« ئەزەكىئەل »

13

ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەيىبلىنىشى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2-3_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەدە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈپ يۈرگەن ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز. ئۆزى بىلگەنچە سۆزلەپ يۈرىدىغان ئاشۇ ۋەھىيچىلەرگە قارشى ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئەخمەقلەر، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەرگە ۋەھىي كەلمىسىمۇ، سىلەر يالغان ۋەھىيلەرنى توقۇپ چىقىسىلەر. 4ئەي ئىسرائىللار، سىلەرنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىڭلار خارابىلەردىكى چىلبۆرىلەرگە ئوخشايدۇ. 5ئۇلار سېپىللىرىڭلارنىڭ يېرىقلىرىنى ئېتەلمەيدۇ، سېپىلىڭلارنى قايتىدىن ياساپ چىقالمايدۇ. بۇ سېپىللار پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كەلگەندە بولىدىغان ئۇرۇشتا سىلەرنى قوغدىيالمايدۇ. 6ئۇلارنىڭ يەتكۈزگەن غايىبانە ئالامەتلىرى ساختا، ۋەھىيلىرى يالغاندۇر. ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ› دەپ تارقىتىدۇ، لېكىن ئۇلار مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەر ئەمەستۇر. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىمەنە سۆزلىرىنى مېنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇمنى كۈتىدۇ. 7ئەجەبا، ئۇلارنىڭ يەتكۈزگەن غايىبانە ئالامەتلىرى ساختا، يەتكۈزگەن ۋەھىيلىرى يالغان ئەمەسمىدۇ؟ ئۇلار: ‹بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى› دەيدۇ، لېكىن بۇ سۆزلەرنى مەن دېمىگەن.

8شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ساختا پەيغەمبەرلەر، سىلەرنىڭ ساختا غايىبانە ئالامەتلىرىڭلار ۋە يالغان ۋەھىيلىرىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. 9ئەي ئىسرائىللار، مەن ئاشۇ ساختا غايىبانە ئالامەت توقۇيدىغانلار ۋە يالغان ۋەھىي يەتكۈزىدىغانلارغا قارشى چىقىمەن. ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن، ئىسرائىللارنىڭ تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا قايتىشىغا يول قويمايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.

10ساختا پەيغەمبەرلەر خەلقىمنى ئالداپ: ‹سىلەر بىخەتەر› دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھېچبىر بىخەتەرلىك يوقتۇر. بۇ خۇددى ئادەملەرنىڭ ياسىغان ئاجىز تېمىنى ساختا پەيغەمبەرلەر كېلىپ ھاكلاپ قويغاندەك بىر ساختا ئىشتۇر. 11ئەي ئادەم بالىسى، شۇڭا سەن تامنى ھاكلاپ قويغان ئاشۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق ئېيت: ‹سىلەر ھاكلىغان تام چوقۇم ئۆرۈلىدۇ، قاتتىق يامغۇر كېلىۋاتىدۇ، مۆلدۈر ياغىدۇ، كۈچلۈك بوران چىقىدۇ. 12تام ئۆرۈلگەندىن كېيىن، كىشىلەر سىلەردىن سىلەر ھاكلىغان تامنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سورىشىدۇ.›

13شۇ سەۋەبتىن، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئاشۇ ساختا پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق دەيمەن: ‹نەپرىتىم بىلەن بوران چىقىرىمەن، غەزىپىم بىلەن يامغۇر، قەھرىم بىلەن مۆلدۈر ياغدۇرىمەن. 14مەن سىلەرنىڭ ھاكلاپ قويغان تېمىڭلارنى تۈزلەپ، ئۇلىنى ئېچىپ قويىمەن. ۋەيران قىلىنغان تام قەبرەڭلار بولىدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.› 15ئەي ئىسرائىللار، مەن بۇ تامغا ۋە تامنى ھاكلىغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. شۇ چاغدا مەن سىلەرگە: ‹بۇ تام تۈگەشتى، بۇنى ھاكلىغانلارمۇ تۈگەشتى. 16يېرۇسالېم ھەققىدە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈپ، يېرۇسالېم خەتەرلىك ئەھۋالدىمۇ، ئۇنى بىخەتەر دېگەنلەر دەل ئىسرائىللارنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىدۇر› دەيمەن.»

17ئەي ئادەم بالىسى، خەلقىڭ ئىچىدىكى ئۆزى بىلگەنچە ۋەھىي توقۇيدىغان ئاياللار ھەققىدە سۆزلە، ئۇلارغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز. 18ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ئۆزىگە بەند قىلىۋالىدىغان ئاياللار، ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر كىشىلەرنى ئالداش ئۈچۈن بىلەكلىرىڭلارغا تۇمار تاقاپ، بېشىڭلارغا رومال ئارتىپ يۈرىسىلەر. سىلەر جان بېقىش ئۈچۈن باشقىلارنى ئالدىساڭلار بولامدۇ؟ 19سىلەر بىرقانچە ئوچۇم ئارپا ۋە بىر بۇردا نان ئۈچۈن خەلقىم ئارىسىدا ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىسىلەر. يالغان سۆزگە خۇشتارلارغا يالغان سۆزلەيسىلەر. گۇناھسىز ئادەملەرنى نابۇت قىلىسىلەر، ئۆلۈمگە لايىق بولغان ئادەملەرنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالىسىلەر.

20شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹مەن سىلەرنىڭ خۇددى قۇشنى تۇزاققا چۈشۈرمەكچى بولغاندەك ئادەملەرنى تۇزاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئېسىۋالغان تۇمارىڭلارغا قارشى تۇرىمەن. شۇڭا مەن سىلەرنىڭ بىلىكىڭلارغا تۇمار قىلىپ ئېسىۋالغان تۈگۈنچىكىڭلارنى ئېلىپ تاشلاپ، تۇتۇلغان قۇشلارغا ئوخشاش چاڭگىلىڭلارغا چۈشۈپ قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزىمەن. 21مەن يەنە سىلەرنىڭ رومىلىڭلارنى يىرتىپ تاشلاپ، قولۇڭلاردىن خەلقىمنى قۇتقۇزىمەن. ئۇلار ئەمدى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىكى ئولجىغا ئايلانمايدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. 22مەن ئادالەتلىك ئادەملەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنى خالىمايتتىم، لېكىن سىلەر ئۇلارنى يالغانچىلىقىڭلار بىلەن ئۈمىدسىزلەندۈردۈڭلار. رەزىللەرنى يامان يولىدىن يانماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشىغا توسالغۇ بولدۇڭلار. 23شۇڭا سىلەر ئەمدى يالغاندىن غايىبانە ئالامەت توقۇيالمايسىلەر، پال ئاچالمايسىلەر. مەن خەلقىمنى سىلەرنىڭ چاڭگىلىڭلاردىن قۇتقۇزىمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.›»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى