« ئەزەكىئەل »

6

بۇتپەرەسلەرنىڭ جازالىنىشى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز 3ۋە ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار. ئەي تاغلار، ئېدىرلار، جىرالار ۋە جىلغىلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە قارشى قىلىچ ئەۋەتىمەن. سىلەردىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى ۋەيران قىلىمەن. 4قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇۋېتىمەن، ئىسرىقدانلارنى چېقىۋېتىمەن! مەن سىلەردە ياشايدىغان خەلقنى بۇتلىرى ئالدىدا ھالاك قىلىمەن. 5ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى بۇتلىرىنىڭ ئالدىدا قالىدۇ، سۆڭەكلىرىنى قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ ئەتراپىغا چېچىۋېتىمەن. 6خەلقىم ياشايدىغان شەھەرلەر ۋە غەيرىي سەجدىگاھلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، قۇربانلىق سۇپىلىرى چۇۋۇۋېتىلىدۇ، بۇتلىرى بۇزۇۋېتىلىدۇ ۋە ئىسرىقدانلىرى چېقىپ تاشلىنىدۇ، يەنى خەلقىم ياسىغان ھەممە نەرسە ۋەيران قىلىنىدۇ. 7ھەممە يەرنى ئۆلۈك قاپلايدۇ. شۇندىلا خەلقىم مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ.

8لېكىن مەن خەلقىمنىڭ بىر قىسمىنى ھايات قالدۇرىمەن. ئۇلار قىلىچتىن ئامان قېلىپ، يات ئەللەردە ناتونۇش خەلقلەر ئارىسىدا ياشايدۇ. 9ئۇلار باشقا ئەللەردە سۈرگۈندە يۈرگەن مەزگىللىرىدە، كۆڭلۈمگە قانچىلىك ئازار بېرىشكەنلىكلىرىنى ئەسلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۈمىدلىرىنى بۇتلارغا باغلىغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىدىن يىرگىنىدۇ. 10شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. مېنىڭ ئۇلارغا ئاپەت چۈشۈرىمەن دېگىنىم ھەرگىز قۇرۇق گەپ ئەمەستۇر.›»

11ئەي ئەزەكىئەل، مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيمەن: «سەن مەيدەڭنى ئۇرۇپ، يەرنى تېپىپ تۇرۇپ: ‹ئىسىت، ئىسىت!› دەپ ۋارقىرا. ئۇلار قىلغان بارلىق رەزىل ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن قىلىچتا، ئاچارچىلىق ۋە ۋابادا ئۆلىدۇ. 12يىراقتىكىلىرى ۋابادا، يېقىندىكىلىرى قىلىچتا، قالغانلىرى ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى چاچىمەن. 13ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرى ئەتراپىدا، ئېگىزلىكلەردە، تاغ چوققىلىرىدا، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ۋە پىستە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا، شۇنداقلا بۇتلىرىغا خۇش پۇراقلىق قۇربانلىقلار سۇنغان ھەر يەردە قالىدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. 14مەن ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈرىمەن. ئۇلار ياشاۋاتقان ھەممە يەرلەرنى، يەنى جەنۇبتىكى چۆللۈكتىن تاكى شىمالدىكى رىبلاھ شەھىرىگىچە بولغان يەرلەرنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى