« ئەزەكىئەل »

16

ۋاپاسىز يېرۇسالېم ھەققىدىكى تەمسىل

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سال. 3ئۇنىڭغا ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سېنىڭ نەسەبىڭ يات كەنئاندىندۇر، سەنمۇ ئۇ يەردە تۇغۇلدۇڭ. ئاتاڭ ئامور خەلقىدىن، ئاناڭ خىت خەلقىدىندۇر. 4سەن تۇغۇلغان ۋاقتىڭدا كىندىكىڭنى كېسىپ، تېنىڭنى يۇيۇپ تۇز سۈرتىدىغان ۋە زاكىلايدىغان ئادەم يوق ئىدى. 5ھېچكىم ساڭا ئىچ ئاغرىتمايتتى، ھېسداشلىق قىلمايتتى. ھېچكىم سەن ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايتتى. سەن تۇغۇلغاندىلا كىشىلەر سېنى ئۆچ كۆرۈپ، دالاغا تاشلىۋەتكەنىدى.

6مەن سېنىڭ يېنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، سېنىڭ قان ئىچىدە تېپچەكلەۋاتقانلىقىڭنى كۆردۈم ھەم قان ئىچىدە ياتقان ساڭا: ‹ھايات قال› دېدىم. شۇنداق، قان ئىچىدە ياتقان ساڭا: ‹ھايات قال› دېدىم. 7مەن سېنى خۇددى ئېتىزدىكى گۈل-گىياھلارنى پەرۋىش قىلغاندەك پەرۋىش قىلدىم. سېنىڭ بويۇڭ ئۆسۈپ، يېتىلدىڭ، گۈزەللەشتىڭ، كۆكرەكلىرىڭ تولدى، چاچلىرىڭ ئۆستى، لېكىن سەن يەنىلا يالىڭاچ ئىدىڭ.

8كېيىن مەن يەنە سېنىڭ يېنىڭدىن ئۆتتۈم. سەن قىزلارنىڭ ياشلىق باھارىغا تولغانىدىڭ. مەن سېنىڭ يالىڭاچ تېنىڭگە كىيىمىمنى يېپىپ قويدۇم. سەن بىلەن توي قىلىشقا ئەھدە قىلدىم، سەن مېنىڭ بولدۇڭ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

9مەن بەدىنىڭدىكى قانلارنى يۇيۇپ، تېرىلىرىڭگە زەيتۇن يېغى سۈرتتۈم. 10ئاندىن ئۇچاڭغا كەشتىلىك كىيىم، پۇتۇڭغا ئېسىل چورۇق كىيدۈرۈپ، ئۈستۈڭگە ئېسىل زىغىر ۋە يىپەك رەخت ياپتىم. 11مەن سېنى زىبۇ-زىننەت بىلەن ياساندۇردۇم، قولۇڭغا بىلەزۈك سالدىم، بوينۇڭغا زەنجىر ئاستىم، 12بۇرنۇڭغا ۋە قۇلاقلىرىڭغا ھالقا تاقىدىم، بېشىڭغا چىرايلىق تاج كىيدۈردۈم. 13سېنىڭ تاقىغان زىبۇ-زىننىتىڭ ئالتۇن-كۈمۈش، كىيگىنىڭ زىغىر ۋە يىپەك رەختتە قىلىنغان كىيىم، كەشتىلىك كىيىم، يېگىنىڭ سۈپەتلىك ئۇن، ھەسەل ۋە زەيتۇن يېغى بولدى. سەن تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ، خانىشلىققا ئۆستۈرۈلدۈڭ. 14داڭقىڭ ئەللەرگە تارالدى. چۈنكى مېنىڭ ساڭا بەرگەن سالاپىتىم سېنىڭ گۈزەللىكىڭنى تېخىمۇ تىللاردا داستان قىلغانىدى. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

15لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ گۈزەللىكىگە ئىشىنىپ ۋە شۆھرىتىڭدىن پايدىلىنىپ، پاھىشىلىك قىلدىڭ. يولدىن ئۆتكەن ھەرقانداق كىشىلەر بىلەن زىنا قىلدىڭ. گۈزەللىكىڭدىن ئۇلارنى بەھرىمەن قىلدىڭ. 16سەن كىيىمىڭ بىلەن بۇتخانىنى چىرايلىق بېزەپ، ئۇ يەردە بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ. بۇنداق ئىش يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى! 17مەن ساڭا بەرگەن ئالتۇن-كۈمۈش زىبۇ-زىننەتلەردىن ئەر بۇتلارنى ياساپ، مەيلىڭنى ئۇلارغا بەردىڭ. 18سەن ئۇلارغا كەشتىلىك كىيىملىرىڭنى كىيدۈردۈڭ، ساڭا بەرگەن زەيتۇن يېغىمنى ۋە خۇش پۇراقلىق ئسرىقىمنى ئۇلارغا ھەدىيە قىلدىڭ. 19مەن سېنىڭ يېيىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن سۈپەتلىك ئۇن، زەيتۇن يېغى ۋە ھەسەللەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇلارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە تىزىپ قويدۇڭ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

20سەن يەنە ماڭا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-قىزلىرىڭنى بۇتلارغا قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇندۇڭ. ئەجەبا، سېنىڭ قىلغان باشقا بۇزۇقچىلىقلىرىڭ يەتمىگەنمىدى؟! 21سەن مېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىمنى ئۆلتۈرۈپ، بۇتقا قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇندۇڭ. 22سەن بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلارنى ۋە بۇزۇقچىلىقلارنى قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۆزۈڭنىڭ بالىلىق ۋاقتىڭدىكى يالىڭاچ ھالىتىڭنى ۋە قان ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان كۈنلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالغانمىدىڭ؟!

23مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ھالىڭغا ۋاي، ھالىڭغا ۋاي! سەن بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىپلا قالماي، 24يەنە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈڭگە سۇپا ياسىدىڭ، ھەرقايسى مەيدانلارغا ئېگىز بۇتخانىلارنى سالدۇردۇڭ. 25ھەربىر كوچىنىڭ ئىككى بېشىغا ئېگىز بۇتخانىلارنى سالدۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ گۈزەللىكىنى دەپسەندە قىلدىڭ. سەن يولدىن ئۆتكەن ھەرقانداق كىشىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈڭنى ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ. 26ھەتتا ئىشقىۋاز قوشنىمىز مىسىرلىقلار بىلەنمۇ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدىڭ. 27شۇڭا مەن سېنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈردۈم، زېمىنىڭنى ئازايتتىم. سېنى دۈشمەنلىرىڭ بولغان فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بەردىم، ئۇلارمۇ بۇزۇقچىلىقىڭدىن نومۇس قىلدى. 28سەن تويماس ھاۋايى-ھەۋىسىڭنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئاسسۇرلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ، لېكىن يەنىلا قانمىدىڭ. 29سودىگەرلەر يۇرتى بولغان بابىللىقلار بىلەنمۇ بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ، لېكىن يەنىلا قانمىدىڭ.›

30مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: ‹سېنىڭ شاللاقلىقىڭ چېكىگە يەتتى، سەن نومۇسنى بىلمەيدىغان بىشەم پاھىشىگە ئوخشايسەن. 31سەن ھەربىر كوچىنىڭ بېشىغا سەجدىگاھ، ھەربىر مەيدانغا ئېگىز بۇتخانا ياسىدىڭ، لېكىن بىر تىيىنمۇ ھەق ئالمىدىڭ. ئەمەلىيەتتە سەن بىر پاھىشىگىمۇ يەتمەيسەن. 32سەن بىر بۇزۇقسەن، ئۆزۈڭنىڭ ئېرى بىلەن ئەمەس، بەلكى يات ئەرلەر بىلەن بىرگە بولۇشنى خالايسەن. 33پاھىشىلەر پاھىشىلىك قىلسا، ھەق ئالىدۇ، لېكىن سەن ئەكسىچە ھەممە ئاشنىلىرىڭغا سوۋغا بېرىسەن. سەن ئاشنىلىرىڭنىڭ ھەممە يەردىن كېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىشى ئۈچۈن پارا بېرىسەن. 34سەن باشقا پاھىشىلەرگە ئوخشىمايسەن، ھېچكىم ساڭا ھەق بەرمەيدۇ، ئەكسىچە سەن ئۇلارغا ھەق بېرىسەن. سەن ھەقىقەتەن باشقا پاھىشىلەرگە ئوخشىمايسەن.›

35ئەي پاھىشە يېرۇسالېم، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال. 36مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹سەن ئىشقىۋازلىق قىلدىڭ، كىيىملىرىڭنى سېلىپ، ئاشنىلىرىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ. بارلىق يىرگىنچلىك بۇتلارغا چوقۇندۇڭ. ئۆزۈڭنىڭ پەرزەنتلىرىڭنىڭ قېنىنى بۇتلارغا قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇندۇڭ. 37شۇڭا مەن سەن ياخشى كۆرىدىغان ھەم نەپرەتلىنىدىغان ھەممە ئاشنىلىرىڭنى يىغىپ ئەكېلىپ، ئۇلارنى ساڭا ھەممە تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدۇرىمەن. سېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا يالىڭاچلاپ، تېنىڭنى ئۇلارغا سازايى قىلىمەن. 38سېنى خۇددى بۇزۇق ۋە قاتىل ئاياللارنى جازالىغاندەك جازالايمەن. 39مەن سېنى ئاشنىلىرىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى چاقىدۇ، ئېگىز سېلىنغان بۇتخانىلىرىڭنى تۈزلىۋېتىدۇ، كىيىملىرىڭنى سالدۇرۇپ، ئېسىل گۆھەرلىرىڭنى بۇلاپ كېتىدۇ، سەن يالىڭاچ قالىسەن. 40ئۇلار يىغىلىپ ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە سېنى چالما-كېسەك قىلىدۇ، قىلىچ بىلەن چاپىدۇ. 41ئۆيلىرىڭنى كۆيدۈرۈپ، سېنى نۇرغۇن ئاياللارنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايدۇ. مەن سېنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىشىڭنى توسىمەن، ئەمدى ئاشنىلىرىڭغا ھەق تۆلىمەيسەن. 42شۇندىلا مېنىڭ ساڭا بولغان غەزىپىم بېسىلىدۇ، قەھر-غەزىپىم يوقىلىپ، راھەتلىنىپ قالىمەن، قايتا غەزەپلەنمەيمەن. 43ياش ۋاقىتلىرىڭدا ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قېلىپ، بۇ قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنى غەزەپلەندۈردۈڭ. قاراپ تۇر، سېنى چوقۇم قىلمىشىڭغا لايىق جازالايمەن. ئەي يېرۇسالېم، سېنىڭ قىلغان ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭ يەتمەسمىدى، نېمىشقا يەنە بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ؟ بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›

44ئەي يېرۇسالېم، كىشىلەر سەن ھەققىدە: ‹قىز ئانىسىنى تارتار› دەپ تەمسىل قىلىشىدۇ. 45سەن ھەقىقەتەن ئاناڭنىڭ قىزىسەن. ئاناڭ بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئېرىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆچ كۆرگەنىدى. سەنمۇ ئاچا-سىڭىللىرىڭغا ئوخشايسەن، ئۇلارمۇ ئېرى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆچ كۆرىدۇ. سېنىڭ ئاناڭ خىت خەلقىدىن، ئاتاڭ ئامور خەلقىدىندۇر. 46ئاچاڭ سامارىيەدۇر، ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى شىمالىڭدا، سىڭلىڭ سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى سېنىڭ جەنۇبۇڭدا ياشايتتى. 47سەن ئۇلارنىڭ يولىدا يۈرۈپ، يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى ئۆگىنىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ جەھەتتە ناھايىتى تېزلا ئۇلاردىن ئېشىپ كەتتىڭ. 48مەن مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىڭلىڭ سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى سەنچىلىك ۋە قىزلىرىڭچىلىك رەزىللىك قىلمىغان. 49سىڭلىڭ سودومنىڭ گۇناھى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ ۋە قىزلىرى راھەت-پاراغەتتىن شۇنچىلىك مەغرۇر ۋە تويماس بولۇپ كەتكەنىدىكى، ئۇلار كەمبەغەللەرگە ۋە موھتاجلارغا زىنھار ئىچ ئاغرىتمايتتى. 50ئۇلار شۇنچىلىك ھاكاۋۇر بولۇپ، ئالدىمدا نۇرغۇن يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. مەن بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم. 51سامارىيەنىڭ گۇناھلىرى سېنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ يېرىمىغا يەتمەيدۇ. سەن قىلغان يىرگىنچلىك قىلمىشلار ئۇلار قىلغان قىلمىشلاردىن تېخىمۇ كۆپتۇر. شۇڭا سىڭىللىرىڭ ساڭا قارىغاندا پاك كۆرۈنىدۇ. 52سەن سىڭىللىرىڭغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى ساڭا قارىغاندا پاك كۆرسەتكەن ئىكەنسەن، ئۇنداقتا سەن خورلۇقنى قوبۇل قىل! چۈنكى سېنىڭ گۇناھلىرىڭ سىڭىللىرىڭنىڭ گۇناھلىرىدىن تېخىمۇ ئېغىردۇر. شۇڭا ئۇلار ساڭا قارىغاندا پاك كۆرۈنىدۇ. ئەمدى سەن قىلغان گۇناھلىرىڭدىن نومۇس ھېس قىلىپ، خورلۇقنى قوبۇل قىل!

53سىڭىللىرىڭ سودوم ۋە سامارىيەنى قىزلىرى بىلەن بىرلىكتە قايتا گۈللەندۈرىمەن، سېنىمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە گۈللەندۈرىمەن. 54سەن ئۆزۈڭنىڭ شەرمەندىچىلىكىڭدىن نومۇس قىلىسەن. سىڭىللىرىڭ بولغان سودوم ۋە سامارىيە سېنىڭ قىلغان بارلىق قىلمىشلىرىڭدىن تەسەللىگە ئىگە بولىدۇ. 55سىڭىللىرىڭ سودوم ۋە سامارىيە قىزلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇرۇنقى گۈللەنگەن چاغلىرىغا قايتىدۇ، سەنمۇ قايتىدىن گۈللىنىسەن. 56-57سەن مەغرۇر چاغلىرىڭدا، رەزىللىكلىرىڭ تېخى ئاشكارىلانمىغان ۋاقىتلاردا، سىڭلىڭ سودوم سېنىڭ مەسخىرە نىشانىڭغا ئايلىنىپ قالغانىدى. لېكىن ھازىر سەن ئىدوملۇق ۋە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ، شۇنداقلا ئەتراپىڭدىكى بارلىق ئەللەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدىڭ. ھېچكىم سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ. 58سەن بۇزۇقچىلىق ۋە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭنىڭ جازاسىنى تارتىسەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

59مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹سەن قىلغان قەسىمىڭگە ۋاپا قىلماي، ئەھدىمىزنى بۇزدۇڭ. شۇڭا قىلمىشىڭغا يارىشا جازالىنىسەن. 60لېكىن مەن يەنىلا سېنىڭ ياش چاغلىرىڭدا سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسكە ئېلىپ، ئۇنى يېڭىلاپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمەن. 61سەن ئاچا-سىڭىللىرىڭنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىڭدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس ھېس قىلىسەن. گەرچە بۇ ئىش بۇرۇن مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىدە بولمىسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى سېنىڭ قىزلىرىڭ قىلىپ، ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. 62مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى يېڭىلىغاندا، سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن. 63سېنىڭ بارلىق گۇناھلىرىڭنى ساقىت قىلغىنىمدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس قىلغىنىڭدىن ئاغزىڭنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمايسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى