« ئەزەكىئەل »

9

بۇتپەرەسلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

1مەن پەرۋەردىگارنىڭ ۋارقىراپ تۇرۇپ: «ئەي بۇ شەھەرنى جازالىغۇچىلار، قوراللىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. 2ئاندىن شىمالدىكى يۇقىرى دەرۋازىدىن ئالتە ئادەمنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆردۈم، قوللىرىدا ئەجەللىك قورال بار ئىدى. ئارىسىدىكى بىرسى زىغىر رەختتىن كىيىم كىيىپ، يېنىغا كاتىپلىق قوراللىرى ئېسىۋالغانىدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇشتى.

3شۇ ئەسنادا، ئالتۇندىن ياسالغان ئىككى كېرۇبنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىدىكى جايىدىن كۆتۈرۈلۈپ، بوسۇغىغا كەلدى. پەرۋەردىگار زىغىر رەختتىن كىيىم كىيىپ، يېنىغا كاتىپلىق قوراللىرى ئېسىۋالغان ئادەمنى چاقىرىپ، 4ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سەن بېرىپ، يېرۇسالېمنى ئايلىنىپ، شەھەردە بولۇۋاتقان يىرگىنچلىك ئىشلارغا ئېچىنىپ، پەرياد قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ پېشانىسىگە بەلگە سېلىپ قوي.»

5ئاندىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ باشقىلارغا: «سىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بېرىڭلار، شەھەردىكى كىشىلەرنى قىرغىن قىلىڭلار، ھېچكىمنى ئاياپ قويماڭلار، ھېچكىمگە رەھىم قىلماڭلار. 6ئەر-ئايال، قېرى-ياش، ئانا-بالا بولسۇن ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار. لېكىن بەلگىسى بار كىشىلەرگە تەگمەڭلار. قىرغىننى ئىبادەتخانامدىن باشلاڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىرغىننى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاقساقاللارنى ئۆلتۈرۈشتىن باشلىدى. 7پەرۋەردىگار يەنە ئۇلارغا: «ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىنى ئۆلۈكلەرگە تولدۇرۇپ، ئىبادەتخانىنى بۇلغاڭلار، ھازىرلا باشلاڭلار!» دېدى.

ئۇلار شەھەرگە بېرىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈشنى باشلىدى. 8پەقەت مەنلا قالدىم. مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ، نىدا قىلدىم:

_ ئېھ ئىگەم پەرۋەردىگار، يېرۇسالېمغا غەزەپ قىلغىنىڭدا، ئىسرائىلىيەدە قېلىپ قالغان بارلىق ئىسرائىللارنىمۇ ھالاك قىلماقچىمۇ؟

9ئۇ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يەتتى. پۈتۈن زېمىن قانغا بويالدى ۋە يېرۇسالېممۇ ئادالەتسىزلىككە تولدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىندىن ۋاز كەچتى، بىزنى كۆرمەيدۇ» دېيىشىدۇ. 10شۇڭا ھېچكىمنى ئاياپ قويمايمەن، ھېچكىمگە رەھىم قىلمايمەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازاسىنى بېرىمەن.

11ھېلىقى زىغىر رەختتىن كىيىم كىيىپ، يېنىغا كاتىپلىق قوراللىرى ئېسىۋالغان ئادەم قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا:

_ مەن ئەمرنى بەجا كەلتۈردۈم، _ دېدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى