« ئەزەكىئەل »

21

پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى ئىبادەتخانىغا قارشى سۆزلە، ئىسرائىلىيەگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز 3ۋە ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىلىيە، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن، قىلىچىمنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، سەندىكى ھەققانىيلارنى ۋە رەزىللەرنى قوشۇپ يوقىتىمەن. 4ھەققانىيلارنى ۋە رەزىللەرنى يوقىتىش ئۈچۈن مەن قىلىچىمنى قىنىدىن سۇغىرىمەن، قىلىچىم جەنۇبتىن شىمالغىچە ھەممە ئادەمگە قارشى تۇرىدۇ. 5شۇندىلا جاھان ئەھلى قىلىچىنى غىلىپىدىن چىقارغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ. مەن قىلىچىمنى غىلىپىغا قايتا سالمايمەن.»

6ئەي ئادەم بالىسى، نالە قىل، باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئېزىلگەن يۈرىكىڭ بىلەن قاتتىق نالە قىل. 7ئەگەر بىرسى سەندىن نېمىشقا نالە قىلىسەن، دەپ سورىسا، ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەر: «شۇم خەۋەر كېلىۋاتىدۇ. بۇ خەۋەردىن ھەر كىشىنىڭ يۈرىكى سېلىپ، قوللىرىدا جان قالمايدۇ. ھەركىمنىڭ روھى چۈشۈپ، قورقۇنچتىن تېقىملىرىغا سىيىۋېتىشىدۇ. مانا شۇ ۋاقىت يېقىنلىشىپ قالدى، ئۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ». بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

8پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

9_ ئەي ئادەم بالىسى، ئۇلارغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت:

«قىلىچ، قىلىچ

بىلەندى، پارقىرىتىۋېتىلدى.

10ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈر بىلەندى.

ئۇ پارقىراقلىقىدىن چاقماقتەك يالتىرايدۇ.

ئەي ئوغلۇم يەھۇدىيە، ئەجەبا، سەن سەلتەنەت ھاسىسىدىن خۇشالمۇسەن؟ ياق، چۈنكى ئۇ قىلىچ ھېچبىر سەلتەنەت ھاسىسىنى مەنسىتمەيدۇ!

11قىلىچ ئىشلىتىلىش ئۈچۈن پارقىرىتىلدى.

ئۇ جاللاتنىڭ قولىغا بېرىلىشى ئۈچۈن

بىلەپ پارقىرىتىلدى.

12ئەي ئادەم بالىسى، ۋارقىراپ يىغلا،

چۈنكى بۇ قىلىچ مېنىڭ خەلقىمگە

ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق يېتەكچىلىرىگە قارشى تۇرىدۇ.

يېتەكچىلەر قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ،

خەلقىم بىلەن بىرگە قىرىلىدۇ.

شۇڭا سەن مەيدەڭگە مۇشتلا.

13خەلقنى سىنايدىغان ۋاقىت چوقۇم كېلىدۇ. بۇ قىلىچ ھەتتا يەھۇدىيەنىڭ سەلتەنەت ھاسىسىنى مەنسىتمەيدۇ، ئەگەر سەلتەنەت ھاسىسى بولمىسا، قانداق بولار؟ بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

14ئەي ئادەم بالىسى، ۋەھىيىمنى يەتكۈز ۋە مۇشتۇڭنى تۈر.

قىلىچ ئىككى، ئۈچ قېتىم ئۇرۇلسۇن.

بۇ قىلىچ قىرغىنچىلىق ئۈچۈن تەيىنلەنگەندۇر،

ئۇ كۆپ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان قىلىچتۇر،

ئۇ ھەممە تەرەپتىن كېلىدۇ.

15قورقۇنچتىن خەلقىمنىڭ يۈرەكلىرى يېرىلسۇن،

كۆپلىرى ھالاك بولسۇن.

شەھەر دەرۋازىلىرىغا ئۇ قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردۇم.

ئۇ چاقماقتەك پارقىرايدۇ،

قىرغىنغا تەييار تۇرىدۇ.

16ئەي قىلىچ، ئوڭ-سولۇڭغا ئۇرۇل،

قايسى تەرەپ بولسا مەيلى.

17مەنمۇ مۇشتۇملىرىمنى تۈرۈپ قويدۇم،

غەزەپلىرىم بېسىلسۇن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچى

18پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

19_ ئەي ئادەم بالىسى، بابىل پادىشاھى بىر قىلىچتۇر، ئۇنىڭ بېرىشى ئۈچۈن ئىككى يول سىز. ھەر ئىككى يول بىر نۇقتىدىن باشلانسۇن. شەھەرگە بارىدىغان يولنىڭ باشلانغان يېرىگە بەلگە ئورنات. 20يوللارنىڭ بىرى ئاممونلارنىڭ يۇرتىنىڭ مەركىزى بولغان رابباھقا، يەنە بىرى يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھىرى بولغان يېرۇسالېمغا تۇتاشسۇن. 21بابىل پادىشاھى يولنىڭ ئايرىلىدىغان يېرىگە كەلگەندە، ئوقيانىڭ ئوقى ئارقىلىق پال سېلىپ، بۇتقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. مال ئۆلتۈرۈپ، جىگىرىگە قاراپمۇ پال سالىدۇ. 22ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا پالنىڭ جاۋابى، يەنى يېرۇسالېم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوۋۇقبۇزار بىلەن يېرۇسالېم سېپىلىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ لەشكەرلىرىگە: «قىرىڭلار، چۇقان سېلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق بېرىپ، شەھەر دەرۋازىلىرىغا قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇرۇپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلەپ، شەھەرنى قورشاش ئىنشائاتلىرىنى بەرپا قىلماقچى بولىدۇ. 23لېكىن يېرۇسالېملىقلار بابىل پادىشاھىنىڭ سالغان پالىغا ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار بابىل پادىشاھىغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ قەسەم ئىچىشكەنىدى. لېكىن بابىل پادىشاھى ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئىسيانكارلىقىنى يۈزىگە سېلىپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىدۇ. 24شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «چاۋاڭلار چىتقا يېيىلىپ، گۇناھىڭلار ئاشكارا بولدى، شۇڭا سىلەر ئەسىر قىلىنىسىلەر.»

25ئەي ئىسرائىللارنىڭ پاسىق ۋە رەزىل پادىشاھى، سېنىڭ ۋاقتىڭ توشتى، سوراق قىلىنىدىغان كۈنۈڭ كەلدى. 26مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «بېشىڭدىكى سەللەڭنى يېشىپ، تاجىڭنى ئېلىۋەت، زامان ئۆزگەردى. ئەمدى خار بولغانلار ئەزىزلىنىدۇ، ئەزىزلەنگەنلەر خار بولىدۇ. 27ۋەيران بولىدۇ، ۋەيران بولىدۇ، مەن يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىمەن. لېكىن شەھەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچى كەلمىگۈچە، بۇ ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ، بۇ شەھەرنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن.»

28ئەي ئادەم بالىسى، ئاممونلار ۋە ئۇلارنىڭ تارتىدىغان خورلۇقلىرى ھەققىدە بېشارەت بەر. ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت:

«قىلىچ، قىلىچ غىلىپىدىن چىقتى، ئۇ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ،

ئۇ چاقماقتەك چاقناش ئۈچۈن پارقىرىتىلدى.

29سىلەر كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر ۋە سالغان پالىڭلار يالغاندۇر.

ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان رەزىللەرنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلىدۇ.

چۈنكى ۋاقىت توشتى، سوراق كۈنى كەلدى.

30ئەي قىلىچ، غىلىپىڭغا سېلىن!

سەن يارىتىلغان يۇرتۇڭدا سېنى سوراق قىلىمەن.

31ساڭا غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن، قەھرىمنى چاچىمەن.

مەن سېنى قانخورلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن،

ئۇلارنىڭ ماھىرلىرى سېنى ئۆلتۈرىدۇ.

32سەن ئوتۇندەك كۆيدۈرۈلىسەن، قېنىڭ تۇپراقلىرىڭدا ئاقىدۇ.

ھېچكىم سېنى ئەسلىمەيدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى