« ئەزەكىئەل »

8

ئىبادەتخانىدىكى بۇتپەرەسلىك

1سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 6-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى* ، مەن ئۆيۈمدە يەھۇدىيەلىك ئاقساقاللار بىلەن ئولتۇراتتىم. تۇيۇقسىز ۋۇجۇدۇمغا ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى چۈشتى. 2قارىسام، ئالدىمدا تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدىغان بىر شەكىل تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئاستى تەرىپى ئوتقا، ئۈستى تەرىپى ئوتتا قىزارغان مېتالغا ئوخشايتتى. 3ئۇ چېچىمدىن تۇتتى. چېچىمدىن تۇتقىنى ئادەمنىڭ قولىغا ئوخشايتتى. ئاندىن روھ مېنى غايىبانە ئالامەتنىڭ ئىچىدە كۆتۈرۈپ، يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ ماڭدى ۋە مېنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى ھويلىسىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە بىر بۇت بولۇپ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قەھر-غەزىپىنى قوزغايتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قىزغىناتتى. 4مەن ئۇ يەردە تۇيۇقسىز ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ نۇر مەن تۈزلەڭلىكتە كۆرگەن نۇر بىلەن ئوخشاش ئىدى. 5ئۇ ماڭا:

_ ئەي ئادەم بالىسى، شىمالغا قارا، _ دېدى.

مەن شىمالغا قارىدىم، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان بۇتنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دەرۋازىنىڭ شىمالىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. 6ئۇ ماڭا يەنە:

_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىللارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار بۇ يەردە ئاشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىپ، مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامدىن يىراقلىشىشىمغا سەۋەب بولدى. سەن يەنە تېخىمۇ يىرگىنچلىك بولغان ئىشلارنى كۆرىسەن، _ دېدى.

7ئۇ مېنى ھويلا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى، ھويلا تېمىدا بىر كامارنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم. 8ئۇ ماڭا:

_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن بۇ ھويلا تېمىنى تەش، _ دېدى. مەن تامنى تەشكەندىن كېيىن، بىر ئىشىكنى بايقىدىم. 9ئۇ ماڭا:

_ سەن مۇشۇ ئىشىكتىن كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە قانداق رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆر، _ دېدى.

10مەن كىرىپ كۆردۈمكى، ئەتراپتىكى تاملارنىڭ ھەممىسىگە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە باشقا يىرگىنچلىك ھايۋانلار بىلەن ئىسرائىللار چوقۇنىدىغان بۇتلارنىڭ شەكىللىرى ئويۇلۇپتۇ. 11بۇتلارنىڭ ئالدىدا ئىسرائىللارنىڭ يەتمىش نەپەر ئاقساقىلى تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شافاننىڭ ئوغلى يائازانيامۇ بار ئىدى. ئۇلار قوللىرىغا ئىسرىقدان ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن خۇشبۇي ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى.

12ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ بۇتلىرى بىلەن يوشۇرۇنچە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار: «بىزنى پەرۋەردىگار كۆرمەيدۇ، پەرۋەردىگار زېمىنىمىزدىن ئاللىقاچان ۋاز كەچتى» دەپ ئويلايدۇ. 13ئۇ يەنە:

_ ئۇلارنىڭ تېخى بۇنىڭدىنمۇ يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى كۆرىسەن، _ دېدى.

14ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا ئەكەلدى. ئۇ يەردە بىر قىسىم ئاياللارنىڭ تاممۇز* ئىلاھىغا ھازا تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 15ئۇ ماڭا:

_ ئەي ئادەم بالىسى، كۆردۈڭمۇ؟ سەن بۇنىڭدىنمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، _ دېدى.

16ئاندىن ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا باشلاپ كىردى. ئىبادەتخانا ئالدىدا، يەنى تاشقىرىقى خانا بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا تەخمىنەن 25 ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كەينىنى قىلىپ، كۈنچىقىش تەرەپكە يۈزلىنىپ، قۇياشقا سەجدە قىلىۋاتاتتى. 17ئۇ يەنە ماڭا:

_ ئەي ئادەم بالىسى، كۆردۈڭمۇ؟ يەھۇدىيە خەلقىنىڭ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلىرى كىچىك ئىشمۇ؟ ئۇلار پۈتۈن زېمىندا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، غەزىپىمنى تېخىمۇ قوزغىدى. ئۇلار مېنى مەنسىتمەي، قوللىرىدا شاخ تۇتۇپ، بۇتقا چوقۇندى. 18شۇڭا مەن ئۇلارغا غەزەپ قىلىمەن، ئۇلارنى ئاياپ ئولتۇرمايمەن، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتمايمەن، ئۇلار قاتتىق نالە قىلسىمۇ، ئەمدى پەرۋا قىلمايمەن، _ دېدى.



*1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 592 يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*14تاممۇز ئىلاھى بابىللىقلارنىڭ ئۆسۈملۈك ئىلاھى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھەر يىلى كۈز كېلىپ، تاممۇز ئىلاھى ئۆلگەندە، ئۆسۈملۈكلەرمۇ قۇرۇپ قالىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى