« ئەزەكىئەل »

24

دات باسقان قازان

1سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 9-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى* پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، بۈگۈن دەل بابىل پادىشاھىنىڭ يېرۇسالېمنى قامال قىلغان كۈنىدۇر، سەن چوقۇم بۇ كۈننى پۈتۈۋال. 3سەن ئاسىي ئىسرائىل خەلقىگە تۆۋەندىكى تەمسىلنى ئېيتىپ بەر: «مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹قازاننى ئوتقا قويۇڭلار. قازاننى ئوتقا قويۇپ، ئىچىگە سۇ قۇيۇڭلار.

4ئاندىن ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى يانپاش، بويۇن گۆشلىرىنى سېلىڭلار،

يىلىكلىك سۆڭەكلەر بىلەن تولدۇرۇڭلار.

5قويلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تاللاڭلار.

ئوچاققا كۆپرەك ئوتۇن سېلىڭلار،

قازاننى قاينىتىپ، گۆش ۋە سۆڭەكلەرنى پىشۇرۇڭلار.›

6مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹قانغا بويالغان يېرۇسالېمنىڭ ھالىغا ۋاي!

بۇ شەھەر داتلاشقان قازاندۇر،

ئۇنىڭ داتلىرىنى يوقاتقىلى بولمايدۇ.

شۇڭا بۇ قازاننى بوشات ۋە قولۇڭغا نېمە چىقسا، شۇنى ئال.

7بۇ شەھەردە قىرغىنچىلىق يۈز بەردى،

ئادەملەرنىڭ قېنى تاش ئۈستىگە تۆكۈلدى،

ئەگەر قان يەرگە تۆكۈلگەن بولسا ئىدى،

تۇپراققا كۆمۈلۈپ كەتكەن بولاتتى.

8مەن قاننى يوشۇرغىلى بولمايدىغان تاشقا چاچتىم.

بۇ قان داغلىرى غەزىپىمنى قوزغاپ، مېنى ئىنتىقام ئېلىشقا ئۈندەيدۇ.›

9شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹ھالىڭغا ۋاي، ئەي قانخور شەھەر!

ئۆزۈم ئوتۇن دۆۋىلەيمەن.

10كۆپرەك ئوتۇن دۆۋىلە ۋە ئوتۇنغا ئوت ياق.

گۆشنى قاينىتىۋەر، تاكى شورپىسى قالمىغۇچە قاينات،

سۆڭەكلىرى كۆيۈپ كەتسۇن.

11ئاندىن قۇرۇق مىس قازاننى چوغ ئۈستىگە قوي،

ئۇ قىپقىزىل قىزارسۇن.

قازاندىكى داتلار ئېرىپ، مەينەتچىلىك كۆيۈپ يوق بولسۇن.

12مەن بىھۇدە ئىش قىلىپتىمەن.

داتلار قېلىن بولغاچقا ئوتتا ئېرىمەپتۇ.

ئوتمۇ ئۇنى تازىلىيالماپتۇ.

13ئەي يېرۇسالېم، بۇزۇقچىلىقىڭ سېنى بۇلغاپتۇ،

مەن ئەسلى سېنى پاكلىماقچى بولغانىدىم،

لېكىن سەن پاكلىنىشنى خالىمىدىڭ.

شۇڭا مەن ساڭا غەزەپ قىلمىغۇچە،

سەن مەينەتچىلىكىڭدىن تازىلانمايسەن.

14مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيدىغىنىمنى دېدىم، ئەمدى ھەرىكەت قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى. دېگەنلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، نىيىتىمدىن يانمايمەن، ئاياپ قويمايمەن، پۇشايمانمۇ قىلمايمەن. تۇتقان يولۇڭلار ۋە قىلغان قىلمىشلىرىڭغا يارىشا جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»

پەيغەمبەرنىڭ ئايالىنىڭ ۋاپاتى

15پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

16_ ئەي ئادەم بالىسى، سېنىڭ كۆز قارىچۇقۇڭ بولغان ئايالىڭنى تۇيۇقسىز ئەكېتىمەن، لېكىن سەن ھازا ئاچما، پەرياد قىلما، ياش تۆكمە. 17پەقەت ئۈنسىز ھەسرەتلەن، قارىلىق تۇتما. ئادەتتىكىدەك بېشىڭغا سەللە يۆگەپ، پۇتۇڭغا ئاياغ كىيىپ يۈر، ئېغىز-بۇرنۇڭنى ئەتمە، باشقىلار ئۆيۈڭگە ھال سوراپ ئەكەلگەن تاماقنىمۇ يېمە.

18مەن ئەتىگەندە جامائەت بىلەن سۆزلەشتىم. كەچتە ئايالىم ئالەمدىن ئۆتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە ھەممە ئىشنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدىم.

19جامائەت مەندىن:

_ ئېيتقىنا، بۇنداق قىلغىنىڭنىڭ بىز بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟ _ دەپ سورىدى.

20مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم:

_ پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 21«ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەپ ئېيت: ‹سىلەرنى پەخىرلەندۈرگەن، سۆيۈندۈرگەن ۋە قەلبىڭلارنى ئىنتىلدۈرگەن مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغايمەن. يېرۇسالېمدا قالغان پەرزەنتلىرىڭلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ. 22ئۇ چاغدا سىلەرمۇ ئەزەكىئەل قىلغاندەك ئىشلارنى قىلىسىلەر، يەنى ئېغىز-بۇرنۇڭلارنى ئەتمەيسىلەر، باشقىلار ھال سوراپ ئەكەلگەن تاماقنى يېمەيسىلەر. 23بېشىڭلارغا سەللە يۆگەپ، پۇتۇڭلارغا ئاياغ كىيىپ يۈرىسىلەر. ھازا ئاچمايسىلەر، پەرياد قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، گۇناھىڭلار سىلەرنى تۈگەشتۈرىدۇ، ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارغا ئىڭراپ دەرد تۆكىسىلەر. 24ئەزەكىئەل سىلەر ئۈچۈن بىر تەمسىلدۇر. سىلەرمۇ ئۇ قىلغان ئىشلارنى قىلىسىلەر. بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە سىلەر مېنىڭ ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.›»

25پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئادەم بالىسى، ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن ئۇلار خۇشال بولغان، شەرەپ ھېس قىلغان، سۆيگەن، ئارمان قىلغان قورغىنىنى ۋەيران قىلىمەن، پەرزەنتلىرىنىمۇ ئېلىپ كېتىمەن. 26ئۇ كۈن كەلگەندە، يېرۇسالېمدىن قېچىپ چىقىپ ھايات قالغۇچى ساڭا خەۋەر يەتكۈزىدۇ. 27شۇ چاغدا تىلىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. سەن ئۇ ئادەم بىلەن سۆزلىشەلەيسەن. سەن خەلق ئۈچۈن بىر تەمسىلدۇرسەن، شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.



*1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 588 يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى