شىمالدىن ئېلىپ چۈشۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا ئىتتىرىپ كېلىمەن. 3سول قولۇڭدىكى يانى ۋە ئوڭ قولۇڭدىكى ئوقنى ئۇرۇپ، يەرگە چۈشۈرىمەن. 4سەن ۋە سېنىڭ قوشۇنۇڭ ھەمدە ساڭا ئەگىشىپ كەلگەن خەلقلەر ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدا ھالاك بولىدۇ. جەسىتىڭلار قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ. 5سەن دالادا ھالاك بولىسەن، چۈنكى مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار بۇنى ئېيتتىم. 6ماگوگنىڭ زېمىنىدا ۋە دېڭىز بويىدىكى جايلاردا خاتىرجەم ياشاۋاتقانلارغا ئوت ياغدۇرىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

7خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مۇقەددەس نامىمنى نامايان قىلىمەن، ئەمدى مۇقەددەس نامىمنىڭ بۇلغىنىشىغا يول قويمايمەن. شۇندىلا ھەرقايسى ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى، يەنى ئىسرائىللارنىڭ مۇقەددەس خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. 8مەن ئېيتقان كۈن چوقۇم كېلىدۇ، ھەممە ئىشلار شۇ كۈنى يۈز بېرىدۇ. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

9شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلەر لەشكەرلەرنىڭ قوراللىرىنى تېرىۋېلىپ ئوتۇن قىلىپ، قالايدۇ. چوڭ-كىچىك قالقانلار، ئوقيالار، توقماق ۋە نەيزىلەر يەتتە يىل قالاشقا يېتىدۇ. 10ئۇلارنىڭ ئوتۇن تېرىشىنىڭ، ئورمانلاردىن ئوتۇن كېسىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، قوراللار ئۇلارغا ئوتۇندۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى بۇلىغانلارنى بۇلايدۇ، تالىغانلارنى تالايدۇ. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

11ئۇ كۈنى ئىسرائىلىيەدىكى دېڭىزنىڭ شەرقىي تەرىپىگە تۇتىشىدىغان ‹يولۇچى جىلغىسى›دا گوگنىڭ قەبرىسىنى ھازىرلايمەن. ئۇ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۇ يەرگە كۆمۈلىدۇ. بۇ قەبرىستانلىق يولۇچىلارنىڭ يولىنى توسىدۇ. شۇڭا ئۇ يەر ‹گوگ قوشۇنىنىڭ جىلغىسى› دەپ ئاتىلىدۇ.

12ئىسرائىل خەلقى گوگ قوشۇنلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى كۆمۈپ، زېمىنىنى پاكلاش ئۈچۈن يەتتە ئاي سەرپ قىلىدۇ. 13ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى جەسەت كۆمۈشكە قاتنىشىدۇ. شۇڭا ئۇلار مەن ئۇلۇغۋارلىقىمنى نامايان قىلغان كۈنى ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ. 14يەتتە ئايدىن كېيىن، ئۇ يەرنى چارلايدىغانغا ئادەملەر تەيىنلىنىدۇ. چارلىغۇچىلار دائىم كېزىپ يۈرۈپ، كۆمۈلمەي قالغان ئۇستىخانلارنى كۆمۈپ، زېمىننى پاكلايدۇ. 15چارلىغۇچىلار ئۇستىخان بايقىسا، يېنىغا بەلگە سېلىپ قويىدۇ، ئاندىن كۆمۈشكە مەسئۇل بولغانلىرى ئۇستىخاننى ‹گوگ قوشۇنىنىڭ جىلغىسى›غا ئېلىپ بېرىپ كۆمىدۇ. 16(قەبرىستاننىڭ يېنىدا بىر شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ھامونادۇر [مەنىسى ‹قوشۇن›].) شۇنداق قىلىپ، ئۇلار زېمىنىنى پاكلايدۇ.»

17ئەي ئادەم بالىسى، مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ساڭا دەيمەنكى، سەن ھەر خىل قۇش ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيت: «سىلەر ھەر تەرەپتىن توپلىشىپ كېلىڭلار، مەن پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن ھازىرلىغان قۇربانلىق زىياپىتىمگە قاتنىشىڭلار، يەنى ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا كېلىپ، كاتتا زىياپەتكە داخىل بولۇڭلار. ئۇ يەردە گۆش يەيسىلەر، قان ئىچىسىلەر. 18خۇددى ئادەملەر باشان زېمىنىنىڭ بوردالغان قوچقار، پاقلان، تېكە ۋە بۇقىلىرىنى يېگەندەك، سىلەرمۇ باتۇرلارنىڭ گۆشىنى يەپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ قېنىنى ئىچىسىلەر. 19سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن تەييارلانغان قۇربانلىق زىياپىتىدە تويغۇچە مايلىق گۆش يەيسىلەر، مەست بولغاندەك ھۇزۇرلىنىپ قان ئىچىسىلەر. 20جەڭ ئاتلىرىنىڭ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ، باتۇرلارنىڭ ۋە ھەر خىل لەشكەرلەرنىڭ گۆشلىرىنى تويغۇچە يەيسىلەر.» بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

ئىسرائىللارنىڭ سۈرگۈندىن قايتىپ كېلىشى

21_ مەن ئۇلۇغۋارلىقىمنى ئەللەر ئارا نامايان قىلىمەن. پۈتۈن ئەللەر ئۆزلىرىنى جازالىغانلىقىمنى بىلىشىدۇ ۋە قۇدرەتلىك قولۇمنى كۆرۈشىدۇ. 22شۇ كۈندىن باشلاپ ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ٪٪ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسى ٪ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارى ٪٪ ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. 23باشقا ئەللەرمۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلىقىمنى بىلىشىدۇ. مەن خەلقىمدىن دىدارىمنى يوشۇرۇپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم. ئۇلار قىلىچ ئاستىدا جېنىدىن جۇدا بولدى. 24مەن ئۇلارنى ئىپلاسلىقلىرى ۋە گۇناھلىرىغا لايىق جازالىدىم ھەمدە ئۇلاردىن دىدارىمنى يوشۇردۇم.

25شۇڭا مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «مەن ئەمدى ياقۇپنىڭ سۈرگۈندىكى ئەۋلادلىرى بولغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىمەن ۋە مۇقەددەس نامىمنى قاتتىق قوغدايمەن. 26ئۇلار باشقىلارنىڭ تەھدىتلىرىدىن قۇتۇلۇپ يۇرتلىرىدا خاتىرجەملىككە ئېرىشكەندە، بۇرۇن قىلغان نومۇسسىزلىقلىرى ۋە ماڭا قىلغان بارلىق ساداقەتسىزلىكلىرىدىن نومۇس ھېس قىلىشىدۇ. 27مەن ئۇلارنى يات ئەللەردىن ئېلىپ كەلگەن ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن قايتۇرۇپ كەلگەن ۋاقتىمدا، ئۇلار ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن. 28مەن ئۇلارنى باشقا ئەللەرگە سۈرگۈن قىلغانىدىم، كەلگۈسىدە ئۇلارنى يۇرتلىرىغا يىغىپ ئەكېلىمەن، بىر ئادەممۇ قېلىپ قالمايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. 29ئەمدى ئىسرائىللاردىن دىدارىمنى يوشۇرمايمەن، ئۇلارنى مۇقەددەس روھىمغا چۆمدۈرىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى