« ئەزەكىئەل »

25

ئاممونلارغا قارشى چۈشكەن ۋەھىي

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، ئاممون خەلقىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز 3ۋە ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار. مۇقەددەس ئىبادەتخانام بۇلغىنىپ، ئىسرائىلىيە زېمىنى خارابلىشىپ، يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنغاندا سىلەر خۇشال بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، 4مەن سىلەرنى شەرقتىن كەلگەن خەلقلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇلار سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا ئولتۇراقلىشىپ، چېدىرلىرىنى تىكىدۇ، مېۋەڭلارنى يەپ، سۈتۈڭلارنى ئىچىدۇ. 5مەن پايتەختىڭلار رابباھ شەھىرىنى تۆگىلەر ئوتلايدىغان ئوتلاققا ئايلاندۇرىمەن، ئاممونلارنىڭ زېمىنىنى قوي قوتىنىغا ئايلاندۇرىمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.

6مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە دەيمەنكى، سىلەر كۆڭلۈڭلاردا ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنىغا ئاپەت كەلگەندە، خۇشاللىقىڭلاردىن چاۋاك چېلىشىپ، سەكرىشىپ، تەنتەنە قىلىشتىڭلار. 7شۇڭا مەن سىلەرگە قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، سىلەرنى باشقا ئەللەرگە ئولجا قىلىپ تۇتۇپ بېرىمەن. سىلەرنى ئەللەر ئارىسىدىن يوق قىلىمەن، سىلەر ھالاك بولىسىلەر. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.»

موئابلارغا قارشى چۈشكەن ۋەھىي

8ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «موئاب ۋە سەئىر خەلقى: ‹يەھۇدىيە خەلقىنىڭ باشقا خەلقلەردىن ھېچقانداق پەرقى يوق› دەپ سۆزلەپ يۈرۈشتى. 9شۇڭا مەن موئابنىڭ غەربىي چېگراسىنى ئاچىمەن. موئابنىڭ چېگراسىدىكى گۆھەر شەھەر ھېسابلانغان بەيت-يىشىموت، بائال-مىئون، قىرياتائىم شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن. 10مەن ئۇلارنى ئاممونلار بىلەن بىرلىكتە شەرقتىن كەلگەن خەلقلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. شۇندىن باشلاپ ئاممونلار ئەللەر ئارىسىدا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ. 11موئابلارنى چوقۇم جازالايمەن، شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

ئىدوملارغا قارشى چۈشكەن ۋەھىي

12ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىدوم خەلقى يەھۇدىيە خەلقىدىن ئۆچ ئېلىپ، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدى. 13شۇڭا مەن ئىدومغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، ئۇ يەردىكى ئادەملەرنى، ھايۋانلارنى يوقىتىپ، زېمىنلىرىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن. تېمان شەھىرىدىن دىدان شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان خەلقنى قىلىچتىن ئۆتكۈزىمەن. 14مەن ئىسرائىللارنىڭ قولى ئارقىلىق ئىدوملاردىن ئۆچ ئالىمەن. ئىسرائىللار مېنىڭ قەھر-غەزىپىم بويىچە ئۇلارنى جازالايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ قىساسىمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى چۈشكەن ۋەھىي

15ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «فىلىستىيەلىكلەر ئەسىرلەردىن بېرى كۆڭۈللىرىدە ساقلاپ كەلگەن كونا ئۆچ-ئاداۋەتلىرى بىلەن يەھۇدىيەلىكلەردىن ئۆچ ئالماقچى ۋە ئۇلارنى يوقاتماقچى بولۇشتى. 16شۇڭا مەن ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈرىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كىرېت قەبىلىسىنى يوقىتىمەن، دېڭىز بويىدا ياشايدىغانلارنىمۇ قىرىپ تاشلايمەن. 17مەن ئۇلاردىن دەھشەتلىك قىساس ئالىمەن ۋە ئۇلارنى قەھر-غەزىپىم بىلەن جازالايمەن. مەن ئۇلاردىن قىساس ئالغاندىلا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى