« ئەزەكىئەل »

4

يېرۇسالېمنىڭ مۇھاسىرىگە ئېلىنىشىنىڭ بېشارىتى

1_ ئەي ئادەم بالىسى، بىر دانە كېسەك ئەكېلىپ، ئۇنى ئالدىڭغا قوي ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرۇسالېم شەھىرىنى ئويۇپ چىق. 2ئاندىن ئويۇلغان شەھەرنىڭ مۇھاسىرىدە قالغانلىقىغا ئىشارە قىلىپ، ئەتراپىغا سېپىلغا چىقىدىغان ئىنشائاتلارنى ياسا، توپا دۆۋىلە، بارگاھ قۇر، قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇر. 3قولۇڭغا بىر تاۋا ئېلىپ، ئۇنى سەن بىلەن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۆمۈر تام سۈپىتىدە تىكلەپ قوي. ئاندىن شەھەرگە يۈزلەن، شەھەر قورشاۋغا ئېلىنغان ھالەتتە بولسۇن، شەھەرنى سەن قورشاۋغا ئالىسەن. بۇ ئىسرائىل خەلقىگە بېرىلگەن بىر بېشارەت بولىدۇ.

4ئاندىن سول يېنىڭنى بېسىپ يېتىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۈستۈڭگە ئال. سول يېنىڭنى بېسىپ ياتقان ھەربىر كۈن سەن ئۈستۈڭگە ئالغان ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ يىل سانى بولىدۇ. 5ئۇلار قانچە يىل گۇناھ قىلغان بولسا، سەن شۇنچە كۈن سول يېنىڭچە ياتىسەن. سەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن 390 كۈن سول يېنىڭنى بېسىپ ياتىسەن. 6ئاندىن سەن 40 كۈن ئوڭ يېنىڭنى بېسىپ يېتىپ، يەھۇدىيە خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۈستۈڭگە ئالىسەن. سەن يېنىڭنى بېسىپ ياتقان كۈنلەرنىڭ سانى ئۇلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن يىللىرىنىڭ سانىدۇر. 7ئاندىن قورشاۋ ئاستىدىكى يېرۇسالېمغا يۈزلەن، يېڭىڭنى تۈرۈپ، بۇ شەھەرگە قارشى بېشارەت بەر. 8شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىش مۇددىتى توشمىغۇچە، ئوڭ، سول تەرىپىڭنى ئالماشتۇرۇۋالماسلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ قويىمەن.

9نان قىلىش ئۈچۈن ئارپا، پۇرچاق، ماش، تېرىق ۋە ھەر خىل بۇغدايلارنى كومزەككە قاچىلىۋال، بۇلارنى 390 كۈن يېنىڭچە ياتقان ۋاقتىڭدا ئوزۇق قىلىسەن. 10-11ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يەيدىغان نەرسەڭنىڭ مىقدارى بىر قاچا تاماق، بىر كاسا سۇ بولىدۇ. 12باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئوتۇن ئورنىغا ئادەم تېزىكى ئىشلىتىپ، نان پىشۇرىسەن.

13پەرۋەردىگار يەنە:

بۇ مەن ئىسرائىللارنى ياقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ھارام يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، _ دېدى. 14مەن:

_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنى بۇلغاپ باقمىدىم! مەن بالا ۋاقتىمدىن تاكى ھازىرغىچە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ۋە باشقا ھارام گۆشلەرنى ئاغزىمغا ئېلىپ باقمىدىم، _ دېدىم. 15ئۇ ماڭا:

_ بولىدۇ، ئادەم تېزىكى ئورنىغا كالا تېزىكى ئىشلىتىشىڭگە رۇخسەت قىلاي، _ دېدى. 16ئۇ يەنە:

_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن يېرۇسالېمنىڭ ئاشلىق مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. ئۇلار نورمىلىق يېمەكلىكلىرى ۋە سۇلىرىنى تەشۋىش ۋە قورقۇنچ بىلەن يەپ-ئىچىشىدۇ. 17ئۇلارنىڭ ئاشلىقى ۋە سۈيى كەمچىل بولىدۇ. ئۇلار ۋەھىمە ئىچىدە بىر-بىرىگە قارىشىدۇ، ئاخىرى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ماغدۇرسىزلىنىپ ھالاك بولۇشىدۇ، _ دېدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى