« ئەزەكىئەل »

22

يېرۇسالېمنىڭ گۇناھى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، قانخور يېرۇسالېم ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقار، ئۇنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سال. 3ئۇنىڭغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «بۇت ياساپ ئۆزىنى بۇلغىغان ئەي قانخور شەھەر، ئەمدى ھالاك بولىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى. 4سەن تۆككەن قانلار سەۋەبىدىن گۇناھكار بولدۇڭ. بۇت ياساپ، ئۆزۈڭنى بۇلغىدىڭ. شۇڭا سېنىڭ ۋاقتىڭ توشتى، ھالاك بولىدىغان كۈنۈڭ كەلدى. مەن سېنى باشقا ئەللەر ۋە خەلقلەر ئارىسىدا مەسخىرە ۋە خورلۇققا قالدۇرىمەن. 5سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئەي قالايمىقان شەھەر، يىراق ۋە يېقىندىكىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالىسەن.

6قارا، سەندە ياشايدىغان ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئادەم ئۆلتۈرمەكتە. 7ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمايدۇ، مۇساپىرلارنى ئالدايدۇ، يېتىملەرنى ۋە تۇل خوتۇنلارنى بوزەك قىلىدۇ. 8ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى خارلايدۇ، مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنى مەنسىتمەيدۇ. 9سەندە ياشايدىغان ئىسرائىللارنىڭ بەزىلىرى تۆھمەت قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرگۈزىدۇ. بەزىلىرى تاغلاردىكى بۇتخانىلارغا چىقىپ قۇربانلىقلاردىن يەيدۇ، بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. 10بەزىلىرى ئۆگەي ئانىسى بىلەن زىنا قىلىدۇ، بەزىلىرى ھەيزدار ئاياللارغا زورلۇق قىلىدۇ، 11بەزىلىرى قوشنىسىنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىدۇ، بەزىلىرى كېلىنلىرىنىڭ، يەنە بەزىلىرى ئاتا بىر ئانا باشقا سىڭىللىرىنىڭ نومۇسىغا تېگىدۇ. 12يەنە بەزىلىرى پۇل ئۈچۈن قاتىللىق قىلىدۇ، بەرگەن قەرزلىرىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالىدۇ ۋە باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىدۇ. ئۇلار مېنى ئۇنتۇپ كەتتى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 13سەندىكى ھارام يول بىلەن پۇل تاپقانلار ۋە قان تۆككەنلەرگە غەزەپ ئىچىدە مۇشتۇملىرىمنى تۈگىمەن.

14ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنى جازالىغان كۈنۈم سەندە يەنە ماڭا قارشى چىققۇدەك جاسارەت ۋە كۈچ قالارمۇ؟ مەن پەرۋەردىگار دېگىنىمنى قىلىمەن. 15مەن سەندىكى ئادەملەرنى ياقا يۇرتلارغا ۋە يات ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن، سەندىكى ئىپلاسلىقلارنى يوقىتىمەن. 16سەن ئەللەر ئالدىدا نومۇسقا قالغىنىڭدا، مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن.»

پەرۋەردىگارنىڭ چوڭ ئوچىقى

17پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

18_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقى مەن ئۈچۈن پەقەت داشقالدۇر. ئۇلار كۈمۈش ئېرىتىلگەندىن كېيىن ئوچاقتا قالغان مىس، قەلەي، تۆمۈر ۋە قوغۇشۇندۇر، يەنى كۈمۈشنىڭ داشقاللىرىدۇر. 19شۇڭا ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر داشقالغا ئايلىنىپ قالدىڭلار، شۇڭا مەن سىلەرنى يېرۇسالېمغا يىغىمەن. 20خۇددى ئادەملەر كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن ۋە قەلەيلەرنى ئوچاققا يېغىپ، ئۇلارنى ئېرىتىش ئۈچۈن ئوتنى پۈۋلىگەندەك، مەنمۇ سىلەرنى يىغىپ، يېنىۋاتقان غەزەپ ئوتۇمغا تاشلايمەن ۋە سىلەرنى ئېرىتىمەن. 21مەن سىلەرنى يىغىمەن ۋە غەزەپلىك ئوتۇمنى پۈۋلەيمەن، سىلەر شەھەردە ئوتۇمدا ئېرىپ كېتىسىلەر. 22كۈمۈش ئوچاقتا ئېرىپ كەتكەندەك، سىلەرمۇ شەھەردە غەزەپ ئوتۇمدا ئېرىپ كېتىسىلەر. شۇندىلا سىلەر ئۈستۈڭلارغا غەزەپ ئوتىنى چاچقۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.»

ئىسرائىلىيە يېتەكچىلىرىنىڭ گۇناھلىرى

23پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

24_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دەپ ئېيت: «سەن مېنىڭ غەزەپلەنگەن كۈنۈمدە يامغۇرسىز قېلىپ، پاكلانمىغان زېمىندۇرسەن. 25سەندىكى يېتەكچىلەر خۇددى ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ ھۆركىرىشىۋاتقان شىرلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىپ ۋە ئۇلارنىڭ جېنىغا قەست قىلىپ، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ تۇل قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى. 26سەندىكى روھانىيلار قانۇنۇمنى بۇزۇپ، مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى بۇلغىدى. ئۇلار نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەسلىكىنى ئايرىمىدى، نېمىنىڭ پاك، نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكى ھەققىدە كىشىلەرگە تەلىم بەرمىدى. ئۇلار مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئەمەل قىلماي، نامىمنى خەلق ئارىسىدا ھۆرمەتسىزلىككە دۇچار قىلدى. 27سەندىكى يېتەكچىلەر ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن بۆرىلەردەك ئادەم ئۆلتۈرۈپ، قان تۆكۈپ، ھارامدىن بايلىق توپلىدى. 28سەندىكى ساختا پەيغەمبەرلەر خۇددى ھاك بىلەن تام ئاقارتماقچى بولغاندەك، ئۆزىنىڭ ساختا غايىبانە ئالامەت ۋە ۋەھىيلىرى بىلەن يېتەكچىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى يېپىش ئۈچۈن ‹ئىگىمىز پەرۋەردىگار دەيدۇكى› دەۋالغان بولسىمۇ، لېكىن مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ۋەھىي چۈشۈرمىدىم. 29ئاددىي كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلدى، ئوغرىلىق قىلدى، نامرات ۋە موھتاجلارنى بوزەك قىلدى، مۇساپىرلارنى خورلىدى ۋە ئۇلارغا ئادالەتسىزلىك قىلدى.

30مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سېپىلنى قايتا مۇستەھكەملەيدىغان ۋە سېپىلنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن يېرىدە تۇرۇپ، يۇرتنى قوغدايدىغان ئادەمنى ئىزدىدىم، لېكىن تاپالمىدىم. 31شۇڭا مەن ئۇلارغا قەھرىمنى چاچىمەن، غەزەپ ئوتۇم بىلەن ئۇلارنى يوقىتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازاسىنى بېرىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى